ئالىي ھىممەت سىزنى يۇلتۇزلارغا تاقاشتۇرىدۇ

ئالىي ھىممەت سىزنى يۇلتۇزلارغا تاقاشتۇرىدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھىممەت— بىرەر ئىشقا بەل باغلاش، كۈچلۈك ئىرادە دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىنساننى بىرەر غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىتتىرىدىغان كۈچتۇر. بەزى ئۆلىمالار ھىممەتنى ئىنساندىكى يوشۇرۇن ئېنىرگىيە دەپ تەرىپلىگەن. چۈنكى بىزنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەشكە ئىتتىرىپ تۇرىدىغان نەرسە ھىممەتتۇر. ھاياتلىق سەپىرى ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك سەپەر بولۇپ، ئىنسانلار بۇ سەپەرنى كۆڭۈللۈك ۋە غەلىبىلىك داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن، ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ تۇرىدىغان، قەدىمىنى رۇسلاپ تۇرىدىغان ، ئۇنى ئىزچىللىققا يېتەكلەيدىغان ئالىي ھىممەتكە موھتاجدۇر. ئىنسان ھاياتىدا ھىممەتنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، كىشىلەر ئالىي ھىممەتنىڭ شاراپىتى بىلەن كۆز يەتمىگەن مەنزىللەرگە يېتىدۇ. بۇنىڭغا تارىخ گۇۋاھتۇر.  پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شانلىق تارىخىغا قارايدىغان بولساق. ئالىي ھىممەت نەتىجىلىرىنىڭ نەمۇنىلىرىنى كۆرەلەيمىز.

ئىنسانلار كۆرۈنۈشتە بىر-بىرىگە ئوخشىغان بىلەن ھىممەت جەھەتتىن پەرقلىق بولۇپ، بەزى ئىنسانلار يېيىش-ئىچىشتىن ۋە ھاياتتىن ھۇزۇر ئېلىشتىن باشقىسىنى ئويلىمايدۇ. ئۇلاردا بىرەر نىشان، غايە دەيدىغان نەرسە بولمايدۇ، ئۇلار نېمە قىلىشنى ۋە نېمە قىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي ياشئايدۇ. يەنە بەزى ئىنسانلار ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ، بارچە ھىممىتىنى باشقىلارغا ياخشىلىق يەتكۈزۈشكە ئاتايدۇ. تارىخشۇناسلار بىر ئۈممەتنى بەرپا قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشقان بىر قانچە يۈز يىللىق ئىزچىل ئەمگەك كېرەك دەپ قارايدۇ. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۈممىتىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ غايىنى چارەك ئەسىرگە يەتمەيدىغان بىر ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرالىدى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالىي ھىممەتلىك، ئۈمىدۋار، قورقماس زات ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدا چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك دەيدىغان نەرسىلەر بولمىغان. ئۇ كېچىنىڭ زۇلمەتلىرىنى ئىماننىڭ نۇرى بىلەن، ھاياتىنى قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن يورۇتقان زات ئىدى.

ئالىي ھىممەت ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈردۇر. چۈنكى بۇ دۇنيادا ئىززىتى بىلەن ياشاش، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىش ھىممەت دەرىجىسىگە قاراپ بولىدۇ. ئالىي ھىممەتلىك ئىنسانلار كۆزلىگەن نىسانىغا يېتىپ بارالايدۇ. ئەمما ھىممەتسىز ئادەملەر سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن ئەخلەتلەردەك ياكى ئۆلۈك بېلىقلاردەك سۇ ھەيدىگەن تەرەپكە ھەيدىلىپ يۈرىدۇ. ھىممەتسىز ئىنساننىڭ كەلكۈن سۈپۈرۈپ دېڭىز قىرغىقىغا چىقىرىپ قويغان ئەخلەتتىن ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر.  ئىنسانلار جەننەتكە ھىممىتى بىلەن كىرەلەيدۇ. ھىممەتمۇ ئالىي ھىممەت ۋە تۆۋەن ھىممەت دەپ دەرىجىلىنىدۇ. ئالىي ھىممەتلىك كىشىلەر فىردەۋس جەننەتلىرىگە لايىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە: «سىلەر ئاللاھتىن جەننەتنى تىلىمەكچى بولساڭلار، فىردەۋس جەننىتىنى تىلەڭلار» دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمان ئادەمنىڭ تىلىكى ۋە ئارزۇسى ھەرگىز ئاددىي بولماسلىقى لازىم. چۈنكى ئۇ ئاشۇ ئارزۇسىغا ۋە ئاشۇ تىلىكىگە ئاساسەن تىرىشىدۇ، ئەزىز، ھۆر ياشاشنى تىلىگەن ئادەم ئاشۇ ئەزىزلىك بىلەن ھۆرلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن قاتتىق ئىشلەيدۇ، فىردەۋس جەننىتىنى تىلىگەن ئادەم ئۆزىنى فىردەۋس جەننىتىگە كىرىشكە لايىق قىلىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ. ئالىي ھىممەت ماشىنىنىڭ موتورىغا ئوخشاش ئىنساننى نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئىتتىرىدۇ، قوزغىتىدۇ. ھىممەتلىك كىشىلەر بىلەن ھىممەتسىز كىشىلەرنىڭ پەرقى تىرىك بىلەن ئۆلۈكنىڭ پەرقىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى ھىممەتلىكلەر ھايات، ھىممەتسىزلەر ئۆلۈكلەردۇر.

مۇسۇلمان ئادەم ئالىي ھىممەت بىلەن پەزىلەت قايناملىرىغا شۇڭغۇيدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالىي دەرىجىلەرگە ئۆرلەيدۇ. ئۇ ئالىي ھىممەت، ئولۇغ مەقسەت، يۈكسەك نىشانلار بىلەن ئۆزىنى بېزىشى ۋە قۇراللاندۇرۇشى لازىم. چۈنكى، ھىممەت- ۋۇجۇدىڭىزدىكى پەزىلەتلەرنىڭ قوزغاتقۇچىسى، شۇنداقلا چەكسىز مەنپەئەتلىرىڭىزنىڭ كاپالىتىدۇر. مۇسۇلمان ئادەم ئىلىم تەھسىل قىلىشتا، ئەمەل-ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىشتا، غايە ئۈچۈن ئىشلەشتە ئازغا قانائەت قىلمايدىغان، سەپنىڭ كەينىدە تۇرۇپ قالمايدىغان كىشى ياكى ئۆز ھالى بىلەن يۈرۈپ، ئۆزىدىن ئېشىنالمايدىغان كىشى بولۇپ قالماسلىقى لازىم. ئىنسان ئالىي ھىممىتى بىلەن ئەبەدىي پاكلىق، مۇقەددەسلىك ۋە پەزىلەتكە قاراپ ئۆرلەيدۇ. ئالىي ھىممەت ئىگىسى قولىدىن كەتكەن ياخشىلىقلار ئۈچۈن ھەسرەت چېكىدۇ، كۆپلەپ ياخشىلىقلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزچىل ئىشلەيدۇ.

ئالىي ھىممەت پەيغەمبەرلەرنىڭ تەۋەررۈكى، ياخشىلارنىڭ خىسلىتى ۋە نەتىجە قازانغانلارنىڭ مەخپىي رېتسىپىدۇر. ئالىي ھىممەت ئىگىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەيدۇ.

 ئالىي ھىممەتنى ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرى

 ئالىي ھىممەتنى ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرىدىن بىرى ئىلىم ۋە يىراقنى كۆرۈشنى ئاساس قىلغان ئويغاقلىق، ھوشيارلىق ۋە جىددىيلىكتۇر. بۇنىڭغا غايىنىڭ ئېنىق بولۇشى، غايىگە يېتىش يولىدىكى قىيىنچىلقلارغا قارىتا ئالدىن تەييارلىق ۋە ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلىش قاتارلىق ئۈچ ئىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئالىي ھىممەتنى ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرىدىن يەنە بىرى ھىممەتلىك كىشىلەر بىلەن بىللە بولۇش، ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشتۇر.

ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم! سىز ۋۇجۇدىڭىزغا ئالىي ھىممەت تامغىسىنى بېسىڭكى، ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغايسىز، نىشانغا قاراپ ئۆرلىگەيسىز، ھەرگىز ھېرىپ قالمىغايسىز.

ئى ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى! ئالىي ھىممەتنى يۈرىكىڭىزگە يېزىڭكى، ئۇ سىزنى ئېگىز چوققىلارغا – ياق، يۇلتۇزلارغا تاقاشتۇرىدىغان ئاكتىپ ئېنىرگىيەگە ئايلانسۇن!

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار