ھەج سەپىرى
ھەج سەپىرى
تەلمۈرۈپ يىل بويى ئىنتىزار بولغان،
ئاتلىنىپ چىقتىم بۇ شانلىق سەپەرگە.
كىممۇ يۈرەكتىن كۆيۈپ كۈل بولمىسۇن،
مۇقەددەس قىبلىگاھ- شۇ ئۇلۇغ يەرگە.
كۆرمىگەن ئارماندا، كۆرگەنگە تىلەك،
يانىدۇ دىللاردا ۋىسالنىڭ ئوتى.
قانداقمۇ كۆيمىسۇن دىللار تۇرسا ئۇ-
ۋەھيىنىڭ بۆشىگى، پەيغەمبەر يۇرتى.
ئىلاھىم نەسىپ ئەتكىن مۇرادىمنى
ۋىسالىم قۇچاغلاپ كۆڭلۈم ياشارسۇن.
يۇيۇلۇپ تاغدەك بۈيۈك گۇناھلىرىم،
قارايغان كۆمۈردەك دىلىم ئاقارسۇن.
27- 03- 1997
ئالمۇتا- قازاقىستان