ئەجدادلار خاتىرىسىگە

ئەجدادلار خاتىرىسىگە

 

ئەزەلدىن مولدۇر ئىلمۇ-ئىرپانغا ئۇيغۇر ئېلى،

تارقالدى جاھانغا ئۇلارنىڭ شانلىق تىلى.

 

ئانا يۇرتۇم ئۇلۇغلارنى يېتىشتۈرگەن،

ئىرپان بىلەن ئەلنى سائادەتكە ئېرىشتۈرگەن.

 

ئۆتتى ئۇنىڭدا بۇخارى كەبى ئەھلى ئىرپان،

قانۇن قىلىپ ئىسلامنى سۇتۇق بۇغرا، ئارسىلان.

 

بېيىتتى ئەلنى يۈسۈپ، مەھمۇد كىتابەتلىرى،

گۈللىتىپ دەۋرنى لۇتفي، نىزارى سەنئەتلىرى.

 

يەنە ئۇندا يېتىشتى ئىبىن سىنا ، فارابي،

ئاۋات قىلىپ يۇرتۇمنى نەزمىلەرلە ناۋايي.

 

پارلىدى ياشناپ سەككاكي ئەدەبىياتلىرى،

ھېكمەتلەر سۆزلەپ يۈكنەكى مۇئەللىپاتلىرى.

 

چىقتى نەزمە ياڭرىتىپ زەلىلى ھەم فۇرقەتي،

مۇشۇ سەپتە يېتىشتى گۇمنام بىلەن ھىرقەتي.

 

ئون ئىككى مۇقام يارتىلىپ تارىخنى گۈللىدى،

ئىجادكار ئاماننىسا بۇلبۇل بولۇپ سايرىدى.

 

ئەسلەيمەن ھەر ۋاقىت شۇ ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمنى،

ئەۋلادلىق بۇرچۇم ئاداسىغا باغلاپ بېلىمنى.

 

كەڭ جاھانغا تونۇلغان ئەجدادىمىز بار تۇرسا،

بىزمۇ ئىجاد قىلمامدۇق پۇرسەت بىزگە يار تۇرسا.

 

مىراس قىلدى ئەجدادلار بۈيۈك قامۇس دىۋاننى،

شانلىق نامى ئۇلارنىڭ كەزدى پۈتۈن جاھاننى.

 

ئۇلۇغ قامۇس شامىدىن يورىدى پۈتكۈل جاھان،

كەلدى نۇرى مەشئەل بوپ تاكى مىڭ يىلدىن بۇيان.

 

ئوقۇپ كۆردۈم داستاننى ئىخلاس بىلەن دىلىمدىن،

ئۇنى تەسۋىر قىلماققا ئوكيان ئىكەن ئىلىمدىن.

 

ھاياجانغا چۈمۈلدۈم قۇياش بەخىش ئەتكەندەك،

ھوزۇر ئالدىم ئۆزۈمچە ئاشىق ۋەسلى يەتكەندەك.

 

ھېس قىلدۇردى ئۇ مېنى چىمەنلىكتە كەزگەندەك،

ئىلھام ئالدىم ئۇنىڭدىن تاڭ نۇرىنى سەزگەندەك.

 

ئۇنىڭ ھەربىر مىسراسى قۇياش كەبى نۇر چاچار،

ئەلگە بىرگەن ئىلھامى سائادەتكە يول ئاچار.

 

 

1991- يىل 7- فېۋىرال

قاھىرە---مىسىر


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار