يۈرەك سىرلىرى

                  يۈرەك سىرلىرى

 

 شات ئىدىم، بېشىمغا كەلمىگەن بىرگەم.

 كۆزلىرىم يىل بويى بولمىغان ھېچ نەم.

 بەختىيار ياشايتتىم شېرىن خىيالدا.

 دەرئىدىم كەلگۈسى تەل بىزگە يوق كەم.

 

 بوراندا يېقىلدىم، تۆكۈلدى ئېشىم.

 يامغۇرغا قوشۇلدى مۆلدۈرلەپ يېشىم.

 قەدەردىن كۈتكىنىم شۇنچىلىك بولۇپ.

 قايغۇردى ھەسرەتتىن بۇ يالغۇز بېشىم.

 

 باش باھار جۇدۇندا كۈللىرىم سولدى.

 يۈرىگىم دەرت- ئەلەم، ھەسرەتكە تولدى

 ئۆتمەكتە كۈنلىرىم مەنىسىز بولۇپ.

 ئاھ خۇدا مەن ئۈچۈن يامان بولدى.

 

 خوشاللىق چاغلىرىم ئۇزاقلاپ كەتتى.

 روھىمغا بىر كېسەل ئاپىتى سەتتى.

قامچىسى ئوينىتىپ بېشىمدا قەدەر.

 بۇئېغىر كۈنلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

 

 زامانىم مېنىڭدىن ئۆچىنى ئالدى.

 كۆڭلۈمگە بىرئۆچمەس داغلارنى سالدى.

 ئۈمىدىم ھەممىدىن ئۈزۈلۈپ پەقەت.

 ئاللانىڭ پەزلىنى كۈتۈشلا قالدى.

 

 مۇسۇلمان ئىكەنمەن چىدايمەن ئاڭا.

 قەدەرىم تاپ- تەنە قىلمايمەن ساڭا.

 ھەممىگە سەۋەپكار خاھىشىم دەيمەن.

 ئىلاھىم ھېچ زۇلۇم قىلمىدى ماڭا.

 

          10-10- 1994

         ئىستانبۇل- تۈركىيە.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار