مۇسۇلمان

مۇسۇلمان

 

 ھەممە جايدا تونۇلغان،

 ئىناۋەتلىك مۇسۇلمان.

 ياخشىلىققا تۇغۇلغان،

 ساخاۋەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ئەسىر بويى شام يېقىپ،

 يەرجاھانغا نۇر چېچىپ،

 قەلبلەرنى يورۇتقان،

 كارامەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ھەقىقەتنى ئۈگەتكەن،

 خۇراپاتنى تۈگەتكەن ،

 توغرىلىقنىڭ ئۇنۋانى،

 ئادالەتلىك مۇسۇلمان.

 

 مەدەنىيەت ياراتقان،

  ئەلنى ئاڭا قاراتقان،

 پەزىلەتنىڭ ئۆلگىسى،

 ماھارەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ئالى جاناپ، رەھىمدىل،

 سېخى، كەمتەر، كىچىك پىل،

 ئىنسانلارنىڭ سەرخىلى،

 سالاپەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ئاجىزلارغا يار بولغان،

 يوقسۇللارغا بار بولغان،

 يېتىملارنىڭ ئاتىسى،

 شاپائەتلىك مۇسۇلمان.

 

 باشقىلارغا نەپ بېرىپ،

 ياخشىلىقنى ئەپ كېلىپ،

 ئۆز غېمىنى ئۇنۇتقان،

 قانائەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ياخشىلىقتا نامى بار،

 مۇندا شەرەپ - شانى بار،

 ئەل ئىشىغا يارالغان،

 مەتانەتلىك مۇسۇلمان.

 

 سادىق بولۇپ دىنىغا،

 لايىق يۈرۈپ نامىغا،

 جەننىتى دەپ رەببىدىن،

 بىشارەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ھەر كىشىگە كۆڭلى كەڭ،

 شەپقىتى كۆپ، كۈنگە تەڭ،

 ھەقسىزلىكنىڭ دۈشمىنى ،

 جالالەتلىك مۇسۇلمان.

 

 شۇملۇق، قۇۋلۇق بىلمىگەن،

 ئەل يىغلىسا كۈلمىگەن،

 تىلەپ دايىم ھەممىگە،

 سالامەتلىك مۇسۇلمان.

 

 باسقان يولى ھەقىقەت،

 داۋاسىدۇر شەرىئەت،

 توسقۇنلاردىن قورقمىغان،

 شۇجائەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ئاسارەتلەر زۇلمىدا،

 زەنجىر، كىشەن، تۇرمىدا،

 ھەق سۆزىدىن قايتمىغان،

 جاسارەتلىك مۇسۇلمان.

 

 دۈشمەنلەرگە ھەيۋىدىن،

 ھاماقەتلەر پەيلىدىن،

 قارا بەدنام چاپلانغان،

 پاك نىيەتلىك مۇسۇلمان.

 

 ھەق ئېگىلەر سۇنمايدۇ،

 دەۋر مۇنداق تۇرمايدۇ،

 كەلگەي بىر كۈن كۈتكىنىڭ،

 سائادەتلىك مۇسۇلمان.

 

كىمكى بولسا تەقۋا بەك،

يوقۇرىدا ئېتقاندەك،

دەيمىز ئۇنى ماختىنىپ،

 كامالەتلىك مۇسۇلمان.

 

    01-08- 1996 

     ئىسىك- قازاقىستان


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار