يالغان

                                                     يالغان

مۇھەممەد يۈسۈپ

گەر يانمىسا، مەسلەك ئۈچۈن يۈرىكىڭدە بىر ئاتەش

بىرەر ئۇتۇق قازىنىمەن دېگەنلىرىڭ يالغان.

دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىڭدا، قېتىرقىنىش يوق ئىكەن،

ئىخلاسىم بار، ئەقىدەم چىن، دېگەنلىرىڭ يالغان.

 

گەر سالمىدى سېنى يولغا، ئوقۇپ ئالغان بىلىمىڭ،

مەغرۇرلانما، پايدىسى يوق، بىلگەنلىرىڭ يالغان.

ئەسىر مىللەت، يۈكۈڭ ئېغىر، ۋەزىپەڭنى ئۇنۇتما،

يوشۇرساڭمۇ چېھرىڭ سامان، كۈلگەنلىرىڭ يالغان.

 

خەلقىڭ ئۈچۈن نەپ يەتمىسە، سەن ئوقۇغان ئىلىمدىن،

بىلىم ئالدىم، ئالىم بولدۇم دېگەنلىرىڭ يالغان.

ئەسلىڭ ئۇنتۇپ، مۇندا يايراپ، بىغەملىكتىن چۈش كۆرۈپ،

تازا دەۋران سۈرەر بولدۇم دېگەنلىرىڭ يالغان.

 

ئىخلاس، ئىھسان[1] ھەم ئەقىدە، لاپلار بىلەن بولماس،

ئەمەل قىلماي، مۇسۇلمانتىم دېگەنلىرىڭ يالغان.

 ئۆلچەم ئەمەس تەقۋالىققا شۇ زاھىرى ئىبادەت،

ناماز بىلەن ئىھسان قىلدىم دېگەنلىرىڭ يالغان.

 

قىياپىتىڭ تەقۋا، مۆمىن، ئەمما ئىچىڭ خارابكەن،

سەن ئۆزۈڭنى ياخشى ساناپ يۈرگەنلىرىڭ يالغان.

تۇرسا نەپسىڭ ساڭا ھاكىم، كەسپىڭ پۇرسەت پەرەسكەن،

گۈزەل ئەخلاق تونلىرىغا كىرگەنلىرىڭ يالغان.

          

 

 

 

 قىلغان ئىشىڭ يېرىم-ياتا، سەن ئۇنىڭغا رازىكەن،

يېگەن لوقمام پاك-ھالال دەپ، يۈرگەنلىرىڭ يالغان.

ئادەم ئوغلى ئۆگىنىدۇ، تا قەبىرگە كىرگىچە،

مەن ھەممىدە بەركامال دەپ، يۈرگەنلىرىڭ يالغان.                                                                                                                            

 

بۇ زاماندا ئىسلام ئەھلى بۇ كېسەلگە مۇپتىلا،

تەقدىرىم شۇ نە قىلارمەن دېگەنلىرىڭ يالغان.

چەتكە ئالما سەن ئۆزۈڭنى ئەي بىچارە قەلەمكەش،

بۇ كېسەلدىن مۇستەسنامەن دېگەنلىرىڭ يالغان.

 

27\04\1431ھىجرى.

12\04\2010مىلادى.

جىددە.



[1] ئىھسان- ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ جانىدىل قىلىش دېگەن مەنىدە.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار