ئازار بېرىشنىڭ ھاراملىقى

ئازار بېرىشنىڭ ھاراملىقى

مۇھەممەد يۈسۈپ

بىراۋغا ئازار بېرىش دىنىمىزدا قەتئىي چەكلەنگەن ئېغىر گۇناھلاردىن بىرىدۇر. خۇسۇسەن، بىرەر مۇسۇلمان ئادەمگە ئازار بېرىش ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان، ئۇنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىدىغان قەبىھ قىلمىشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا﴾ «مۇئمىن ئەرلەرگە ۋە مۇئمىن ئاياللارغا قىلمىغان ئىشلارنى چاپلاپ ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار چوڭ بىر بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ»[1]. ئەللامە ئابدۇراھمان سەئدىي بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «بىرەر مۇئمىنگە ئازار بېرىش ئېغىر گۇناھ بولغان يەردە، سەۋەبسىز ھالدا بىگۇناھ مۇئمىن ئادەمگە ئازار يەتكۈزۈش ئاللاھ تائالانىڭ ئوپئوچۇق كۆرسەتمىسىنى دەپسەندە قىلغانلىق بولۇپ، ناھايىتى چوڭ جىنايەتتۇر. شۇڭا ئادەتتىكى بىرەر مۇسۇلماننى تىللاش جازاسى ئېغىر بولغان بىر جىنايەت، دىيانەتلىك كىشىلەرنى تىللاش ئۇنىڭدىن ئېغىر جىنايەت، ئۆلىمانى تىللاش ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر جىنايەتتۇر». ئەللامە ئىبنى رەجەب: «شەرىئەت دەلىللىرى مۇسۇلمان ئادەمگە مەيلى سۆز بىلەن بولسۇن، مەيلى ھەرىكەت بىلەن بولسۇن، قايسىبىر يول بىلەن ناھەق ئازار بېرىشنىڭ قەتئىي ھاراملىقىنى تەكىتلەيدۇ».

 

ئازار بېرىش ئىبادەتنى بىكار قىلىۋېتىدۇ

ئادەتتە بىز ياخشىلىق قىلىۋاتقان ۋە بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج بولغان مۇئمىن ئادەمگىمۇ ئازار بېرىشنىڭ ھاراملىقىنى ۋە ئەزىيەت ئەگشتۈرۈپ بېرىلگەن سەدىقىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تُبْطِلُوا۟ صَدَقَـٰتِكُم بِٱلْمَنِّ وَٱلْأَذَىٰ كَٱلَّذِى يُنفِقُ مَالَهُۥ رِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَلَا يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ ۖ فَمَثَلُهُۥ كَمَثَلِ صَفْوَانٍ عَلَيْهِ تُرَابٌ فَأَصَابَهُۥ وَابِلٌ فَتَرَكَهُۥ صَلْدًا ۖ لَّا يَقْدِرُونَ عَلَىٰ شَىْءٍ مِّمَّا كَسَبُوا۟ ۗ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلْكَـٰفِرِينَ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل _ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىگە ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا _ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن يۇيۇلۇپ (بۇرۇنقىدەك بولۇپ) كەتكەن سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە ساۋابتىن) ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»[2].

 

ئازار بېرىش ئاللاھ تائالانىڭ لەنىتىگە ئۇچراشنىڭ سەۋەبىدۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى مۇنبەرگە چىقىپ مۇنداق خۇتبە سۆزلىگەن: «ئى تىلىنىڭ ئۇچىدىلا ‹ئىمان ئېيتتۇق› دەپ قويغان، ئىمان قەلبىگە يېتىپ بارمىغان ئادەملەر! مۇسۇلمانلارغا ئازار بەرمەڭلار، ئۇلارنى ئەيىبلىمەڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەيبىنى ئىزدىمەڭلار. چۈنكى كىمكى بىرەر مۇسۇلمان بۇرادىرىنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدۇ. ئاللاھ بىراۋنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىسە، ئۇنى رەسۋا قىلماي قويمايدۇ، ھەتتا ئۆيىنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ، ئۇنى جازالايدۇ».[3] ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەئبىگە قاراپ تۇرۇپ، «سەن نېمىدېگەن ئۇلۇغ! سېنىڭ ھۆرمىتىڭ نمىدېگەن كاتتا! ئەمما بىرەر مۇئمىننىڭ ھۆرمىتى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە سەندىن ئۇلۇغدۇر» دېگەن.

 

ئازارنىڭ تۈرلىرى

ھەرقانداق جان ئىگىسىگە زىيان زىيان يەتكۈزۈش، ئۇنى بىئارام قىلىش ۋە راھەتسىزلەندۈرۈش ئۇنىڭغا ئازار بەرگەنلىكتۇر. خۇسۇسەن، مۇسۇلمانلارنى جىسمانىي ياكى مەنىۋى جەھەتتىن زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىتىدىغان، رەنجىتىدىغان، غەمكىن قىلىدىغان ۋە راھەتسىز قىلىدىغان ھەرقانداق قىلىق ۋە گەپ-سۆز ئۇلارغا ئازار بەرگەنلىكتۇر. ئازارنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئاددىي سانايدىغان ئازار تۈرلىرىنى بايان قىلىپ مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىگە: «سىلەر يوللاردا ئولتۇرماڭلار» دېگەندە، ساھابىلەر: «يا رەسۇلۇللاھ! بىزنىڭ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدىغان باشقا يېرىمىز يوق. شۇڭا يوللاردا پاراڭلىشىپ سالىدىكەنمىز» دەيدۇ. بۇ چاغدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئۇنداقتا، يولنىڭ ھەققىنى بېرىڭلار» دەيدۇ. ساھابىلەر: «يا رەسۇلۇللاھ! يولنىڭ ھەققى دېگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: « يولنىڭ ھەققى —نامەھرەمگە قارىماسلىق، كىشىلەرگە ئازار بەرمەسلىك، سالامنى ئىلىك ئېلىش، ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ، يامان ئىشتىن توسۇشتۇر»[4] دەيدۇ.

 

ئىبادەت يولىدىمۇ كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈش ھارامدۇر

 بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبە ئوقۇۋاتقان ئەسنادا، بىر ئادەمنىڭ كىشىلەرنىڭ مۈرىلىرىدىن ئاتلاپ ئالدىنقى سەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا: «ئولتۇر! كىشىلەرگە ئەزىيەت بەردىڭ» دەپ كايىغان. مەلۇمكى، پەيغەمبە ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بىر ئىشتا كىشىلەرگە كايىمايتتى، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىنغان ھامان ئۇنىڭغا كايىتتى ۋە ئاچچىقلىناتتى. مەلۇمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغۇچىسىغا كايىغان ۋە ئاچچىقلانغان ئىش ھارام ئىشتۇر. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، گەرچە نىيىتى دۇرۇس بولغان ۋە ئىبادەت ئۈچۈن ماڭغان ئادەمنىڭمۇ، شۇ ئىبادەت ئەسناسىدا كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشى ھارام ۋە گۇناھتۇر.

 

 كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى ئېتىبارغا ئالماسلىق ئۇلارغا ئازار قىلغانلىقتۇر

 ئىسلام دىنىمىز ئىنسانلارنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ھەربىر كىشىنىڭ ھېسسىياتىنى ئېتىبارغا ئېلىپ، گۈزەل ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا مۇئامىلە قىلىشنى ئىبادەت سانايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرۈشنى گۇناھ قاتارىدىن سانايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۈچ ئادەم بار يەردە ئىككىسى ئايرىم پاراڭلاشمىسۇن. چۈنكى بۇنداق قىلىش مۇئمىن ئادەمنى غەمكىن قىلىدۇ»[5]. مۇئمىنلەر ئۆزئارا قېرىنداش بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن بىر مۇئمىننىڭ يەنە بىر مۇئمىننى ئاسرىشى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئايىشى دىنىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيەتتۇر. بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ.

 

قوشنىلارنى ئاسراش ئىماننىڭ ئىپادىسىدۇر

قوشنا ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتىنى يايىدىغان كىشىسىدۇر. ئىسلام دىنىمىزدا قوشنا ھەققى چوڭدۇر. ھەتتا قوشنىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئىماننىڭ ئىپادىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ئىكەن، جوشنىسىغا ئازار بەرمىسۇن»[6] دەپ كۆرسەتكەن. يەنە بىر ھەدىستە: « زىيان-زەخمەتلىرىدىن قوشنىسىنى خاتىرجەم قىلالمىغان ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ»[7] دەپ كۆرسەتكەن.

 

 مۇسۇلمانلارنى قوغداش ئىبادەتتۇر

مۇسۇلمانلارنىڭ بىر تەندەك ۋە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ۋە كۆيۈمچان بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىسلام دىنىمىزنىڭ نۇسرىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۈستىدىكى پەرز ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە تېگىشلىك بولۇشنىڭ شەرتىدۇر. ﴿يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِن تَنصُرُوا۟ ٱللَّهَ يَنصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ﴾ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھقا (ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (جىھاد مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلىدۇ»[8].

 

 كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئاددىي سانالغان ياخشىلىقمۇ جەننەتكە كىرىشنىڭ يولىدۇر

مۇسۇلمانلارنىڭ زىيان-زەخمەتلەردىن قوغداشنىڭ كاتتا ئىبادەت ۋە ئاللاھ تائالانى مەمنۇن قىلىدىغان ئۇلۇغ ئەمەل ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەمما نورمالدا كىشىلەر دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان ۋە كۆزىگە ئېلىپ قويمايدىغان ئاددىي ئىشلارمۇ جەننەتكە كىرىشكە ۋەسىلە بولۇپ قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ: «ماڭا ئۈممىتىمنىڭ ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرى كۆرسىتىلدى. ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى قاتارىدا يولدىكى ئەزىيەتنى ئېلىۋېتىشنىمۇ كۆردۈم»[9] دېگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم يولدا كېتىۋاتاتتى. ئالدىدا بىر شاخنى كۆردى، ئاندىن ‹بۇ شاخ مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن بۇرۇن مەن بۇنى چوقۇم ئېلىۋېتەي› دېدى ۋە ئېلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى جەننەتلىك بولدى»[10].

 

 مۇسۇلمانغا ئازار بېرىش زۇلۇم قىلغانلىقتۇر

شەكسىزكى، زۇلۇم — ھەقسىزلىق قىلىش، بوزەك قىلىش، ئورۇنسىز يامانلىق قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، بىراۋغا ئازار بېرىش ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. ئاللاھ تائالا زۇلۇم قىلغۇچىلارنى توغرا يولغا يېتەكلىمەيدۇ ۋە ئۇلارنى ئازغۇنلۇقىدىن قۇتقۇزمايدۇ. ﴿ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلظَّـٰلِمِينَ﴾ «شەكسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»[11]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسىدىن قورققىن. چۈنكى ئۇنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا پەردە يوق»[12].

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى كىشى، دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»([13]) دېگەن.



[1] ئەھزاب سۈرىسى:58-ئايەت.
[2] بەقەرە سۈرىسى: 264- ئايەت.
[3] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[4]  ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[5]  ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[6]  ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[7]  ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[8] مۇھەممەد سۈرىسى:7- ئايەت.
[9] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[10]  ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[11] سۈرە مائىدە، 51 – ئايەت.
[12]  ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([13]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار