ۋەتەن قوينىدا

 

ۋەتەن قوينىدا

(مۇخەممەس)

مۇھەممەد يۈسۈپ

 

غېرىپلىقتا ئەي ۋەتەن توپا قوندى يۈزۈمگە،

بىدارلىقى مەجنۇننىڭ يەتتى ئەمدى ئۆزۈمگە،

كۈندە نەچچە قاقشىدىم ھەسرەتلىنىپ كۈنۈمگە،

جۇدالىقتا كۆز يېشىم ھەمراھ بولدى تۈنۈمگە،

تۇپرىغىڭنى ۋەتىنىم سۈرمە قىلاي كۆزۈمگە.

 

پىراقىڭدا ئالتە يىل كۆڭلۈم بۇندا سىقىلدى،

زەرداپ بولغان يۈرەگىم پارە-پارە تىتىلدى،

ھەر لەھزىدە ۋەتىنىم دىلدا ئوتۇڭ يېقىلدى،

ۋىسالىڭغا ئارزۇيۇم يالقۇن بولۇپ يېتىلدى،

تۇپرىغىڭنى ۋەتىنىم سۈرمە قىلاي كۆزۈمگە.

 

قەدىردانلار بولمىسا يالغۇزلۇغۇڭ خار ئىكەن،

ئايرىلغاندا يۇرتۇڭدىن ئەلنىڭ يۇرتى تار ئىكەن،

مۇساپىرغا ھەر جايدا غۇرپەتچىلىك يار ئىكەن،

جەۋرى-جاپا يۇرتسىزغا ھەممە ئەلدە بار ئىكەن،

تۇپرىغىڭنى ۋەتىنىم سۈرمە قىلاي كۆزۈمگە.

 

پەخىرگاھىم ئەي يۇرتۇم كەڭ قوينۇڭدا تۇغۇلدۇم،

ئىرپان ئىزلەپ يول ئېلىپ شاماللارغا ئۇرۇلدۇم،

ئەل يۇرتىدا غۇربەتتە كۈندە نەچچە بوغۇلدۇم،

يىتىملىكتىن قەدەرنىڭ چاقلىرىدا سوقۇلدۇم،

تۇپرىغىڭنى ۋەتىنىم سۈرمە قىلاي كۆزۈمگە.

 

يىراقلاردىن سېنى دەپ كەلدىم مەن قىتئە ئاتلاپ،

كىچە-كۈندۈز يول يۈردۈم كۆپلىگەن تاغلار قاتلاپ،

ئۇسسۇزلۇقتىن چۆللەردە ئېغىزىم قۇرۇپ تاتلاپ،

سەزمىدىم ھېچ جاپا ئۈمىدىڭدە كۆڭلۈم ياشلاپ،

تۇپرىغىڭنى ۋەتىنىم سۈرمە قىلاي كۆزۈمگە.

 

قاراپ قويغىن ۋەتىنىم تەشنا بولغان نەسلىڭگە،

ئۇندا كۆپ يىل ئاھ ئۇرۇپ بۇندا يەتتىم ۋەسلىڭگە،

ئەزەلدىنلا ئاشىقتىم تەبىئي گۈزەل رەستىڭگە،

ئارمانىم يوق بىر قانسام سېنىڭ شۇ تۆت پەسلىڭگە،

تۇپرىغىڭنى ۋەتىنىم سۈرمە قىلاي كۆزۈمگە.

 

خوتەن 1992-يىلى


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار