ياشلىق
ياشلىق
ھەر نەرسىنىڭ بىر ئەۋزىلى بار،
ھاياتنىڭ ئەۋزىلى- ياشلىق،
ئەگەر سۆيسەڭ ئۇنى قەدىرلەپ،
بېغىشلار ساڭا ھامان شادلىق.
ياشلىق سېنىڭ ئالتۇن چاغلىرىڭ،
ئۆتىدۇ ئۇ خۇددى قۇيۇندەك،
توزۇپ سۇلغان چىمەن باغلىرى،
ھىس قىلدۇرار چۈشتىكى قۇيۇندەك.
1990-يىل 5- ئاپىرىل
قاھىرە---مىسىر