يېرىم يىل ئۆمرىڭىز قالغان بولسا نېمە قىلاتتىڭىز؟

يېرىم يىل ئۆمرىڭىز قالغان بولسا نېمە قىلاتتىڭىز؟

 

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى، روياپقا چىقىرىشنى پىلانلىغان ئىشلىرى بولىدۇ. ئەمما ھەممىلا ئادەم ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ۋە پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا جىددىي بولالمايدۇ، ئەمەلىي قەدەم ئالمايدۇ. شۇڭا بەزى كىشىلەر بىر ئۆمۈر شېرىن خىياللار بىلەن ياشاپ بۇ ئالەم كېتىپ قالىدۇ.

ناۋادا بىرىگە دوختورلار بىر قانچە ئايلىق ئۆمرى قالغانلىقىنى ئېيتسا، ئۇ كىشىنڭ ھاياتتا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئىشلىرىنىڭ مۇھىملىرىنى قىلىشقا كىرىشىدىغانلىقى، دۇنيانىڭ ئۇنىڭ كۆزىدە كىچىكلىشىپ كېتىدىغانلىقى ۋە بۇرۇن ھورۇنلۇقتىن ياكى قايسىبىر سەۋەب بىلەن كېچىكتۈرگەن ئىشلىرىنى قىلىۋېلىشقا ئالدىرايدىغانلىقى ئېنىق.  

سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «رىياز» گېزىتىنىڭ 16311- سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، 2007-  يىلى ئىشلەنگەن bucket list ناملىق فىلىمدا ئامېرىكىدا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىككى كىشى توغرۇلۇق توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق كەلگەن: «ئامېرىكىلىق ئىككى مەشھۇر كىشى راك كېسىلى بىلەن دوختورخانىدا ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بىرى كۆپ ئوقۇغان، كۆپنى بىلىدىغان ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق ئىنژېنېر ئىدى. ئۇ تارىخ ئۇستازى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئىككىنچىسى ئائىلىسىدىن ۋە ئۆزىنىڭ يالغۇز قىزىدىن تانغان، تەنھا ياشايدىغان مىليونېر ئىدى. بىر كۈنى ئەتىگەندە ئىنژېنېر بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن قىلىشنى ئارزۇ قىلغان ئارمانلىرىنى تەپسىلىي يېزىپ چىقىدۇ ۋە بىر قانچە دۆلەتتە ساياھەتتە بولۇشنى پىلانلايدۇ. ئۇنىڭ يازغانلىرىنى يېنىدا ياتقان مىليونېر ئوقۇپ چىقىدۇ، ئاخىرىغا ئۆزىنىڭ ئارزۇسى دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل قىزى بىلەن ئۇچرىشىش ئىكەنلىكىنى قوشۇپ قويىدۇ. ئاندىن ئۇ ئىنژېنېر مىليونېرنى ئۆزى پىلانلىغان ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۈندەيدۇ، لېكىن مىليونېر بۇ ئارزۇنىڭ ئەمدىلىكتە ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قەتئىي ئۇنىمايدۇ. مىليونېر ئۇنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ باقىدۇ-يۇ، ئۇ «ياق» دېگەن سۆزىدىن قايتمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىليونېر ئىنژېنېرغا ئىككىيلەننىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق بايلىقىنى سەرپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە ئۇنى قايىل قىلىدۇ. ئۇلار ساياھىتىنى باشلايدۇ، دەسلەپتە ھىندىستاندىكى تاجمەھەلگە، ئاندىن مىسىردىكى ئەھراملارغا، سەددىجىن سېپىلىغا بارىدۇ، ئاندىن ئافرىقىغا بارىدۇ ۋە پىلانلىغان جايلارنىڭ ھەممىسىنى ساياھەت قىلىدۇ. ساياھەت جەريانىدا ئىنژېنېر مىليونېرنى قىزىنى زىيارەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ، ئەمما مىليونېر بۇ پىكىرنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. ساياھەتمۇ ئاخىرلىشىدۇ. ساياھەتتىن قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنژېنېر ئالەمدىن ئۆتىدۇ. مىليونېر يالغۇر قالىدۇ. ئۇ كۆپ ئويلىنىپ ئىنژېنېرنىڭ يۈز-خاتىرىسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يالغۇز قىزىنى ئىزدەپ قويۇش پىكرىگە كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ قىزىنى زىيارەت قىلىدۇ، ئۇنى باغرىغا بېسىپ دۇنيانىڭ سائادىتىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغاندەك بولىدۇ». بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ «دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل قىزى بىلەن ئۇچرىشىش»تىن ئىبارەت ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ھەممىمىزنىڭ بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىقىمىز مۇقەررەر. شۇڭا بىزدىمۇ بۇ ئالەمدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز زۆرۈر بولغان ئىشلىرىمىزنىڭ تىزىملىكى بولسا بەك ياخشى بولىدۇ. چۈنكى، كۈچلۈك ئارزۇ – ئارمان يول خەرىتىسىنىڭ ئورنىدا بولۇپ، بىزنى ھەرىكەتكە ئۈندەيدۇ. ئارزۇ-ئارمانغا ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزى بىزنى ئۈمىد ئىچىدە ياشاتقاندىن باشقا، بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بىزنى ئىتتىرىدىغان كۈچتۇر.

شۇڭا ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنى ھەرگىز كېچىكتۈرمەڭ، ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىڭ، خۇددى يېرىم يىل ئۆمرى قالغان ئادەمدەك ئالدىراڭ. چۈنكى قانچىلىك ئۆرىڭىز قالغانلىقىنى بىلمەيسىز.

بىر مۇسۇلمان ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەڭ كاتتا ئارزۇ-ئارمىنى ئاللاھ تائالانى رازى قىلالىغۇدەك ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بولۇشى لازىم. بۇ ئەقىل ۋە دىننىڭ بىردەك تەلىپىدۇر.

بۇنداق گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالغانلار ئىككى قېتىم قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ.

بىرىنچىسى، سەكراتقا چۈشكەندە. ئاللاھ تائالا بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن:(يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ فَأُولَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ . وَأَنْفِقُوا مِنْ مَا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَى أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُنْ مِنَ الصَّالِحِينَ( «ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل _ ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئەنە شۇنداقلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر. سىلەر بېشىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «ئى رەببىم! مېنىڭ ئەجىلىمنى بىرئاز كېچىكتۈرگەن بولساڭ، مەن سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بەرگەنلىرىمىزدىن بىر قىسمىنى سەدىقە قىلىڭلار».

ئىككىنچىسى، ئاخىرەتتە. ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ھالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ( وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ نَارُ جَهَنَّمَ لَا يُقْضَى عَلَيْهِمْ فَيَمُوتُوا وَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُمْ مِنْ عَذَابِهَا كَذَلِكَ نَجْزِي كُلَّ كَفُورٍ . وَهُمْ يَصْطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَا أَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُمْ مَا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَنْ تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ فَذُوقُوا فَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ نَصِيرٍ( «كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارغا كەلسەك، ئۇلار دوزاخ ئوتىغا مەھكۇم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئۆلۈم بىلەن ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەرقانداق كاپىرنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. ئۇلار دوزاختا: «رەببىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقىچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋالساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئۇلارغا دېيىلىدۇ) «سىلەرگە ۋەز _ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز _ نەسىھەت ئالالىغۇدەك بىر ئۆمۈر ۋاقىت بەرمىدۇقمۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدىغۇ، (نېمىشقا ئىمان ئېيتمىدىڭلار؟) ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ياردەم بەرگۈچى يوق».

 ئىبرەت

-        ئارزۇ-ئارمان يول خەرىتىسىگە ئوخشايدۇ، ئەمما يولغا چۈشمىگەن ئادەم مەنزىلىگە بارالمايدۇ.

-        ئارزۇ-ئارمان تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا يېتىش يولىمىزنى بەلگىلەيدۇ.

-        ئارزۇ- ئارمان بىزگە نىشانغا قاراپ تۇرماستىن ئىلگىرىلەشنىڭ ھۇزۇرىنى ياشىتىدۇ.

-        ئەگەر ئىنسانلار ئۆلىدىغان ۋاقتىنى بىلسە ئىدى، ھېچكىم ئارزۇ-ئارمانلىرىنى كېچىكتۈرمىگەن بولار ئىدى.

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار