مەرسىيە

مەرسىيە

 

كەلدى ئانا يۇرتتىن دەھشەتلىك تۇمان،

يوقالدى ئەقىل بىلەن ھۇشۇم شۇئان.

 

كېتىپتۇ دۇنيادىن بىر قارى قۇرئان،

بارلىقىنى ئەل ئىشىغا ئاتىغان.

 

ئاڭلانغاچ شۇم خەۋەر بۇ ياقا چەتكە،

قايغۇردى بېشىم چۆكۈپ مۇسىبەتكە.

 

تۆكۈلدى كۆز يېشىم مەرۋايىت بولۇپ،

تىترىدى ھۇجۇدۇم ھەسرەتكە تولۇپ.

 

 ھاياتى ئىدى بىز ئۈچۈن چوڭ پۇرسەت،

ۋاپاتى ئېلىپ كەلدى ماڭا غۇربەت.

 

يوق ئىدى تەڭدىشى يۇرتىمىز ئارا،

پىراقى قىلدى يۈرەكلەرنى يارا.

 

تۆھپىلەر ياراتتى ئەل جامائەتكە،

يەتكەچ ئۇ ئۆز كەسپىدە كامالەتكە.

 

ئۆتتى ئۆمرى ئەل ئۈچۈن قىلىپ خىزمەت،

ئەجرى بىلەن تاپقان ئىدى چوڭ شۆھرەت.

 

تاپقان ئىدى ئەل ئارىسىدا ئىناۋەت،

قىلاتتى تۈن قارىسى قۇرئان تىلاۋەت.

 

باسقان يولى ئىدى ئىسلام شەرىئەت،

چېچىپ ئەلگە ئىخلاس بىلەن پەزىلەت.

 

قايىل ئىدۇق ئاڭا ھەممىمىز بىردەك،

تەلپۈنەتتى ئاڭا جەڭگىۋار يۈرەك.

 

ئاشۇ قارا يىللاردا باشلىدى ھەرىكەت،

تەربىيەلەشكە بىزلەرنى قىلىپ جۈرئەت.

 

ئۆگەتتى سەھەر -ئاخشام بىزگە قۇرئان.

بىلدۇرۇپ شەرىئەت يولىدىن بورھان.

 

 

 

 

چىقاردى بىرقانچىنى قارى قىلىپ،

قىرائەت تەجۋىدلەرگە جارى قىلىپ.

 

يوق ئىدى ئۇنىڭغا يىل بويى راھەت،

كېلىپ دەۋردىن كۈتۈلمىگەن ئاپەت.

 

شۇنداقتىمۇ تاشلىمىدى بۇ ئىشىنى،

ھەممىدىن ئەلا بىلگەچ ئۆگىتىشنى.

 

شاد ئىدى جامائەت ئون يىلدىن بۇيان،

ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن بۇلبۇل كەبى قۇرئان.

 

يۇرتىمىز ئۈچۈن ئۇ ئەجەپمۇ ياراشقان،

باشقىلارمۇ شۇ ماقامنى تالاشقان.

 

جىن شەيتانلار ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشقان،

كۈچى يەتمەي ھۆكۈمەتكە چېقىشقان.

 

لېكىن ئۇلار يېتەلمىدى قەستىگە،

ئۇرۇنسىمۇ شۇنچە ئۇنىڭ تەختىگە.

 

يېتىشكەن ئېدى ئۇستازىم تائەتتە،

ئۆتكۈزۈپ كېچىلەرنى ئىبادەتتە.

 

ئۇ يەنە ئادا قىلغان ھەج پەرزىنى،

شەرىئەت بۇيرۇغان ئۇلۇغ قەرزىنى.

 

ياش ئىدى، بەلكى ئاشمىغان ئەللىكتىن،

كەلدى ئاپەت شۇ ئېغىر كىسەللىكتىن.

 

زۇلھەججە يېتىپ ئوتتۇزغا  بۇ يىل،

ئايرىلىپتۇ دۇنيادىن ئۈزۈل-كېسىل.

 

ئاھ! ئەزىز، قەدىرلىك چىۋەر باغۋىنىم،

يولۇڭغا سادىقتۇر مېنىڭ جان، دىلىم.

 

سىز مېنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن،

بۇ بەختىيار پۇرسەتكە ئېرىشتۈرگەن.

 

قانداقمۇ ئۇنتۇلسۇن نامىڭىز ۋاپادار،

ئىدىڭىز ھەر ئىشتا شۇنچە پىداكار.

 

 روھىڭىز دىللاردا ھەر ئان ياشنايدۇ،

 يولىڭىز ھامان بىزنى ئالغا باشلايدۇ.

 

ئاچقان مەدرىسىڭ ئەبەدكە گۈللەيدۇ،

شاگىرتلىرىڭ غايە ئۈچۈن ئۆرلەيدۇ.

 

ئەسلەيمەن سىزنى كۈندە قىلىپ دۇئا،

جامالىن كۆرسەتكەي سىزگە ئۇلۇغ خۇدا.

 

سىز ئۈچۈن يازدىم بىر ئاددىي مەرسىيە،

بىلدۈرۈپ بۇ  مۇسىبەتكە تەزىيە.

 

 

 

1989-يىل   18-نۇيابىر

قاھىرە---مىسىر


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار