ۋەتەندىن ئايرىلىش ئالدىدا

ۋەتەندىن ئايرىلىش ئالدىدا

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئايرىلىش سائىتى قىيىنمۇ شۇنچە،

ھەتتاكى چىقمىدى ئېغىزدىن سۆزۈم،

ئۆزۈمنى تۇتالماي گاڭگىراپ قالدىم،

ئاخىرى يىگانە ئايرىلدىم ئۆزۈم.

 

قۇچتى بىر خىل تۇيغۇ كۆرۈشكەندە قول،

تىترىدى ھوجۇدۇم مەۋجلەر ئۇردى قان،

تىنىق كۆل ئىچىگە چۆكۈپ كەتتىم" ئاھ!"

مەس ئەمەس كۆزلىرىم يۇمۇلدى شۇئان.

 

روھىمنى كۈل قىلىپ يانغان چېقىنلار،

ئىلاھىم جاۋاپ بەر مېنىڭ ئەمەسمۇ؟

ئايرىلدىم شۇ ئەزىزى قېرىنداشلاردىن،

بۇنىڭدىكى خاھىش سېنىڭ ئەمەسمۇ؟

 

جىسمىمىز ۋاقىتلىق ئايرىلار بىراق،

روھىمىز مۇستەسنا بۇخىل قىسمەتتىن،

دىدارلىق جەننىتى ئاچقۇسى قۇچاق،

ۋاقتىدا يېزىپ تۇرۇشقان خەتتىن.

 

 

1992- يىل 9- دېكابىر.  خوتەن

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار