پەيغەمبەر مەدھىيىسى

پەيغەمبەر مەدھىيىسى

ئىمام بۇسىرىنىڭ«بۇردە»ناملىق مەشھۇر قەسىيدىسى

 

 تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۈسۈپ

محمد أشـرف الأعـراب والعجــم     
محمد خير من يمشي على قدم

 

مۇھەممەد  ئەرەب-ئەجەمنىڭ ئېسىلى،

مۇھەممەد  ئىنسان نەسلىنىڭ سەرخىلى،

محمد باسـط المعــروف جـامعـه     
محمد صـاحب الإحسان والكــرم

   

مۇھەممەد  پۈتۈن ياخشىلىق ئۈلگىسى،

مۇھەممەد  ئاتا- ئىھساننىڭ ئىگىسى،

محمد تــــاج رســل الله قـاطبــة      
محمد صـادق الأقــوال والكلـــم

 

مۇھەممەد  جىمى پەيغەمبەرنىڭ تاجىسى،

مۇھەممەد  راستچىل، راستچىللىقنىڭ تامغىسى،

محمد ثـابـت الميثــاق حـافــظه      
محمد طـيب الأخلاق والشيــم

 

مۇھەممەد  ئەھدۇ-مىساقنىڭ ئەمىنى،        

مۇھەممەد  ئەدەب-ئەخلاقنىڭ ئەمىرى،

محمد خُـبِـيَت بالنــــور طــينتُـهُ      
محمد لم يـزل نــوراً من القِــدم

 

مۇھەممەد  نۇردىن قىلىنغان پاگىرى،

 مۇھەممەد  نۇردۇر، ئەلمىساقتىن بىرى،

محمد حــاكم بالعدل ذو شـرفٍ       
محمد مـعـدن الأنعام والحكــم  

 

مۇھەممەد  ئەدلى-ئادالەت تىمسالى،

مۇھەممەد  پاكىز مەدەننىڭ مىسالى،

محمد خير خلق الله من مضــر      
محمد خــير رسـل الله كلهـــم

 

    مۇھەممەد  ھەممە ياخشىلار ئەۋۋىلى،

   مۇھەممەد  جىمى رەسۇلنىڭ ئەۋزىلى.


محمد دينــه حــق نـديــن بـــه       
محمد مجملاً حقاً على علــم  

 

مۇھەممەد   دىنى ھەق بولغاچ ئىشەندۇق،  

مۇھەممەد  نامى ئۇلۇغلۇققا تەئەللۇق،


محمد ذكــــــره روح لأنـفـسنـا       
محمد شكره فرض على الأمم

 

مۇھەممەد  يادى بىز ئۈچۈن ھاياتلىق،

مۇھەممەد  دۇرۇد، دۇئالارغا لايىق.

محمد زينــة الدنيــا وبـهـجتـهـا      
محمد كـاشف الغـمات والظلم

 

مۇھەممەد  پۈتۈن دۇنيانىڭ زىننىتى،

مۇھەممەد  بىلەن قالماس تۈن زۇلمىتى

محمـد ســـيد طـابـت مناقـبـهُ  

محمد صــاغه الرحـمن بالنعم

 

مۇھەممەد  ئېسىل، ئېسىلدۇر خىسلىتى،
مۇھەممەد  نېمەت-ئاللاھنىڭ نېمىتى.

محمد صـفــوة الباري وخيرتـه       
محمد طـاهــر من سائر التهم

 

مۇھەممەد  يالغۇز  ئالاھنىڭ تاللىشى،

 مۇھەممەد  پاكتۇر، مۇكەممەل ھەر ئىشى.

محمد ضـاحـك للضيف مكرمه      
محمد جــاره والله لــم يضــم

 

مۇھەممەد  خۇشنۇت كۈتەتتى مېھماننى،

 مۇھەممەد  بۆلۈپ، بېرەتتى بىر ناننى.

محمد طـابـت الدنيــا ببعـثتـه        
محمد جــاء بالآيــات والحكـم

 

مۇھەممەد  كېلىپ، دۇنيانى ياشاتتى،

مۇھەممەد  ھېكمەت، مۆجىزە ياراتتى.

محمد يوم بعث الناس شافعنا       
محمد نـوره الهادي من الظلم

 

مۇھەممەد  قىلار بىز ئۈچۈن شاپائەت،

 مۇھەممەد  نۇرى، يوللاردا ئالامەت.

محمد قـائـم للـه ذو هــــمم         
محمد خـاتــم للرسـل كلهم

 

مۇھەممەد  ئۆتتى، ئاللاھقا بولۇپ قۇل،

مۇھەممەد  ئىدى، ئاخىرقى رۇسۇل.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار