خۇشاللىقنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ

 

خۇشاللىقنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ

مۇھەممەد يۈسۈپ

خۇشاللىق ئىنساننىڭ ئىچىدىن كېلىدىغان رازىمەنلىك تۇيغۇسى بولۇپ، ئۇنى ھەرقانداق ئادەم چىقىرالايدۇ. شۇڭا خۇشاللىقمىزنىڭ مەنبەسىنى باشقىلاردىن ئەمەس، ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز لازىم. ناۋادا خۇشاللىقىمىزنىڭ مەنبەسىنى ئەتراپىمىزدىكىلەرگە باغلىۋالساق، ئۇلاردىن ئاغرىنىشتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيمىز. چۈنكى، خۇشاللىقنى ئۇلار بېرەلمەيدۇ.

ئەگەر سىز ئەتراپىڭىزدىكى ئىنسانلاردىن رازى ئەمەس، ھەمىشە ئۇلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرىدىغان بىرى بولسىڭىز، بىلىڭكى، بۇ ئۆز خۇشاللىقىڭىزنى باشقىلاردىن كۈتكەنلىكىڭىز ۋە سائادەتنىڭ مەنبەسىنى ئۇلارغا باغلىۋالغانلىقىڭىز سەۋەبتىندۇر. چۈنكى، سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنى خۇشال قىلىشىنى، سىزگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىۋاتىسىز. دېمەك، مۈشكۈل باشقىلاردا ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزدە ۋە خۇشاللىقىڭىزنىڭ، غەمكىنلىكىڭىزنىڭ مەنبەسى پەقەت ئۆزىڭىز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغانلىقىڭىزدا بولماقتا.

 خۇشاللىق ناھايىتى ياخشى نەرسە. چۈنكى، خۇشال يۈرىدىغان ئىنسانلارنىڭ تېنى ساق، ئۆزى بەختلىك، مېجەزى ياخشى بولىدۇ. خۇشاللىقنىڭ مېۋىسى ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش بولۇپ، شۇنداق چاغدىكى خۇشاللىق ھەقىقىي خۇشاللىقتۇر. (قُلْ بِفَضْلِ اللَّهِ وَبِرَحْمَتِهِ فَبِذَلِكَ فَلْيَفْرَحُوا هُوَ خَيْرٌ مِمَّا يَجْمَعُونَ) «ئېيتقىنكى، «ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، (بۇ) ئۇلارنىڭ يىغقان (مال _ دۇنيا) لىرىدىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر»[1].

 دۇنيادا ھەرقانداق ئادەم خۇشاللىق ئىزدەيدۇ، خۇشال بولۇش ئۈچۈن بەدەللەرنى تۆلەيدۇ، خۇشاللىق ئىزدەپ جاپالىق سەپەرلەرگە، كۆپ پۇل خەجلەپ ساياھەتلەرگە چىقىدۇ، ھەتتا بەزى ئىنسانلار خۇشال بولۇش ئۈچۈن گۇناھ-مەسىيەتلەرنىمۇ سادىر قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى ئىزدىگەن ىۇشاللىقىنى تاپالمايدۇ.

 خۇشاللىق نەدە؟

بىر كۈنى ئىبلىس شەيتانلارغا چوڭ بىر زىياپەت بېرىدۇ، ئۇ زىياپەت ئەسناسىدا، شەيتانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان ئىنساننىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىشقا بۇيرۇيدۇ. شەيتانلاردىن بىرى، «ئىنساننىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى ئۇنىڭ بايلىقىدۇر. بىز ئۇنى ئوغرىلايلى» دەيدۇ.

ئىبلىس: ياق، بەلكى ئۇنىڭ بايلىقىنى كۆپەيتەيلى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۈشكىلاتلىرى كۈپەيسۇن، غەمكىنلىكى ئاشسۇن، ئاندىن ئۇنىڭ بەختسىزلىكىنى كۆپەيتىمىز» دەيدۇ.

يەنە بىر شەيتان: «ئەڭ ياخشىسى، بىز ئىنساننىڭ ئەقلىنى ئوغرىلايلى، چۈنكى ئەقلى ئۇنىڭدىكى قىممەتلىك بايلىقتۇر» دەيدۇ.

  ئبلىس: «ياق، ئۇنىڭ ئەقلىنى ئوغرىلىساق، ئۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىنى ۋە غەم، ئەندىشىلىرىنى قانداق ھېس قىلالايدۇ؟» دەيدۇ.

يەنە بىر شەيتان تۇرۇپ، «ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئىزدەيدىغان نەرسىسى خۇشاللىقتۇر. شۇڭا بىز ئۇنىڭ خۇشاللىقىنى ئوغرىلايلى» دەيدۇ.

ئىبلىس بۇ پىكىرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ ۋە ئىنساننىڭ خۇشاللىقىنى ئوغرىلايدۇ. ئەمما ئۇلار يەنە بىر مۈشكىلىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئوغرىلىغان بۇ خۇشاللىقنى نەگە يوشۇرۇش ئىدى.

شەيتانلاردىن بىرى، «ئۇنى ئىنسان ئىزدەپ تاپالمايدىغان جايغا يوشۇرايلى، دېڭىزنىڭ تېگى بەك پىنھان جاي، شۇڭا ئۇنى دېڭىزنىڭ تېگىگە يوشۇرايلى» دەيدۇ.

يەنە بىر شەيتان «ئۇنى ئىنسان بارالمايدىغان ئۇزاق جايلارغا ئاپىرىپ كۆمۈپ قويايلى» دەيدۇ.

ئىبلىس بۇ پىكىرلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا  قوشۇلماي ۋە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان ئۇزاقلارغا بارالايدىغان تېز سۈرئەتلىك قاتناش قوراللىرىنى ئىجاد قىلالايدۇ، دېڭىزنىڭ ئاستىغا شۇڭغۇيدىغان غاۋۋاسلارنى ياسىيالايدۇ. ئۇنى بەرىبىر تېپىۋالىدۇ. شۇڭا ئىنساننىڭ خۇشاللىقىنى ئۇنىڭ قەلبىگە يوشۇرايلى. چۈنكى، شۇنداق قىلساق، ئۇ خۇشاللىقنى بايلىقتىن ئىزدەپمۇ تاپالمايدۇ، نام-شۆھرەتتىن ئىزدەپمۇ، تاپالمايدۇ، شەھۋەتتىن ئىزدەپمۇ تاپالمايدۇ. ئەمما ئۇ خۇشاللىقنىڭ قەلبىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ۋە ئۇ يەرنى قەتئىي ئىزدىمەيدۇ. شۇڭا ئۇ خۇشاللىقنى باشقا يەرلەردىن ئىزدەپ بەختسىز ھايات كەچۈرىدۇ».

شەيتانلار ئىبلىسنىڭ بۇ دانا پىكىرىنى ئاڭلاپ چاۋاك چېلىشىپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇشىدۇ. شۇ كۈندىن بېرى ئىنسان خۇشاللىقنى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن بولغان قەلبىدىن ئەمەس، يوق يەرلەردىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

 

ئىبرەت:

-سىز ئۆزىڭىزنىڭ خۇشاللىقىنى يارىتىدىغان يېگانە مەۋجۇداتسىز.

- سائادەت بېرىلمەيدۇ، بەلكى يارىتىلىدۇ.

- ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش خۇشاللىقتۇر.

- ئۆزىدىكى نېمەتلەرنى بىلىش خۇشاللىقتۇر.

-مېھىر-مۇھەببەت خۇشاللىقتۇر.

- بېغىشلاش خۇشاللىقتۇر.

- يۈرەكتىن كۈلۈش خۇشاللىقتۇر.

- خۇشاللىق ياكى غەمكىنلىك بىزنىڭ قارارىمىزدۇر.



[1]  يۇنۇس سۈرىسى: 58- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار