ھىجران
يۈرىمەن بالىلىق چېغىمدىن باشلاپ،
چۆللەردە يول يۈرۈپ يۇرتۇمنى تاشلاپ،
تەڭرىتاغ بويىدا تەلمۈروپ ئاڭا ،
يۈرىمەن ھەسرەتتىن كۆزۈمنى ياشلاپ.
توپرىغىم كەڭ شۇنچە ھەر كىمگە، بىراق-
سىغمىغاچ بولدوممەن ئۇنىڭدىن يىراق.
بارارمەن غۇربەتتىن قۇرتۇلۇپ بىركۈن،
يامانكەن ھەممىدىن بۇھىجران- پىراق.
بىرلىرى ئېچىلىپ قاھقاھلاپ كۈلەر،
بىرلىرى ئېچىنىپ ئاھ- ئۇھلاپ ئۆلەر،
ئەل ۋەتەننىڭ قەدرىنى ئەمما-
چاپايۇ- مۇشەققەت تارتقانلار بىلەر.
سۈيۈملۈك قەدىردان ئاتام بارمېنىڭ.
كۆرۈشكە ئۇنى زامانەم تارمېنىڭ.
كۆزۈمدىن ئۇچىدۇ ھەر سەھەر- ئاخشام،
بىرتۇققان قېرىنداش ھەم دوست- يارمېنىڭ.
سېغىنىپ كۈتكىنىم كەلمىدى ئەجەپ،
يۈرىمەن تاقەتسىز ئىچىمنى تىتىپ يەپ،
گاھ كېلەر ئۈمىت قىزى بىرتاتلىق كۈلۈپ،
غۇربىتىڭ ۋاقىتلىق، ۋىسالىڭ ياردەپ.
يۈرىمەن ئۆزەمنى ئۆزەم چىڭ تۇتۇپ،
يۈرىمەن دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ،
ئاتىسىمۇ- خەپ- مېنى بۈگۈنۈم سېتىپ،
يۈرىمەن ئاللاھتىن ياخشىلىق كۈتۈپ .
08- 06- 1995
ئالمۇتا – قازاقىستان