ئىسلام

ئىسلام

مۇھەممەد يۈسۈپ

 

مەن ئۇنىڭغا تۇغۇلغان،

ئەسلى ئىمانىم ئىسلام،

ئەدلى بىلەن تونۇلغان،

پەخرى ئۈنۋانىم ئىسلام.

 

كىچىگىمدىن تاللىغان،

كۆڭلۈم شۇنى خالىغان،

ھەر زامانغا مۇناسىپ،

كۆڭۈل گۈلزارىم ئىسلام.

 

ئەل بەختىنى كۆزلىگەن،

ھەقىقەتنى سۆزلىگەن،

ھاياتلىقنىڭ دەستۇرى،

دەرتكە دەرمانىم ئىسلام.

 

مەڭگۈ تېچلىق ئىزدىگەن،

ئىلگىرلەشنى تىزلىگەن،

كەشپىياتنىڭ ئاچقۇچى،

شادلىق دەۋرانىم ئىسلام.

 

ساپ ئىنسانلار ياقتۇرغان،

قانۇن قىلىپ ئاقتۇرغان،

مۈشكۈللەرنى ھەل قىلغان،

كۆڭۈل ئارامىم ئىسلام.

 

كۆڭۈللەردە ياشنىغان،

ئەركىنلىككە باشلىغان،

توغرا يولنىڭ مەشئىلى،

ئارزۇ-ئارمانىم ئىسلام.

 

جىمى ئەلنىڭ فىترىتى،

مۆئمىنلەرنىڭ قۇدرىتى،

ئاجىزلارغا يار-يۆلەك،

بىرلا تامايىم ئىسلام.

 

ھەقسىزلىقنى ئاغدۇرغان،

ئەلگە شەپقەت ياغدۇرغان،

سائادەتنىڭ باشچىسى،

ئېسىل نىزامىم ئىسلام.

 

 

ئەسىر بويى نۇر چاچقان،

ئىلىم –پەنگە يول ئاچقان،

ئىجادىيەت يولۇمدا،

يۈكسەك ئىلھامىم ئىسلام.

 

دۈشمەنلەرگە ياراغىم،

قاراڭغۇدا چىراغىم،

قارا كۈچلەر ئالدىدا،

جەسۇر شۇڭقارىم ئىسلام.

 

ھەركىم قانۇن ئالدىدا،

قالماي ھېچكىم دالدىدا،

باراۋەر دەپ ئورناتقان،

مەڭگۈ ھەمرايىم ئىسلام.

 

ياۋۇز دۈشمەن دەستىدىن،

يامان نىيەت قەستىدىن،

قۇتقۇزۇشتا يۇرتۇمنى،

قۇدرەت كامالىم ئىسلام.

 

تىرىكلەرگە جان بولغان،

تومۇرلاردا قان بولغان،

مۇسۇلمانغا شان-شەرەپ،

ئەزىز جانانىم ئىسلام.

 

ئىززىتىم ھەم ھۆرمىتىم،

تاجۇ-تەختىم دۆلىتىم،

كۆڭۈللەرنى شاد قىلغان،

سۆيگۈ دىلدارىم ئىسلام.

 

ئاسارەتتىن ئازادلىق،

ئاخىرەتتە نىجادلىق،

ئەلنى ئامان قىلغۇچى،

مەڭگۈ داۋايىم ئىسلام.

 

 

1991-يىلى 20-ئىيۇن.

قاھىرە— مىسىر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار