ئۇيغۇرۇم

ئۇيغۇرۇم

 

 مېنىڭ ئەسلىم، مىللىتىم-

 ئەي قەدىردان ئۇيغۇرۇم.

 شاتلىغىڭدۇر   تىلىگىم،

 ئازاتلىغىڭ   ئارزۇيۇم.

 

 ئەللەر يازغان ئۆچمەس قىپ،

 تارىخىڭنى، شانىڭنى.

 پۈتكۈل جاھان تونىغان،

 ئۇيغۇر دېگەن نامىڭنى.

 

 ئاسىيدا ئۆچكەن يوق،

 ئات چاپتۇرغان ئىزلىرىڭ.

نەسەۋەپتىن ئۆتتىكىن،

 ياۋ قولىغا تىزگىنىڭ.

 

 مەدەنىيەت، سەنئەتنى،

 باشقىلارغا ئۈگەتكەن.

 ئۆزگە ئەللەر نادانكەن،

 كامالىڭغا سەن يەتكەن.

 

 يۇرتۇڭ ئىدى ئۆتمۈشتە،

 مەرىپەتنىڭ مەركىزى.

 سېنىڭ بىلەن ئېچىلغان،

 خوشنىلارنىڭ كۆزلىرى.

 

 سوقۇشلاردا باتۇرسەن،

 يېڭىلمىگەن ئەزەلدىن

 بىراق كەلدى خىيانەت،

 يېنىڭدىكى قۇۋ ئەلدىن

 

 ئەسىر بولدۇڭ ئۇيغۇرۇم،

 جادۇگەرنىڭ سېھرىدىن.

 قۇتۇلالماي شۇڭغىچە

 ھېلىسىدىن، مىكرىدىن

 

 چەت ئەللەرگە تارالدىڭ

 ھۆر- ئامانلىق كۆرمىدىڭ.

 مىڭ بالالار كەلسىمۇ،

 قان تۆكتىڭۇ ئۆلمىدىڭ.

 

 غەمكىنلىكتە ياشايمەن،

 بۇ ھالىڭغا قايغۇرۇپ.

 ساڭا كەلگەن قىسمەتكە،

 ئىچ- ئىچىمدىن ئاھ ئۇرۇپ.

 

 تاڭ يۇرۇشقا ئازلا قالدى،

 ئەمدى سەنمۇ ئويغانغىن.

 تەختىڭ ئۆزى كەلمەيدۇ،

 تەقدىرىڭچۈن ئويلانغىن.

 

 كەلسۇن سېنىڭ ئامىتىڭ،

  ئەزىز خەلقىم ئۇيغۇرۇم.

  پۆرەكلىكتىن ئېچىلسۇن،

  مېنىڭكىمۇ ئون گۈلۈم.

 

01- 08- 1996

ئىسىك- قازاقىستان 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار