مۇسۇلمان

مۇسۇلمان

مۇھەممەد يۈسۈپ

 

ھەممە جايدا تونۇلغان،

 ئىناۋەتلىك مۇسۇلمان.

 ياخشىلىققا تۇغۇلغان،

 ساخاۋەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ئەسىر بويى شام يېقىپ،

 يەرجاھانغا نۇر چېچىپ،

 قەلبلەرنى يورۇتقان،

 كارامەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ھەقىقەتنى ئۆگەتكەن،

 خۇراپاتنى تۈگەتكەن ،

 توغرىلىقنىڭ ئۇنۋانى،

 ئادالەتلىك مۇسۇلمان.

 

 مەدەنىيەت ياراتقان،

  ئەلنى ئاڭا قاراتقان،

 پەزىلەتنىڭ ئۈلكىسى،

 ماھارەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ئالىيجاناب، رەھىمدىل،

 سېخى، كەمتەر، كىچىك پىل،

 ئىنسانلارنىڭ سەرخىلى،

 سالاپەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ئاجىزلارغا يار بولغان،

 يوقسۇللارغا بار بولغان،

 يېتىملارنىڭ قولدىشى،

 شاپائەتلىك مۇسۇلمان.

 

 باشقىلارغا نەپ بېرىپ،

 ياخشىلىقنى ئەپ كېلىپ،

 ئۆز غېمىنى ئۇنۇتقان،

 قانائەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ياخشىلىقتا نامى بار،

 ھەممە جايدا شانى بار،

 ئەل ئىشىغا يارالغان،

 مەتانەتلىك مۇسۇلمان.

 

 سادىق بولۇپ دىنىغا،

 لايىق يۈرۈپ نامىغا،

 جەننىتى دەپ رەببىدىن،

 بېشارەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ھەر كىشىگە كۆڭلى كەڭ،

 شەپقىتى كۆپ، كۈنگە تەڭ،

 ھەقسىزلىقنىڭ دۈشمىنى ،

 جالالەتلىك مۇسۇلمان.

 

 شۇملۇق، قۇۋلۇق بىلمىگەن،

 ئەل يىغلىسا كۈلمىگەن،

 تىلەپ دائىم ھەممىگە،

 سالامەتلىك مۇسۇلمان.

 

 باسقان يولى ھەقىقەت،

 دەۋاسىدۇر شەرىئەت،

 توسقۇنلاردىن قورقمىغان،

 شۇجائەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ئاسارەتلەر زۇلمىدا،

 زەنجىر، كىشەن، تۈرمىدە،

 ھەق سۆزىدىن قايتمىغان،

 جاسارەتلىك مۇسۇلمان.

 

 دۈشمەنلەرگە ھەيۋىدىن،

 ھاماقەتلەر پەيلىدىن،

 قارا بەتنام چاپلانغان،

 پاك نىيەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ھەق ئېگىلەر سۇنمايدۇ،

 دەۋر مۇنداق تۇرمايدۇ،

 كەلگەي بىر كۈن كۈتكىنىڭ،

 سائادەتلىك مۇسۇلمان.

 

كىمكى بولسا تەقۋا بەك،

يۇقىرىدا ئېتقاندەك،

دەيمىز ئۇنى ماختىنىپ،

 كامالەتلىك مۇسۇلمان.

 

 1992- يىلى 15- يانۋاە

مىسىر— قاھىرە


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار