غەلىبىنىڭ كاپالىتى بولغان 8 ئامىل

غەلىبىنىڭ كاپالىتى بولغان 8 ئامىل
 

كۇۋېيتتا چىقىدىغان«ئەل مۇجتەمە» ژۇرنىلىنىڭ 2012  _ يىلى10  _ ئاپرىل سانىدا، «غەلىبىنىڭ كاپالىتى بولغان8 ئامىل»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە، ھەر قانداق چوڭ ئىش قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان 8 تۈرلۈك مەسىلە ناھايىتى ئىخچام بايان قىلىنغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. مەسئۇلىيەتچان بولۇش

 قىلغان ئىشىڭىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىڭىزگە ئالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى مەسئۇلىيەتتىن قاچۇرۇش ناھايىتى ئوڭاي ئىش. ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز سىزنىڭ مەغلۇب بولۇشىڭىز ئېنىق. شۇڭا ئىشىڭىزدا مەسئۇلىيەتچان بولۇڭ.

2. پىلان تۈزۈش

ئىشلارنىڭ ئالدى  _ كەينىنى ياخشى ئويلاپ، پۇختا پىلان تۈزمەستىن، بولۇشىغا باشلىغان ئىشنىڭ كاپالىتى يوق. چۈنكى مۇنداق قىلىش تەۋەككەلچىلىك بولۇپ، تەلىيى ئوڭدىن كەلمىسە، زىيان تارتىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا قانداقلا بىر چوڭ ئىشنى باشلاشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ پىلانىنى پۇختا تۈزۈپ چىقىش لازىم.

3. ھېچ نەرسە بىكارغا كەلمەيدۇ

چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. چۇنكى دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە بىكارغا كەلمەيدۇ. قانداقلا بىر چوڭ ئىشنى يۈرۈتمەكچى بولغان ئادەم ئاۋۋال مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىشقا ۋە ئىقتىدارلىق كادىرلارنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىشكە موھتاج. شۇڭا چوڭ ئىش قىلىمەن دېگەن ئادەم چوڭ بەدەل تۆلەشكە ئۆزىنى ھازىر تۇتۇشى لازىم.

4. مەنىۋى تەرەپنىمۇ قولدىن بەرمەسلىك

سىز قىلماقچى بولغان ئىش سىزنىڭ قىزىققان كەسپىڭىز بولۇشى  مۇمكىن. ئەگەر مۇنداق بولسا، سىزگە كۆپ ياخشى بولىدۇ. چۈنكى ئادەم ئۆزى قىزىققان كەسىپنى ياكى ھەر قانداق بىر ئىشنى مۇكەممەل ئورۇندايدۇ ۋە قېتىرقىنىپ ئىشلەيدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، سىز ئۆزىڭىزنى يېتىشتۈرۈشكە ۋە ئىشقا بولغان قىزىقارلىقىڭىزنى ئاشۇرۇشقا موھتاجسىز.

5. نىشاننى مەركەز قىلىش

سىزنىڭ ۋە ئىشىڭىزنىڭ كېلىچىكى ئۈچۈن نىشانىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەمىشە شۇنىڭ كويىدا بولۇشىڭىز ۋە شۇنى ئويلاپ، شۇنى چۈش كۆرىشىڭىز لازىم. جاك كانۋىلد بىلەن ماك ھانسۇن قاتارلىقلارمۇ توسقۇنلۇقلار ۋە قىيىنچىلىقلار ئالدىدا تىز پۈكمەستىن، نىشانىنى مەركەز قىلغان ھالدا تۇرماستىن ئىلگىرلىگەن، ھەتتا ھەر ھەپتىسى ئونلارچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىنى زېرىكمەستىن تونۇشتۇرغان، ئېلان قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ كىتابلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

6. نىشانىڭىزنى يېزىڭ

پىلانسىز نىشانغا يېتىمەن دېگەنلىك لوس ئانگلىستىن شىكاگوغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ خەرىتىسىز بارىمەن دېگەنلىكتۇر. پىلانى يېزىلمىغان نىشان پەقەت قۇرۇق خىيالدىنلا ئىبارەت بىر نەرسىدۇر.

7. باش ئەگمەسلىك

نىشانىڭىزنى مۇكەممەل شەكىلدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا سىز ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلار ۋە كېلىشمەسلىكلەرگە باش ئەگمەسلىكىڭىز لازىم. بۇ يولدا بېشىڭىزغا كېلىدىغانلارغا قارشى سىزدە ئالدىن تەييارلىق بولۇشى  لازىم. ئۇ بولسىمۇ، مۇستەھكەم ئىرادە، چىدام ۋە زور كۈچتۇر. بۇ ئۈچ نەرسە مەكمۇ مۇھىمدۇر.

8. ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش

ھەركىمنىڭ ۋاقتى چەكلىك. ھېچكىم مەڭگۈگە ياشىمايدۇ. ئۆتكەن ھەر بىر كۈن سىزنىڭ نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىڭىزنى كېمەيتىپ ماڭىدۇ. ئىلگىرى يا كېيىن ھاياتىڭىز چوقۇم ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ خوشال بولارلىق تۇيغۇ ئەمەس، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەمما بۇ ھەقىقەت!

ۋاقىت سىزنىڭ ھاياتىڭىز، ۋاقىت سىزنىڭ پۇرسىتىڭىز. ئۇنداقتا ۋاقتىڭىزنى پايدىلىق ئىشلارغىلا سەرپ قىلىڭ!».


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار