بىزنى ۋابادىن ساقلىغىن ئى ئاللاھ!

بىزنى ۋابادىن ساقلىغىن ئى ئاللاھ!

مۇھەممەد يۈسۈپ

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر! نۆۋەتتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبلىك ھەممىمىزنىڭ ھۇزۇرى بۇزۇلغان، كۆڭلىمىزنى ۋەھىمە قاپلىغان بىر شارائىتلارغا دۇچ كەلدۇق. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىمۇ ياكى سىنىقىمۇ؟ بۇنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ. ئەمما بىز بەدىنىمىزنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تەمكىن، كۆڭلىمىزنى خاتىرجەم تۇتۇشقا موھتاجمىز. ئەمدى بىز بۇ ھالەتتە ئۆزىمىزنى قانداق خاتىرجەم تۇتالايمىز؟ بىز تۆۋەندىكى ئىككى ئىش بىلەنلا ئۆزىمىزنى خاتىرجەم تۇتالايمىز ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن ۋابادىن ساقلىنىپ قالالايمىز:

بىرىنچىسى، بېشىمىزغا كېلىدىغان ھەرقانداق بىر ئازابنىڭ ۋە بالانىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە بولغان ئىمانىمىزنى يېڭىلاش ۋە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ ئۇنىڭدىن پاناھ تىلەش. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئى رەببىم! ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېگەن سۆزىگە جاۋاب بېرىپ: «مەن ئازابىم بىلەن خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر»  دېگەن. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى ئاللاھ تائالا چۈشۈشىنى ئىرادە قىلغان  كىشىلەرگە چۈشىدۇ ۋە ئاللاھ تائالا چۈشۈشىنى ئىرادە قىلمىغان كىشىلەرگە  چۈشمەيدۇ، دېگەنلىكتۇر.

ئىككىنچىسى، تېببىي جەھەتتىن تەۋسىيە قىلىنغان ئىشلارنى تولۇق ئورۇنداش ۋە تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش. بىز بۇ ئىككى قورالغا ئەمەل قىلساق، ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆزىمىزنى، ئائىلىمىزنى ۋە باشقىلارنى ۋابادىن ساقلاپ قالالايمىز. ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلغاندا دۇئادىن باشقا چارىمىز يوقتەك، تېببىي جەھەتتىكى تەۋسىيەلەرگە ئەمەل قىلىشتا بۇنىڭدىن باشقا چارە يوقتەك ئىش كۆرىشىمىز، يەنى ھەر ئىككىسىگە زور ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.

مۇناجات

مۇئمىنلەرنىڭ بىردىنبىر تايانچىسى،  بىچارىلەرنىڭ يېگانە پاناھگاھى، ئاپئاق قۇندۇزدەك گۇناھسىز، پاك  ئەۋلادلىرىمىزنىڭ غەمگۇزارى ئاللاھ! دۇنيانى تەھدىت ئاستىغا ئالغان، ئىنسانلارنى قورقۇنچ ۋە تەشۋىشلەگە مەھكۇم قىلغان ئاشۇ ۋابادىن بىزنى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى ساقلىغىن، ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ساڭا ئىبادەت قىلىشىمىزغا ئىزىن بەرگىن، ساڭا لايىقىڭدا قۇلچىلىق قىلىش ۋە شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن بىزگە پۇرسەت بەرگىن، ئى ئاللاھ! مەسجىدلىرىمىز يېپىلدى، بىزگە تەۋبىنىڭ ئىشكىنى يېپىۋەتمىگىن، بىزنى گۇناھلىرىمىز تۈپەيلى جازالىمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلىپ، توغرا يولغا قايتىۋېلىشىمىزغا مۆھلەت بەرگىن، ئى ئاللاھ! ئىسلام ئۈممىتىنى بۇ ۋابادىن ساقلاپ قالغىن، ئى ئاللاھ! بىز پەيغەمبىرىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدرى ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەتتە قىلغان مۇنۇ دۇئاسىنى قىلىمىز: «ئى ئاللاھ! سەن ئەگەر ئىسلام ئۈممىتىنى يوق قىلىۋەتسەڭ، يەر يۈزىدە ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان ئادەم قالمايدۇ».

—مۇھەممەد يۈسۈپ

 

  ئى ئاللاھ! تۇغۇلغان ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، غۇربەت كوچىلىرىدا تىڭىرقاپ يۈرگەن، يۈرەكلىرى دەرد – ئەلەملەر بىلەن تولغان، چىرايلىرى ساماندەك سارغايغان، بىر قېتىممۇ پۇخادىن چىققۇدەك كۈلەلمىگەن، ئۆمرىنىڭ ئالتۇندەك چاغلىرى سەرسانلىقتا بىھۇدە نابۇت بولۇشقا يۈز تۇتۇۋاتقان ياشلىرىمىزغا پاناھ بەرگىن، ئۇلارنى نائۈمىد قىلمىغىن، ئۇلارغا ۋىسال باھارى نېسىب ئەتكىن ۋە ئۇلارنى خەلقىمىزنىڭ مەرىپەت بۇلىقى قىلىپ بەرگىن.

ئى مۇساپىرلارنى قوللىغان ئاللاھ! مۇساپىرلىقتا، سەرسانلىقتا مۈكچەيگەن بەللىرىمىزنى رۇسلىۋېلىشىمىزغا مەدەت بەرگىن، سارغايغان چىرايلىرىمىزنى ئۇلۇغ پەزلىڭ بىلەن كۈلدۈرگىن، چۈشكۈن روھىيىتىمىزنى رەھمىتىڭ بىلەن كۆتۈرگىن، بىزنى بارچە غەم - قايغۇلىرىمىزدىن خالاس قىلغىن، ئوقۇغانلىرىمىزدىن مېۋە بېرىش پۇرسىتىنى بىزگە ئاتا قىلغىن.

ئى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى مۇشتاقلىقتىن تولا يىغلاپ كۆزلىرى كۆرمەس بولۇپ قالغان ئاتىسىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن شەپقەتلىك ئاللاھ! ھىجران كوچىلىرىدا سۆيگەنلىرى ئۈچۈن  تەلپۈنۈپ ئالدىراپ سوقۇۋاتقان يۈرەكلەرنى سۆيگەنلىرىگە يەتكۈزگىن.

ئى ئاللاھ! غۇربەت كوچىلىرىدا يورۇق دۇنياغا ئىختىيارسىز كۆز ئېچىۋاتقان كىرسىز پاك قۇندۇزلىرىمىزغا ئاتىلىرىنىڭ كۈنلىرىنى كۆرسەتمىگىن، يۇرتسىزلىق بىلەن غۇربەتچىلىكنىڭ دەردلىرىنى ئۇلارغا تارتقۇزمىغىن ۋە ئۇلارنىڭ كېلىچىكىنى ئاتىلىرىنىڭكىدىن پارلاق قىلغىن!

ئى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى نەمرۇدنىڭ ئوت دۆۋىسىدە كۆريدۈرمەستىن ساقلاپ قالغان ئاللاھ! ئى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پىرئەۋننىڭ سارىيىدا قوغدىغان ئاللاھ! ئى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىغان ئاللاھ! ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇشرىكلارنىڭ، مۇناپىقلارنىڭ ۋە يەھۇدىيلارنىڭ چوڭ سۇيىقەستىدىن ساقلاپ قالغان ئاللاھ! دۇنيا زالىملىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن بىزنى ساقلاپ قالغىن، ئىسلام ئۈممىتىنى قوغداپ قالغىن.

ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئەرشىڭنى تىترىتىۋاتقان ئاھۇ زارلىرىمىزنى تىڭشىغىن! چېكى يوق ئەلەملەردە قېتىپ كەتكەن گۇناھكار بېشىمىزنى ئەپۇ  رەھمىتىڭ بىلەن سىلىغىن! قاچانلاردىن ساڭا قاقشاپ، تولا يىغلاپ، قۇرۇپ كەتكەن كۆزلىرىمىزنى بىر شاتلىق ياشلىرىدا نەملىگىن!

ئى خەستە جىسىمغا سۈرەت، سۈرەتكە بايان، بايانغا مۇقەددەس تەپەككۇر پەرۋازى بەخش ئەتكۈچى ئاللاھ! بىزگە رەھىم قىلغىن! ئەجدادلىرىمىزدىن، شۇنداقلا يەنە بىزدىن ئۆتەلگەن ھەم ئۆتۈلۈۋاتقان ئىختىيارىي، ئىختىيارسىز، چوڭ – كىچىك بارلىق گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە بىزگە ھىدايەت، ئىلىم - ھېكمەت بەرگىن! چۈنكى سەن ئەڭ شەپقەتلىك مەغپىرەت قىلغۇچى، ئەڭ كۆپ ئەپۇ قىلغۇچى ۋە ئەڭ كەرەملىك بەرگۈچى بىردىنبىر ئىگىمىزسەن.

ئى كېچە جىسمىنىڭ قاقشال ئېتىزلىرىغا تاڭ ئۈمىدىنىڭ رەڭمۇ - رەڭ مايسىلىرىنى كۆكلەتكۈچى مېھرىبان ئاللاھ! قىسمىتىمىزدىن كۆكلەۋاتقان پايانسىز كېچە سۇكۇناتلىرىنى ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى بىلەن يورۇتىۋەتكىن! بۇ زۇلمەتلىك دەۋرىمىزدە يېڭى ئۇقۇم مەشئەللىرىگە ئايلىنىپ، بىزدىكى تىڭىرقاش، ۋەھىمىلەرنىڭ شەپقەتسىز، سوغۇق شىۋىرغانلىرىنى يىراقلارغا سۈرۈپ تاشلىيالايدىغان يالقۇنلۇق جاسارەت قوياشى ئاتا قىلغىن! بىزنىڭ قۇپقۇرۇق ئېتەكلىرىمىزنى مۇراد شەبنەملىرىنىڭ ھاياتلىق ئۈنچىلىرىگە تولدۇرغىن.

ئى قەلبلەرگە قايناق ھېسلارنى، ھېسلارغا ئاجايىپ خۇشپۇراق ھىدلارنى ئاتا قىلغۇچى ھېكمەتلىك ئاللاھ! جىسمىمىزنى چىرماپ، ھەر نەپەستە شەكىل ئۈستىگە شەكىل ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان ۋەھىمىلەردىن بىزنى يىراق قىلغىن! تەبىرسىز چۈشلەرنىڭ ئالۋۇنلۇق يالقۇنلىرىدا قىز - ئاياللىرىمىزنى كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغىن!

ئى زامان ۋە ماكانلار ئارىسىدا مۇساپىلەرنى ئورناتقۇچى، بېسىلغان قەدەملەرگە جۇشقونلۇق، مۇساپىلەرگە مۇشتاقلىق ئاتا قىلغۇچى قەدىردان ئاللاھ! بىزنى سەپەرسىز ھەم مەنزىلسىز مۇساپىلەرنىڭ ئازابلىرىدىن ساقلىغىن! ئەگرى يوللاردا راۋان ھارغىن قەدەملىرىمىزنى خىجالەت توزانلىرىدىن پاكلىنىشقا پۇرسەت بەرگىن!

ئى مۇھەببەتنىڭ سەرچەشمىسى، مىسكىن كۆزلەرنى شىرىن چۈشلەر بىلەن چاقناتقۇچى سۈيۈملۈك ئاللاھ! بۇرۇقتۇم كۈلبىمىزگە ئەرشىڭنىڭ مۇھەببەتلىك مەيىن شاماللىرىنى باشلايدىغان ئۆڭگۈرلەرنى ئاچقىن! ئانا رەھمىدە پاك، مىننەتسىز قانلارنى شۈمۈرگەن قىز، ئوغۇللىرىمىرنىڭ قەلبلىرىنى چىن ئىمان ۋە مۇھەببەتنىڭ قايناق بۇلاقلىرىغا ئايلاندۇرۇپ بەرگىن!

ئى قوپال - قاتمال تىللارغا پىلىدەك يۇمران بايان ئاتا قىلغۇچى ئاللاھ! باياننىڭ مۇنبەت ئېتىزلىرىغا يېڭى ئۇقۇم مايسىلىرىنى كۆكلەتكىن! باھاردەك نەۋقىران ئۆمرىنىڭ ئاق ۋاراقلىرىغا پارلاق ئىستىقبالىنى پۈتۈۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ غۇبارسىز، پاك جىسمىنى نائۈمىدلىك داغلىرىدا زايە بولۇشتىن ساقلىغىن!


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار