سالىھلار ۋە سالىھ ئەمەللەر

سالىھلار ۋە سالىھ ئەمەللەر

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەرەب تىلىدىكى «صالح» (سالىھ) دېگەن سۆزنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى: ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان ۋە توپتوغرا يولدا بولغان ئادەم دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا بولسا ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان ۋە ئاللاھ تائالا بۇيرۇغاننى قىلىپ، توسقاننى قىلمايدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. ئۆلىمالار ئومۇمەن سالىھ ئاتالغۇسىنى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغان، يامان ئىشتىن توسۇلۇپ، ياخشى ئىش دائىرىسىدە ئىش قىلىدىغان ئادەم دەپ تەرىپلەيدۇ. چۈنكى ئادەم سالىھ دەرىجىسىگە يەتكەندە، ئۇنىڭ ئىبادەتلىرى ئۆزىنى يامانلىقلاردىن ۋە ناچار قىلىقلاردىن توسۇپ، ئەخلاق-پەزىلەت دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. بۇ نامازنىڭ گۇناھتىن توسقىنىغا، روزىنىڭ ئادەمنى تەقۋالىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرگىنىگە، زاكاتنىڭ ئۇنى سېخىيلىقتىن ئىبادەت گۈزەل ئەخلاققا ئىگە قىلغىنىغا ئوخشاش.

سالىھ كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرى

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ سالىھ بەندىلىرىنى تۆۋەندىكىچە سۈپەتلىگەن: « رەھمان ئاللاھنىڭ (سالىھ) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (نالايىق) سۆزلەرنى قىلسا، ئۇلار: «ئامان بولايلى» دەيدۇ (ۋە ئۆتۈپ كېتىدۇ). ئۇلار كېچىلەرنى رەببىگە سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئى رەببىمىز! جەھەننەم ئازابىنى بىزدىن يىراق قىلغىن، شەكسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابى دائىملىقتۇر. جەھەننەم راستتىنلا يامان قارارگاھتۇر، يامان جايدۇر». ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا باشقا بىر ئىلاھنى شېرىك قىلمايدۇ، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ. كىمكى بۇ (گۇناھلاردىن بىرەرسى)نى قىلىدىكەن، ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ»[1].

العمل الصالح (سالىھ ئەمەل ياكى ياخشى ئەمەل) قۇرئان كەرىمدە ئىمان بىلەن ياندىشىپ كەلگەن بىر سۆزدۇر. )وَبَشِّرِ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ( «(ئى پەيغەمبەر!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن»[2]، )وَالَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ( «ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەت ئەھلىدۇر. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ»[3] دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالى. بۇ سۆز ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان، رازى بولىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلىنغان ھەرقانداق ئەمەلنى كۆرسىتىدۇ. ئىمان بىلەن ياخسى ئەمەل قۇشنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشاش بولۇپ، بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئامانلىقىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئەمەلسىز ئىمان بىزنى قۇتقۇزۇشقا يەتمىگەندەك، ئىمانسىز ئەمەل پايدىسىزدۇر.

ياخشى ئەمەلنىڭ قوبۇل بولۇش شەرتلىرى

دىنىمىزدا ھەرقانداق بىر ئەمەلنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن مۇنداق ئۈچ شەرت بار:

1.              ئەمەلنىڭ دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىگە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆگەتكەنلىرىگە ئۇيگۇن بولۇشى. «پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار»[4]. بۇ ئايەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ۋە ھەرقانداق ئەمەۋل-ئىبادەتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلىپ كۆرسەتكەنلىرىگە مۇۋاپىق بولۇشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

2.              ئەمەلنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلىنغان بولۇشى. « ئۇلار پەقەت دىننى ئاللاھقا خاس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلغان ئىدى»[5]. بۇ ئايەتنىڭ دىننىڭ ئاساسى ئاللاھ تائالاغا خالىس ئىبادەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ۋە ئەمەلنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئىخلاس شەرت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

3.              ئەمەلنىڭ ئىمان ۋە توغرا ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇشى، يەنى ئەمەل قىلغۇچىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ۋە ئەقىدىسىنىڭ دۇرۇس بولۇشى. چۈنكى ئىمانى يوق ياكى ئىمانى بولغان تەقدىردىمۇ ئەقىدىسى ئىسلام تەلىماتىغا زىت كېلىدىغان كىشىنىڭ قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ.

ياخشى ئەمەلنىڭ مېۋىلىرى ئىنتايىن كۆپ ۋە كاتتا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك ھاياتقا ئىگە بولۇشتۇر. «ئەر _ ئايال مۇئمىنلەردىن كىمكى مۇئمىنلىك ھالىتىدە تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئەمەلنى قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى ھاياتتا ياشىتىمىز ۋە ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن بېرىمىز»[6].

[1] فۇرقان سۈرىسى: 63-68- ئايەتلەر.
[2] بەقەرە سۈرىسى: 25- ئايەت.
[3] بەقەرە سۈرىسى: 82- ئايەت.
[4] ھەشر سۈرىسى: 7- ئايەت.
[5] بەييىنە سۈسىرى: 5- ئايەت.
[6] نەھل سۈرىسى: 97-ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار