كەلدىم

كەلدىم

 

ئىلىم ئىزلەپ يۇرتۇمدىن ،

ئايرىلىپ كەلدىم،

ئاتا-ئانا مىھرىدىن،

قايرىلىپ كەلدىم.

 

قېرىنداشلار قوينىدىن،

باش ئېلىپ كەلدىم،

يۈرۈگۈمگە ۋاقىتلىق،

تاش سېلىپ كەلدىم.

 

زامانىمدىن يەتكۈچە،

دەرتلىنىپ كەلدىم،

بىر ئۇلۇغۋار غايىگە،

ئاتلىنىپ كەلدىم.

 

ئۇزۇن زامان تىلەكتە،

چىڭ تۇرۇپ كەلدىم،

ۋىسال تىلەپ ئاللاھقا،

يالۋۇرۇپ كەلدىم.

 

ھاسىل بولغاچ تىلىكىم،

شادلىنىپ كەلدىم،

مۇسۇلمانلىق بۇرچۇمنى،

يادلىنىپ كەلدىم.

 

كۈتكەن ئىلىم يۇرتۇمنى،

مەن تېپىپ كەلدىم،

مۇشەققەتتە، جاپادا،

يول بىسىپ كەلدىم.

 

بۈگۈن سەھەر بۇ جايغا،

خۇش يېتىپ كەلدىم،

ئۆتكەللەردىن ھەر جايدا،

ساق ئۆتۈپ كەلدىم.

 

ئۆز يۇرتۇمدا ئوقۇشتىن،

چەكلىنىپ كەلدىم،

ياۋ كۆزىدە ھەمىشە،

يەكلىنىپ كەلدىم.

 

 

 

 

جاھالەتتە نەچچە يىل،

خارلىنىپ كەلدىم،

شۇ تەلەيسىز ئۆمۈردىن،

زارلىنىپ كەلدىم.

 

ھۆر جاھاندا مەرىپەت،

ئالاي دەپ كەلدىم،

كىلەچەككە بىر ئاساس،

سالاي دەپ كەلدىم.

 

ياخشى ئوقۇپ ئىجادكار،

بولاي دەپ كەلدىم،

ۋەتىنىمگە تۆھپەمنى،

قوشاي دەپ كەلدىم.

 

 

1986-يىل 6-سىنتەبىر

قاھىرە---مىسىر

مىسىرغا بارغان كۈنۈم


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار