شِېئىر

ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى ھەققىدە


           سَلْ الوَاحَةَ الخَضْراَءَ وَالمْاَءَ جَارِياً                   وَهذِهِ الصَّحَارِي وَالجْبِاَلَ الرَّوَاسِيَا

           سَلْ الرَّوْضَةَ مُزْدَاناً وَالزَّهْرَ وَالنَّدَاء                 وَسَلْ كُلَّ شَيْئٍ تَسْمَعُ الحَمْدَ سَارِياً

           فَلَوْ جَنَّ هَذَا الَّلْيلُ وَامْتَدَّ سَرْمَداً                   فَمَنْ إِلَهٌ غَيْرُ رَبِّي يُرْجِعُ الصُّبْحَ ثَانِياً.

     تەرجىمىسى:

           سورغىن دەشتە چۆللەردىن، سورغىن ئېگىز تاغلاردىن،

           سورغىن ئاققان سۇلاردىن، سورغىن يېشىل باغلاردىن،

           سورغىن گۈزەل بوستاندىن، سورغىن چېچەك، شەبنەمدىن،

           ئاڭلايدىغان مەدھىنى سۆرغىن بارچە ئالەمدىن،

           گەر ئۇزارسا بۇ كېچە، زۇلمەت بېسىپ ھەممىنى،

           بارمۇ ئۆزگە رەببىمدىن قايتۇرغۇچى سۈبھىنى. ([1])



([1])   مىسىرلىق ئالىم ۋە مەشھۇر ناتىق ئابدۇلھەمىد كىشك 1933-يىلى 10-مارت كۈنى مىسىرنىڭ بۇھەيرە رايونىدا دۇنياغا كەلگەن كاتتا ئالىم ۋە مەشھۇر ناتىق بولۇپ، يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ تەڭداشسىز ئىسلامىي ناتىق. ئابدۇلھەمىد كىشك كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش يولىغا ھاياتىنى ئاتىۋەتكەن ئەزىمەتلەردىن بولۇپ، مىسىرنىڭ سابىق ھاكىممۇتلەقلىرىدىن ئابدۇنناسىر ۋە ساداتلارنىڭ زامانلىرىدا، چىرىكلىككە قارشى سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى سەۋەبلىك ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان ۋە قاتتىق قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ھەقىقەتتىن قايتمىغان. ئۇ دەۋەت يولىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، 1996-يىلى6-دېكابىر كۈنى قاھىرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن. مەرھۇمنىڭ 2000 پارچىدىن كۆپرەك نۇتقى لېنتىغا ئېلىنغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاڭلىنىپ تۇرماقتا.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار