رۇبائيلار
رۇبائيلار
ئەجەپمۇ تەڭشەلمەيدىكەن بۇ جاھان.
بىراۋلار ئەل ھەققىگە خوجا بولغان.
بىراۋلار ئۆز ئۆيىدىن ئايرىلىپ قېلىپ،
تاپالماي ھېچ چارە تالادا قالغان.
+ + +
تۇغۇلغان توپراق ئەزىزدۇر ھەر كىمگە شۇنچە.
ۋەتەنسىز بولمىسا خورلانماس كىشى بۇنچە.
تۈنلەرمۇ شۇنداق ئۇزاركەن ئۇيقۇسىزلارغا.
سۈزۈلمىگەن ئاشۇ تاڭغا ئامال قانچە؟!.
06- 08- 1997
ئالمۇتا- قازاقىستان