ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «دوستلار ۋە زامان» ناملىق شېئىرى

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «دوستلار ۋە زامان» ناملىق شېئىرىدىن([1])


     تغيـرت المـودة و الاخـاء   وقل الصدق و انقطع الرجاء

     وأسلمني الزمان الى صديق      كثير الغدر ليس لـه رعـاء

     وربّ أخ وفيت لـه بحـق    ولكن لا يـدوم لـه وفـاء

     أخلاء إذا استغنيـت عنهـم  وأعـداء إذا نـزل البـلاء

     يديمون المودة مـا رأونـي     ويبقى الود ما بقي اللقـاء

     وإن أغنيت عن أحد قلانـي  وعاقبني بما فيـه اكتفـاء

     سيغنيني الذي أغنـاه عنـي   فلا فقـر يـدوم و لا ثـراء

     وكـل مـودة لله تصـفـوا  ولا يصفوا مع الفسق الإخاء

     وكـل جراحـة فلهـا دواء   وسوء الخلق ليس لـه دواء

     و ليس بدائـم أبـدا نعيـم   كذاك البؤس ليس له بقـاء

     إذا انكرت عهدا مـن حميـم  ففي نفسي التكرم و الحيـاء

     إذا ما رأس أهل البيت ولى     بدا لهم من النـاس الجفـاء

     تەرجىمىسى:

     دوستلۇق، ۋاپا ئۆزگىرىپ، راستچىللىق ئازىيىپ كەتتى.

     زامان كەلدى، تەقدىرىم  ۋاپاسىز قولىغا ئۆتتى.

 

     ۋاپا قىلسام كىمگىكى، ئۇنىڭدىن كەلگىنى جاپا،

     ياردەم قىلسام دوستلىرىم، دۈشمەندۇر كەلگەندە بالا.

 

     ئىزھار قىلار دوستلۇقنى، قاچانكى كۆرگەندە مېنى،

     ئەسكە ئالماس، خوشلىشىپ يېنىدىن كەتكەندە مېنى.

 

     بىرى يىللاپ كۆرمىسە، سوراپمۇ قويمايدۇ مېنى،

     يوقلۇقۇمدا قانغۇچە، سۆكىدۇ، تىللايدۇ مېنى.

 

     ئۇنى قىلغان بىھاجەت مېنىمۇ قىلغۇسى شۇنداق،

     داۋام قىلماس پېقىرلىق، بايلىقمۇ تۇرمايدۇ مۇنداق.

 

     ئاللاھ ئۈچۈن دوستلۇق پاك-پاكىز، سۈزۈكتۇر ھەرئان،

     چوقۇم زىيان تارتىدۇ دوستلۇققا ئاسىيلىق قىلغان.

 

     قانداقلا بىر يارا بولمىسۇن، تېپىلار ئۇنىڭغا شىپا

     يامان خۇلققا چىقمايدۇ، ئەزەلدىن بىرەرمۇ داۋا.

 

     ئەمەس نېمەت مەڭگۈلۈك، جاپامۇ ئەلۋەتتە شۇنداق،

     تۇزكورلۇقنى دوستۇمغا، بۇ كۆڭلۈم كۆتىرەر قانداق.

 

     ئىش باشقۇرسا ئەھلى بەيت، ئىنسانلار يۈز ئۆرۈر ھامان،

     ئۇنى ئاز دەپ ئارقىدىن مىڭ جاپا كەلتۈرۈر ھامان.



([1])   تۆتىنچى خەلىپە، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىندا كاتتا ئالىم بولغىنىنىڭ سىرتىدا، ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ ئۇستازى، شېئىرىيەتتە تالانتلىق زات بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىر توپلاملىرى ھەر قايسى ئىسلام مەملىكەتلىرىدە بېسىپ تارقىتىلىغان. بۇ پارچە ئۇنىڭ"ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب شېئىرلىرىدىن"ناملىق شېئىر توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار