قۇرئان ھەققىدە شېئىر

 

قۇرئان

مۇھەممەد يۈسۈپ

 

دىيانىتىم بۇ قۇرئان،

ئىتائىتىم بۇ قۇرئان،

ئىككى ئالەم مەڭگۈلۈك،

سائادىتىم بۇ قۇرئان.

 

ئورۇم ئالغان دىلىمدا،

زىكرى دائىم تىلىمدا،

ھەمرا بولۇپ يېنىمدا،

تىلاۋىتىم بۇ قۇرئان.

 

دىنىمىزنىڭ دەستۇرى،

جىمى ئەلنىڭ تەقدىرى،

مۆجىزىنىڭ سەرخىلى،

كامالىتىم بۇ قۇرئان.

 

ئاللاھنىڭ شانلىق سۆزى،

ئىسلامنىڭ نۇرلۇق كۆزى،

ھەقىقەتنىڭ نەق ئۆزى،

ئادالىتىم بۇ قۇرئان.

 

ئەلگە ئىلىم ئۈگەتكەن،

نادانلىقنى تۈگەتكەن،

ئېتىقادنى تۈزەتكەن،

ساقاپىتىم بۇ قۇرئان.

 

چوڭ مۆجىزە ياراتقان،

ئىلىم-ھېكمەت تاراتقان،

ئەلنى ئاڭا قاراتقان،

لاياقىتىم بۇ قۇرئان.

 

باشلاپ بەختلىك ھاياتقا،

ئىمان بىلەن ماماتقا،

ئاخىرەتتە نىجاتقا،

كاپالىتىم بۇ قۇرئان.

 

لەۋزى ئەجەپمۇ چاققان،

تىلغا ھەسەلدەك ياققان،

زىكرى ھەر جايدا ئاققان،

ھالاۋىتىم بۇ قۇرئان.

 

 

 

مېنىڭ كۆڭۈل بايلىقىم،

چىمەنزارلىق يايلىقىم،

ھەممىدىن چىرايلىقىم،

قانائىتىم بۇ قۇرئان.

 

كېچە يىغلاپ خۇداغا،

سەۋىر ئەيلەپ جۇداغا،

تەرتىل ياڭراپ ساداغا،

ئىبادىتىم بۇ قۇرئان.

 

دۈشمەنلەرگە ھۇجۇمدا،

قۇرالىمدۇر قولۇمدا،

نۇرلار چېچىپ يولۇمغا،

ماھارىتىم بۇ قۇرئان.

 

كۆڭۈلدىكى مەقسەدكە،

ئېرىشىشكە ئامەتكە،

كېلىپ بىرلىك قامەتكە،

سىياسىتىم بۇ قۇرئان.

 

تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن،

شەرىپىمنى كۆتۈرگەن،

شاقاۋەتنى كەتتۈرگەن،

ئىنايىتىم بۇ قۇرئان.

 

غۇربەتچىلىك كۆرگەندە،

غەمكىن خىيال سۈرگەندە،

سەرگەندار بوپ يۈرگەندە،

كارامىتىم بۇ قۇرئان.

 

قەلەم سەھۋەن يازغاندا،

دۈشمەن توزاق قۇرغاندا،

مەن يولۇمدىن ئازغاندا،

ھىدايىتىم بۇ قۇرئان.

 

بەخت مەندىن قاچقاندا،

يىلان كۆزىن ئاچقاندا،

زەھىرىنى چاچقاندا،

سالامىتىم بۇ قۇرئان.

 

 

 

 

 

دەۋرىم بىر كۈن ياتقاندا،

مەن قايغۇغا پاتقاندا،

بېشىم غەمدىن قاتقاندا،

پاراسىتىم بۇ قۇئان.

 

ئەليۇرتىدا كەزگەندە،

غېرىپلىقنى سەزگەندە،

دىلنى ئەلەم ئەزگەندە،

ساداقىتىم بۇ قۇرئان.

 

ئاغرىق-سىلاق يەتكەندە،

تەندىن ماغدۇر كەتكەندە،

جاننى بوزەك ئەتكەندە،

بارائىتىم بۇ قۇرئان.

 

ئادالەتتىن سورغانغا،

ھەقكە تەشنا بولغانغا،

يول تاپالماي تۇرغانغا،

ئىشارىتىم بۇ قۇرئان.

 

كۆتەرگۈچى شەنىمنى،

يېيىپ ئەلگە نامىمنى،

ساقلاپ چىن ئىمانىمنى،

ئىناۋىتىم بۇ قۇرئان.

 

قابىل كېلىپ جاھانغا،

يېتىپ بىر كۈن نىشانغا،

مەن قېنىشتا ئارمانغا،

جاسارىتىم بۇ قۇرئان.

 

مۈشكۈللەرنى يېڭىشتا،

چوڭ ئۇتۇقلار تېپىشتا،

ئەل رىزاسىن ئېلىشتا،

شۇجائىتىم بۇ قۇرئان.

 

چىن مۆئمىنلىك مەيداندا،

قايتماي تۇرۇپ ھەرئاندا،

بىر كۈن زەپەر قۇچقاندا،

ئالامىتىم بۇ قۇرئان.

 

بايان ئەيلەپ ئەرزىمنى،

ئادا قىلىپ پەرزىمنى،

تاماملاشتا قەرزىمنى،

ئامانىتىم بۇ قۇرئان.

 

لەھەد ئىچرە سۈرگەندە،

مۇنكىر،نەكىر كىرگەندە،

ئاڭا جاۋاپ بەرگەندە،

شاھادىتىم بۇ قۇرئان.

 

مەھشەرگاھقا بارغاندا،

ئېگەم ھېساب ئالغاندا،

مەن چارىسىز قالغاندا،

شاپائىتىم بۇ قۇرئان.

 

تەشنائىينىڭ چىن سۆزى،

قەلىمىنىڭ بىر ئىزى،

شۇنداق دەپ قالدى ئۆزى،

شاراپىتىم بۇ قۇرئان.

1991- يىل 15-ئىيون

قاھىرە--- مىسىر

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار