يازدىممەن ئاللاھتىن ياخشىلىق كۈتۈپ
بىلگەنگە ئوخشايمەن، بىلگەنچە بىراق،
پاراسەت بابىدا ئەمەسمەن ئويغاق.
ئوقۇدۇم يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ ئۇزاق،
بىلمەيمەن يېزىشنى ھەرقاچان قايناپ.
ۋەلېكىن يازدىممەن، بىلگەننى تۇتۇپ،
ياشلىقىم كەتمىسۇن، مەنىسىز ئۆتۈپ .
بىلگىنىم ئاز بىراق، ھىممىتىم كۆپتۇر،
يازدىممەن ئاللاھتىن ياخشىلىق كۈتۈپ.