دادامنىڭ ئەجرى

دادامنىڭ ئەجرى

مۇھەممەد يۈسۈپ

 دادام مىنى ساغلام بېقىپ يىتىشتۈردى،

 ئاتىلىقنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشتۈردى

 ئۆرلە ئوغلۇم! ئۇپۇقلارنى كۆرىۋال دەپ،

 ھارماي يۆلەپ مېنى كۆككە ئۇلاشتۇردى.

 

 كۆكتە لاچىن پەريادىمغا قۇلاق سالدى.

 «يۈر!» دەپ مېنى قاناتىغا ئېلىۋالدى.

 ھاياجانغا چۈمگەن دادام ياشلار تۆكۈپ.

 كۆزلىرىنى ئۈزمەي مەندىن قاراپ قالدى.

 

  تەڭرىتاغدىن سىيناغىچە چۆللەر كەزدىم.

 دادام بەرگەن ئىلھاملارنى دىلغا تىزدىم.

 ئۇنىڭ پۈتمەس روھى بىلەن تاغلار ئاشتىم.

 ئۆزۈمنى ھەم ئىسكەندەرنىڭ بىرى سەزدىم.

 

 ئەمدىلامەن بىرتال خورما تاپقان ئېدىم.

 ئاۋال ئۇنى شۇدادامغا بىرەي دېدىم.

 سۇنسام ئۇنى قول ئۇزاتتى قېرى بوۋاي...؟

 ئۇزاق تارىخ ئۆتكەن ئىكەن شۇندا بىلدىم.

 

 قېرى بوۋاي، ئاقىرىپتۇ چاچ ساقىلى.

 تىترىمەكتە قورۇق چۈشكەن ئىككى قولى.

 مۈكچىيىپتۇ يىللار بىلەن ئۇنىڭ بېلى.

 زەرداپ بولۇپ پەرزەنتىم دەپ سۇنغان دىلى.

 

 دادا! -دىدىم - ياشلىغىڭنى ماڭا بەردىڭ،

 يوقتۇر يەنە ھېچبىر مىننىتىڭ ياكى دەردىڭ،

 كۆپ ياشىغىن، ھېچ ئۆلمىگىن، ئارمانغا يەت،

 ئىككى ئالەم كەم بولمىسۇن سېنىڭ ئەجرىڭ.

 

               24- 10- 1994  كېرىيە

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار