ئۆزۈمگە نەسىھەت

ئۆزۈمگە نەسىھەت

 

سۆيەر بولساڭ ئىلىڭنى،

نادانلىقتىن يۇيۇپ قول،

بىلىم ئۈگەن ۋەتەنگە-

مەنپەئەتلىك ئادەم بول.

 

ئۆمۈر ياشلىق بېغىڭنى،

ئىرپان بىلەن توشقۇزغىن،

مىللىتىڭنى، خەلقىڭنى،

نادانلىقتىن قۇتقۇزغىن.

 

نەدە بولساڭ ۋەتەننىڭ،

ھۆرمىتىنى ساقلىغىن،

ياخشى ئوقۇپ خەلقىڭنىڭ،

ئۈمىدىنى ئاقلىغىن.

 

ئاينى قىلدى قونالغۇ،

بىلىم بىلگەن كىشىلەر،

"بىلىم بىلەن تىلسىمنىڭ،

تۈگۈچلىرى يېشىلەر"

 

ئىلكىمىزگە ئۆتمەكتە،

ئىلىم-ھىكمەت بايلىقى،

لەپىلدىسۇن ئەبەدكە،

شۇ بايلىقنىڭ بايرىقى.

 

 

1988-يىل 5-ئاپرېل

قاھىرە---مىسىر


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار