«قۇرئان كەرىم»نىڭ تارىخى

«قۇرئان كەرىم»نىڭ تارىخى

مۇھەممەد يۈسۈپ

«قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بولۇشى

 «قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇرى، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ بىرىنچى ئاساسلىق مەنبەسىدۇر. ئۇ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ۋەھيى يولى بىلەن نازىل قىلىنغان ساماۋىي كىتابتۇر. «قۇرئان كەرىم» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دائىملىق مۆجىزىسىدۇر. «قۇرئان كەرىم» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مىلادىيىنىڭ 610 _ يىلى مەككىدىكى ھىرا غارىدا تۇنجى قېتىم نازىل بولۇشقا باشلىغان. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توپتوغرا 40 ياشتا ئىدى.

ئىمام بۇخارى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان: «رەسۇلۇللاھقا ئەڭ دەسلەپكى ۋەھيى راست چۈش بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى تاڭ نۇرىدەك روشەن ئىدى. كېيىن ئۇ يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ ھىرا غارىدا[1] ئۆيگە قايتماي كېچىلىرى يالغۇز ئىستىقامەت قىلاتتى، ئىستىقامەتكە چىققاندا ئوزۇقلۇق ئېلىۋالاتتى. ئىستىقامەتتىن بوشىغاندا، خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئىككىنچى قېتىم چىقىش ئۈچۈن تەييارلىناتتى. بۇ ئىش ھىرا غارىدا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك كەلگەنگە قەدەر داۋام قىلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا پەرىشتە كېلىپ: ‹ئوقۇ› دېدى. رەسۇلۇللاھ: ‹مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن› دېدى. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: پەرىشتە مېنى تۇتۇپ قاتتىق سىقىپ قويۇۋېتىپ، ‹ئوقۇ› دېدى. يەنە مەن‹ئوقۇشنى بىلمەيمەن› دېدىم، مېنى ئىككىنچى قېتىم تۇتۇپ قاتتىق سىقىپ قويۇۋېتىپ، ‹ئوقۇ› دېدى. مەن ‹ئوقۇشنى بىلمەيمەن› دېدىم. مېنى ئۈچىنچى قېتىم يەنە تۇتۇپ سىقىپ قويۇۋەتكەندىن كېيىن: ﴿ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى ئەلەقتىن ياراتتى. سەن ئوقۇغىن. رەببىڭ ئىنسانغا قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۆگەتكەن، بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرگەن ئەڭ كەرەملىك زاتتۇر﴾[2]  دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇدى. رەسۇلۇللاھ پەرىشتە بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان چاغدا پەيدا بولغان قورقۇنچ بىلەن خۇۋەيلىدنىڭ قىزى خەدىجەنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، قورقۇنچىسىنى بېسىش ئۈچۈن، ‹مېنى يۆگەپ قويۇڭلار، يۆگەپ قويۇڭلار› دېدى. ئۇ قورقۇنچىسى تۈگىگىچە يۆگەپ قويۇلدى، ئۇ خەدىجىگە ئەھۋالنى بايان قىلىپ، ‹ئى خەدىجە ماڭا نېمە بولغاندۇ؟ ئۆزۈم توغرىسىدا قورقۇپ قالدىم› دېدى. خەدىجە: ‹ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاللاھ سېنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ، چۈنكى سەن ئۇرۇق-تۇغقانلارغا شەپقەت قىلىسەن، راست گەپ قىلىسەن، ئاجىز، بىچارىلەرگە ياردەم قىلىسەن، يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن، مېھمانلارنى ياخشى كۈتۈۋالىسەن، بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىسەن› دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەدىجە ئۇنى تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋەرەقە ئىبنى نەۋفەل ئىبنى ئەسەد ئىبنى ئابدۇلئۇززانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ۋەرەقە جاھىلىيەت دەۋرىدە خىرىستىيان دىنىغا كىرگەن ئىدى، ئىبرانى يېزىقنى بىلەتتى، ئىبرانى يېزىق بىلەن ئىنجىلدىن كۆپ نەرسىلەرنى يازاتتى. ئۇ ياشانغان، كۆزى ئەما بولۇپ قالغان بوۋاي ئىدى. خەدىجە ۋەرەقەگە: ‹تاغامنىڭ ئوغلى! قېرىندىشىڭنىڭ[3] ئوغلىنىڭ (يەنى مۇھەممەدنىڭ) سۆزىگە قۇلاق سال› دېدى. ۋەرەقە رەسۇلۇللاھتىن: ‹ئى قېرىندىشىمنىڭ  ئوغلى! نېمە بولدۇڭ؟› دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ كۆرگەنلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى. ۋەرەقە ئۇنىڭغا: ‹ئاللاھ مۇساغا چۈشۈرگەن شەرىئەت مۇشۇ، ئىسىت، مەن سېنىڭ دىنغا دەۋەت قىلغان چاغلىرىڭدا ياش يىگىت بولسامچۇ، ئىسىت، مەن خەلقىڭ سېنى يۇرتۇڭدىن ھەيدەپ چىقارغان ۋاقىتتا ھايات بولسامچۇ› دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەجەبلىنىپ: ‹خەلقىم مېنى يۇرتۇمدىن ھەيدەپ چىقىرارمۇ؟› دېدى. ۋەرەقە: ‹ھەئە، ھەيدەپ چىقىرىدۇ، پەيغەمبەر بولغان ئادەم دۈشمەنلىك بولىدۇ، سېنىڭ دىنغا دەۋەت قىلغان چاغلىرىڭدا ھايات بولغان بولسام، ساڭا يېقىندىن ياردەم قىلاتتىم› دېدى. ئۇزاق ئۆتمەي ۋەرەقە ۋاپات بولۇپ كەتتى. ۋەھيى ئۈزۈلۈپ قالدى»[4].

«قۇرئان كەرىم» ۋەزىيەت ۋە شارائىتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاز _ ئازدىن نازىل بولۇپ، تولۇق 23 يىلدا تولۇق تاماملاندى. ﴿قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە _ دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ _ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق﴾ ([5]).

«قۇرئان» دېگەن سۆز «قرأ» يەنى «ئوقۇدى» دېگەن پېئىلدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، «ئوقۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ﴿ لَا تُحَرِّكْ بِهِ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِ . إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُ وَقُرْآَنَهُ . فَإِذَا قَرَأْنَاهُ فَاتَّبِعْ قُرْآَنَهُ . ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا بَيَانَهُ ﴾ يەنى﴿ (ئى پەيغەمبەر! ساڭا ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقان چاغدا) ئۇنى ئېسىڭگە ئېلىۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما. چۈنكى ئۇ ۋەھيىنى (سېنىڭ دىلىڭغا) توپلاش ۋە ئۇنى ساڭا ئوقۇتۇش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر. شۇڭا، بىز ئۇنى (ساڭا جىبرىل ئارقىلىق) ئوقۇپ بەرگەندە، سەن ئۇنى (جىم تۇرۇپ) ئاڭلىغىن﴾[6] دېگەن ئايەتتىكى «قُرْآنَ» يەنى «قۇرئان» دېگەن سۆز بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

ۋەھيى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
 ۋەھيى _ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرگەن سۆزى بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىنى ئىنسانغا بىلدۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر. «قۇرئان كەرىم» دە: ﴿أوحى﴾ يەنى «ۋەھيى قىلدى»، ﴿كلم﴾ يەنى «سۆزلىدى»، ﴿قال﴾ يەنى «ئېيتتى»، ﴿أمر﴾ يەنى «بۇيرۇدى»، ﴿القى﴾ يەنى «تاشلىدى»، ﴿أنزل﴾ يەنى «نازىل قىلدى (يەنى چۈشۈردى)»، ﴿نادى﴾ يەنى «نىدا قىلدى» قاتارلىق ئىپادىلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ۋەھيىنىڭ يوللىرى بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان: ﴿ئاللاھ بىر ئىنسانغا پەقەت ۋەھيى يولى بىلەن ياكى پەردە ئارقىسىدىن سۆزلەيدۇ، ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھيىنى قىلىدۇ﴾[7].

ۋەھيى ئۆزى بىلەن ئەڭ ئاۋۋال تونۇشقان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش تەرزىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتكە، ئىناقسىزلىقتىن بىرلىككە، نادانلىقتىن ئىلىم _ مەرىپەتكە، ئاجىزلىقتىن كۈچ _ قۇۋۋەتكە تەدرىجىي ئېلىپ بارغان ئىدى. چۈنكى ۋەھيى يېڭى بىر ھاياتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن نازىل بولغان ئىلاھىي قانۇندۇر. زادى ۋەھيىنىڭ مەقسىتى ئىنساننى مەركەز قىلغان بىر ھايات، ئىماننى مەركەز قىلغان بىر ھايات، ئىلىم _ مەرىپەتنى مەركەز قىلغان بىر ئىمان ۋە ھەقىقەتنى مەركەز قىلغان ئىلىم _ مەرىپەت ئىدى. شەكسىزكى، ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى ئاللاھ تائالادۇر. ۋەھيىنىڭ روھى بىلەن پارلاق بىر ھاياتقا ئېرىشكەن ساھابىلەر بارلىق ئەخلاق _ پەزىلەتتە، ھەقىقەتنى نامايان قىلىشتا، ھەقىقەت ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىشتا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ۋايىغا يەتكەن ۋە پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىگە ئۆچمەس ئۈلگىلەرنى ياراتقان ئىدى.

 ۋەھيى تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك بولغان:

 (1) پەردە ئارقىسىدىن سۆز قىلىش. ئاللاھ تائالا مىسىرنىڭ تۇر تېغىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز سۆز قىلغان. ﴿ئاللاھ مۇساغا بىۋاسىتە سۆز قىلدى﴾ ([8]).

 (2) ئىلھام قىلىش ياكى پەيغەمبەرنىڭ قەلبىگە ئورنىتىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىبرىل مېنىڭ قەلبىمگە ‹ھېچكىم رىزقىنى تولۇق تۈگەتمەستىن ئۆلمەيدۇ› دەپ ئىلھام قىلدى، سىلەر ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى نەرسىلەرنى تىلەڭلار» ([9]).

 (3) راست چۈش. پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ۋەھيىدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھقا ۋەھيى دەسلەپتە ياخشى چۈش كۆرۈش بىلەن باشلانغان» ([10]).

 (4) ئاللاھ تائالانىڭ جىبرىلنى ئەۋەتىشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھيى توغرۇلۇق سورالغىنىدا: «ۋەھيى ماڭا بەزىدە قاتتىق جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن كېلىدۇ، گاھىدا پەرىشتە بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنۈپ كېلىپ ماڭا سۆز قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تولۇق ئېسىمدە تۇتۇۋالىمەن» ([11]) دەپ جاۋاب بەرگەن.

مۆجىزە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

مۆجىزە _ پەيغەمبەرلەرنىڭ راستىنلا ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن دەلىل، ئىسپات ۋە پاكىت دېمەكتۇر.

ئاللاھ تائالا ھەربىر پەيغەمبەرنى يېتەرلىك مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتكەن. مەسىلەن: ئاللاھ تائالانىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا «ئوتتا كۆيمەس مۆجىزىسى»نى بەرگەن، بابىل پادىشاھى نەمرۇد ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى چوڭ بىر ئوت دۆۋىسىگە ئاتقاندا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دەھشەتلىك ئوت ئىچىدە تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ نە بەدىنى، نە تېرىسى كۆيمىگەن، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قولى چىراقتەك يانىدىغان، ھاسىسى ئەجدىرھاغا ئايلىنىدىغان مۆجىزىلەرنى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، ئاق كېسەلنى ساقايتىدىغان، تۇغما كورنىڭ كۆزىنى ئاچىدىغان مۆجىزىلەرنى بەرگەن. بۇلار «قۇرئان كەرىم» ۋە باشقا ساماۋىي كىتابلاردا قەيت قىلىنغان. ئاخىرقى پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىمۇ نۇرغۇن مۆجىزىلەر بېرىلگەن. ئۇنىڭ ۋە بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە پەرقلىق ۋە تا قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولغان بىردىنبىر جانلىق مۆجىزە _ قۇرئاندۇر.

مۆجىزىلەر ئەزەلدىن ھەربىر دەۋر ۋە جەمئىيەتنىڭ شارائىتىغا قاراپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان نەرسىنىڭ جىنسىدىن بولۇپ، ئۇنى بېسىپ چۈشىدىغان ئالاھىدە پەرقلىق ئۈستۈنلۈكى بىلەن كەلگەن. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە مۆجىزە ئاتا قىلىشتىكى پىرىنسىپىدۇر. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا مۆجىزە ئەۋەتىشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمايتتى. چۈنكى بىر پەننى بىلمىگەن خەلققە باشقا بىر پەن بىلەن دۇئىل ئېلان قىلغاننىڭ ئەھمىيىتى بولمايتتى. بەلكى دۇئىل ئۇلارنىڭ تەرەققى قىلىپ ئەڭ ئۇچىغا چىققان نەرسىسىنىڭ جىنسىدىن بولغاندىلا ئۇنىڭ قىممىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسىلەن: پىرئەۋننىڭ زامانىدا سېھىرگەرلىك ئىنتايىن زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا شۇ زاماننىڭ تەقەززاسىغا ماسلاشتۇرغان ھالدا، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا پۈتۈن سېھىرلەرنى بەربات قىلىپ، سېھىرگەرلەرنى مات قىلىدىغان مۆجىزە ئاتا قىلغان. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرى تېببىي جەھەتتە زور يۈكسەلگەن بىر دەۋر بولغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئۇستا دوختۇرلىرىمۇ ساقايتالمىغان ئاق كېسەلنى، تۇغما كورنى ساقايتىدىغان ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنىمۇ تىرىلدۈرىدىغان مۆجىزىنى ئاتا قىلغان.

ئەمما ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىغا كەلگەندە، ئەرەبلەردە ئەدەبىيات، شېئىرىيەت ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانىدى. ئەرەبلەر چوڭ _ كىچىك ھەممىسى بىردەك شېئىرخۇمار خەلق ئىدى. ئۇلار ھەر يىلى مەلۇم بىر كۈننى بەلگىلەپ «ئوكاز»[12] بازىرىدا بارلىق مەشھۇر ئەدىبلەر ۋە شائىرلار ماھارەت كۆرسىتەتتى. «ئوكاز» ئەينى زاماندا شائىرلارنىڭ شېئىر سورۇنىغا ئايلانغانىدى. ئەرەبلەرنىڭ شېئىرىيەتكە بۇنچىلىك زور ئەھمىيەت بېرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى: بىر تەرەپتىن، ئۇلار قۇملۇق سەھرالار ۋە يايلاقلاردا ھايات كەچۈرىدىغان خەلق بولغاچقا، تەبىئەتنىڭ ھەرخىل مەنزىرىلىرى ئۇلارنى شېئىر ۋە غەزەللەرنى ئېيتىشقا ئۈندەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرەبلەردە ئومۇمىي بىرلىك بولماستىن، ئۇلار قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ، ھەربىر قەبىلە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى شېئىر ۋە غەزەللەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ پەخىرلىنىش ۋە شېئىر بىلەن رەقىبلىرىنى سۆكۈش، ھەتتا بۇ سەۋەبتىن بىر _ بىرىگە قارشى چوڭ ئۇرۇشلارنى باشلىتىش قاتارلىق مۇددىئالار بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزەتتى. شۇڭا ئۇلار ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر بىلەن تۇيۇنغان بەدىئىي شېئىرلارغا ۋە تالانتلىق شائىرلارغا زور ئېھتىياجلىق ئىدى. قىسقىسى، ئۇلار شېئىر بىلەن كۆتۈرۈلەتتى، شېئىر بىلەن چۈشەتتى. بەزى بەدىئىي شېئىرلىرىنى كەئبىكە ئېسىش بىلەن پەخىرلىنەتتى.

«قۇرئان كەرىم» مەڭگۈلۈك مۆجىزىدۇر

شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، «قۇرئان كەرىم» ئۆزىنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن دۇنياغا نۇر چاچقان، بەدىئىيلىك ۋە ئەدەبىيلىك جەھەتتە ئەڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ھالدا، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنىشى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئۆزلىرىنى «ئەرەب _ (تىلى راۋان) » باشقا مىللەتلەرنى «ئەجەم _ (تىلى راۋان ئەمەس) » دەپ مەغرۇرلانغان ئاتاغلىق ئەدىبلىرى بىلەن تالانتلىق شائىرلىرىنى سەھنىدىن چۈشۈردى. بۇ ئەينى ۋاقىتتا «قۇرئان كەرىم»نىڭ جىمى ئەرەبلەرگە دۇئىل ئېلان قىلىشى ئىدى. ئۇلار قۇرئاننىڭ ئالدىدا خۇددى چۈش ۋاقتىدا قۇياشقا تىكىلىپ قارىغان كىشىنىڭ كۆزى خىرەلىشىپ قالغىنىدەك، ئەقىللىرى خىرەلىشىپ بارچە ماھارەتلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ھالدا گاڭگىراپ قالدى.

«قۇرئان كەرىم» جىمى ئەرەبلەرگە دۇئىل ئىلان قىلغىنىدەك، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە دۇئىل ئېلان قىلغانىدى. قۇرئان بۇ خۇسۇستا نۇرغۇنلىغان ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن ۋە بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرىغا چىققان. مەسىلەن: شۇ ۋاقىتتىكى ئىككى چوڭ ئېمپىراتورلوقلاردىن بولغان رىملىقلار بىلەن ئىرانلىقلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۇرۇش بولۇپ، ئىرانلىقلار رىملىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال مۇشرىك ئەرەبلەرنى مەمنۇن، مۇسۇلمانلارنى بولسا غەمكىن قىلىدۇ. چۈنكى ئىرانلىقلار ئەرەبلەرگە ئوخشاش بۇددىست، رىملىقلار ساماۋىي دىنغا _ خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقلەر ئىدى. شۇڭا مۇشرىك ئەرەبلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىرانلىق دىنداشلىرىنىڭ رىملىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭمۇ رىملىقلارغا ئوخشاش بولۇشىنى تىلەيتتى. بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنى قاتتىق غەمكىن قىلغانىدى. شۇ ۋاقىتتا قۇرئان رىملىقلارنىڭ كېيىنكى غەلىبىسىدىن خەۋەر بېرىپ: ﴿ الم . غُلِبَتِ الرُّومُ . فِي أَدْنَى الْأَرْضِ وَهُمْ مِنْ بَعْدِ غَلَبِهِمْ سَيَغْلِبُونَ . فِي بِضْعِ سِنِينَ لِلَّهِ الْأَمْرُ مِنْ قَبْلُ وَمِنْ بَعْدُ وَيَوْمَئِذٍ يَفْرَحُ الْمُؤْمِنُونَ . بِنَصْرِ اللَّهِ يَنْصُرُ مَنْ يَشَاءُ وَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ﴾ ﴿رىملىقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى. ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرىشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، (مۇئمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾ [13] دېگەنىدى. بۇ خەۋەرنى مۇسۇلمانلار «ھەق ۋە راست» دەپ تەستىق قىلىشقان، ئەرەب مۇشرىكلىرى، يەھۇدىيلار ۋە مۇناپىقلار بۇ خەۋەرنى «بۇ يالغان ۋەدە، قېنى كۆرىمىز، قايسىمىزنىڭ كۈتكىنى ئەمەلگە ئاشىدىكەن» دېيىشكەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى پىرقە ئىرانلىقلار بىلەن رىملىقلارنىڭ ئۇرۇشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن ئىدى. ئارىدىن تولۇق 7 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، رىملىقلار خۇددى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالدىنئالا خەۋەر بەرگىنىدەك ئىرانلىقلارنى يېڭىدۇ. ئەگەر ئەھۋال «قۇرئان كەرىم» خەۋەر بەرگەندەك بولماستىن، ئەكسىچە بولۇپ رىملىقلار يېڭىلگەن بولسا ياكى ئۇرۇش يۈز بەرمىگەن بولسا نېمە بولماقچى ئىدى؟ شەكسىزكى، ئەرەبلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «يالغاندىن پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان، شۇڭا گەپلىرى يالغان چىقتى» دەپ تۆھمەت قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك شەرت – شارائىت ھازارلانغان بولاتتى. ئۇ ۋاقىتتا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي دەستۇرى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ چوڭ مۆجىزە «قۇرئان كەرىم» يالغانغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئەھۋال قانداق بولماقچى ئىدى؟ ئەمما بۇ خەۋەرنى بەرگۈچى زات ئاللاھ تائالا ئىدى. چۈنكى يەتتە يىلدىن كېيىن بولىدىغان مۇنداق بىر ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدىن خەۋەر بېرىش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭلا ئەمەس، پىشقان تەجرىبىلىك ھەربىي قوماندانلارنىڭمۇ قولىدىن كېلىدىغان بىر ئىش ئەمەس ئىدى.

مۆجىزىلەر ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلاردۇر

پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزىلەر تەبىئىي قانۇنىيەتلەردىن ھالقىپ ئۆتىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار ئىدى. مەسىلەن: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇتلارغا چوقۇنىدىغان بىر قەۋمگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيدۈرۈپ جازالىماقچى بولغىنىدا، ئۇنى ئىلاھلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئېتىقادى بويىچە بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۆزلىرىگە ھاقارەت قىلغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى جازالىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئېلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتقا تاشلانغاندا، ئوت ئۆزىنىڭ كۆيدۈرۈش خۇسۇسىىيىتىنى يوقاتتى، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ئىنتىقام ئالالمىغانلىقتىن ئۇلارنى مات قىلىپ قويدى.

شۇ ئېنىقكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى ئوتتىن قۇتۇلۇپ ئامان قېلىش ئەمەس، بەلكى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈش قانۇنىيىتىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق ئىلاھلارنىڭ جازالاشتىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئىدى. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتتىن قۇتقۇزۇشنىلا مەقسەت قىلغان بولسا ئىدى، قەۋمى ئۇنى خۇددى ئىسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى سۈيقەستچى قەۋملەر تۇتالمىغاندەك تۇتالمىغان ياكى يامغۇر يېغىپ ئوت ئۆچۈپ قالغان سەۋەبلەر بىلەنمۇ ئۇنى قۇتقۇزالايتتى. ئەگەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قېچىپ قۇتۇلغان ياكى يامغۇر يېغىپ ئوت ئۆچۈپ قالغان بولسا ئىدى، قەۋمى «ئەگەر بىز ئىبراھىمنى تۇتالىغان بولساق، ئەلۋەتتە ئىلاھلىرىمىز ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالغان ۋە ئوت ئۆچۈپ قالمىغان بولسا، ئەلۋەتتە كۆيدۈرۈلگەن بولاتتى» دەپ كۆرەڭلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما يالقۇنلاپ تۇرغان ئوت ئۆزىگە تاشلانغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيدۈرەلمىدى، ئۇلار چوقۇنغان ئىلاھلار ئۇنى جازالىيالمىدى. نەتىجىدە، ئۇلار «ئىلاھلىرىمىز» دەپ چوقۇنغان بۇتلارنىڭ بىراۋغا پايدا ياكى زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ھەتتا ئۆزلىرىنىمۇ زىيان – زەخمەتلەردىن قوغدىيالمايدىغان ھەيكەللەر ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردى.

مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ «ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇر!» دېگەن ئەمرىگە ئاساسەن، ھاسىسى بىلەن ئۇرىۋىدى، دېڭىز سۈيى خۇددى ئىككى چوڭ تاغدەك ئىككى تەرەپكە ئايرىلىپ، ئوتتۇرىدىن يول ھاسىل بولدى. سۇنىڭ بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ قانۇنىيىتىگە زىت بىر ئىش. لېكىن مۆجىزە ئۇنى شۇنداق قىلالىدى. بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خاسىيەتلىك ھاسىسىنىڭ كارامىتى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئارقىدا پىرئەۋن قوشۇنلىرى، ئالدىدا پايانسىز دېڭىزدىن ئىبارەت «ئىككى تاش»نىڭ ئوتتۇرىسىدا قېلىپ، قۇتۇلۇشنىڭ ئىنسانىي چارىلىرى پۈتۈنلەي تۈگىگەن بىر ۋاقىتتا، تولۇق ئۈمىتۋارلىق بىلەن ئىشنىڭ چارىسىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرغانىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قەۋمى «بىز ئەمدى تۈگەشتۇق» دېگەندە، ئۇ: ﴿ئەسلا ئۇنداق بولمايدۇ! رەببىم چوقۇم مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ ماڭا يول كۆرسىتىدۇ﴾[14]دېگەن سۆزنى تولۇق ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىك بىلەن ئېيتىش ئارقىلىق قۇتۇلۇش ئىشىنىڭ ئىنسانىي سەۋەبلەردىن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە يۆتكەلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزىلەر خاراكتېر جەھەتتە ئوخشاش بولمىغاندەك، قىممەت جەھەتتىمۇ ئوخشاش بولمىغان. مەسىلەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرى ماددىي مۆجىزىلەر بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئۇنى كۆرگەنلەر قايىل بولۇپ ئىشىنىدىغان، ئۇنى كۆرمىگەن كېيىنكىلەر ئۈچۈن تارىخ ياكى قىسسە ئورنىدا بولۇپ قالغانلىقتىن، خالىغانلار ئىشىنىپ، خالىغانلار ئىشەنمەيدىغان ئىشلاردۇر. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى بولغان «قۇرئان كەرىم» زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۈچىنى يوقاتمايدىغان مەڭگۈلۈك مەنىۋى مۆجىزىدۇر. «قۇرئان كەرىم» ھەممىلا يەردە بار. ئۇنى ھەركىم «مانا بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسىدۇر» دەپ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ شۇ ۋاقىتتا روياپقا چىقارغان ئىشلىرى ئىكەنلىكىنى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى بولغان «كالام» سۈپىتى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئىش – ھەرىكەت بىر ياكى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىنىپ ئاخىرلىشىدۇ. بۇ خۇددى ئوت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تاشلانغان ۋاقىتتا ئۇنى كۆيدۈرمىگەن بولسىمۇ، كېيىن يەنە ئۆزىنىڭ ئەسلى خۇسۇسىيىتىگە قايتقانلىقى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆتكەندە يېرىلغان دېڭىز سۈيىنىڭ كېيىن يەنە ئەسلى خۇسۇسىيىتىگە قايتقىنىغا ئوخشاش. ئەمما سۈپەت ئۇنىڭ ئىگىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇددەتكىچە ئۇنىڭ بىلەن ھەمىشە بىللە داۋاملىشىدۇ. بۇ خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ كالام سۈپىتىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ داۋاملاشقانلىقىغا ئوخشاش.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يەنە بىر تەرىپى شۇكى، ھەرقانداق بىر پەيغەمبەرنىڭ مۆجىزىسى ئايرىم ۋە دەستۇرى ئايرىم ئىدى. مەسىلەن: مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى ھاسا بولسا، دەستۇرى تەۋرات ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى مېدىتسىنا بولسا، دەستۇرى ئىنجىل ئىدى. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى ئۇنىڭ دەستۇرىنىڭ ئۆزىدۇر. بۇ «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت ئۇلۇغ دەستۇرنىڭ مۆجىزە بىلەن قوغدىلىپ مەڭگۈ داۋاملىشىشى ۋە مۆجىزىنىڭ دەستۇردا ھەمىشە بولۇشى ئۈچۈن ئىدى. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ كىتابلىرى شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىگە ئامانەت قىلىنغان ۋە ئۇلار كىتابلىرىنى چىڭ ساقلاشقا ئەمر قىلىنغان. ئەمما «قۇرئان كەرىم»نى ساقلاش، ئۇنى ئۆزگەرتىش ۋە بۇرمىلاشلاردىن قوغداش ئىشىنى ئاللاھ تائالا ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ﴿ إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ﴾ يەنى ﴿قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنى ئەلۋەتتە ئۆزىمىز قوغدايمىز﴾[15] دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟ چۈنكى بىرىنچىدىن، «قۇرئان كەرىم» تا قىيامەتكىچە مەڭگۈلۈك جانلىق مۆجىزىدۇر. ئۇ مۆجىزە بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ تېكستلىرى ئۆز پېتىچە ساقلىنىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇنىڭ مۆجىزىلىكى يوقالغان بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇرۇنقىلار ساماۋىي كىتابلارنى قوغداشتا ئاجىزلىق قىلدى، ئۇلار مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ بەزىسىنى ئۇنتۇدى، بەزىسىنى بۇرمىلىدى، بەزىسىنى خەلقتىن يوشۇردى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئامانەتلەرگە خىيانەت قىلدى. شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى ۋە مەڭگۈلۈك دەستۇرنى قوغداش ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

بىز مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى قوغداش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كىشىلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشىنىڭ زامان ئۆتكەنسېرى ئاجىزلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنى قوغداش ئىشىنىڭ كۈچىيىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، «قۇرئان كەرىم»نى قوغداش ئىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قولىدا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»نى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەر ئارىسىدىمۇ تاپقىلى بولغىنىدەك، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭمۇ ئۇنى قوغداپ ۋە نەشر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. نېمە ئۈچۈن ياپونىيە، ئىتالىيە ۋە باشقا مۇسۇلمان بولمىغان دۆلەتلەر «قۇرئان كەرىم»نى ئەڭ ئېسىل ۋە ئەڭ سۈپەتلىك نەشر قىلىش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ خىراجەت چىقىرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن گېرمانىيىلىك مۇسۇلمان ئەمەس بىر شەخس «قۇرئان كەرىم»نى ھۆسنخەت بىلەن بىر بەتكە سىغدۇرۇپ چىقىشقا شۇنچىلىك كۈچ چىقىرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم»نى نەشر قىلىدىغان مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنى ئۆزگەرتكىنىدەك «قۇرئان كەرىم»نىڭ بىرەر ھەرپىنى بولسىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ؟ چۈنكى ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى شۇنداق قوغداشنى خالايدۇ ۋە ئۇ ئىنسانلارنى شۇنداق قىلدۇرۇش، «قۇرئان كەرىم»گە ئىختىيارسىز خىزمەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم»نى ئاللاھ تائالا ئۆزى قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى دەللىلەيدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، «قۇرئان كەرىم»نى قوغدىغۇچى مۇسۇلمانلار ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىدۇر!

«قۇرئان كەرىم» پۈتۈن ئالەم ئۈچۈن مۆجىزىدۇر

«قۇرئان كەرىم» ئەرەبلەرگىلا جەڭ (دۇئىل) ئىلان قىلىش ئۈچۈن كەلگەن مۆجىزە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئالەم ئۈچۈن مۆجىزىدۇر. ئۇ زامان ۋە ماكانلارنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ تاشلىدى.

1 _ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆتكەن زامانلارنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى

ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھېچ ئوقۇمىغان ۋە ئوقۇش، يېزىشنى ئۆگەنمىگەن، پەقەتلا ئاللاھنىڭ ۋەھيىسى بىلەن تەربىيىلەنگەن بىر زات ئىدى. ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئاندا، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ _ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ قەۋملىرىنىڭ ئىش _ ئىزلىرى، ھەتتا تارىخ سەھنىسىدىن ھېچ ئىزى قالمىغان مىللەتلەرنىڭمۇ كەچۈرمىشلىرى، ئېتىقادلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. يۇقىرىقىلارنىڭ قىسسىلىرىنىڭ بەزىسىنى بىر ئۆمۈر ئىزدەنگەن تارىخشۇناسلاردىن مىڭدىن بىرى بىلەتتى ياكى بىلمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قىسسىلەرنى قۇرئاننىڭ ھېكايە قىلىشى بويىچە بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، مەزكۇر قىسسىلەر ئەھلى كىتاب (يەھۇدىي، خىرىستىيان) ئالىملىرىنىڭ قولىدىكى ساماۋىي كىتابلارنىڭ ۋە شۇ زامانلاردىكى مەشھۇر تارىخچىلارنىڭ ھېكايە قىلغانلىرىنىڭ ئۆزى بولۇپ چىققان. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئەينى زامانلاردا ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئەھلى كىتاب ئالىملىرى ۋە باشقا ئىلىم ئەھلىلىرى كۆپ بولغان.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ بىر قانچە ئورۇندا بايان قىلغان ﴿سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ﴾دېگەن ئايەتلىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆتكەن زامانلارنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ مۆجىزىسىنى كۆرسەتمەكتە. ﴿ ذَلِكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يُلْقُونَ أَقْلَامَهُمْ أَيُّهُمْ يَكْفُلُ مَرْيَمَ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يَخْتَصِمُونَ ﴾ يەنى ﴿(ئى پەيغەمبەر!) بۇ بىز ساڭا ۋەھيى قىلىۋاتقان غەيىب خەۋەرلىرىدىندۇر. ئۇلار مەريەمنى تەربىيەلەشنى تالىشىپ (چەك تاشلاش ئۈچۈن) قەلەملىرىنى (سۇغا) تاشلىغان چاغدىمۇ، ئۇلار (بۇ ھەقتە) دەتالاش قىلىشقان چاغدىمۇ سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ﴾[16]، ﴿وَمَا كُنْتَ بِجَانِبِ الْغَرْبِيِّ إِذْ قَضَيْنَا إِلَى مُوسَى الْأَمْرَ وَمَا كُنْتَ مِنَ الشَّاهِدِينَ ﴾ يەنى ﴿(ئى پەيغەمبەر!) بىز (تۇر تېغىنىڭ) غەرب تەرىپىدە مۇساغا ۋەھيى قىلغاندا سەن يوق ئىدىڭ ۋە (بۇ ۋەقەلىكنى) كۆرگەنلەردىنمۇ ئەمەس ئىدىڭ﴾. [17]

2 _ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ماكان توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى

«قۇرئان كەرىم» كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق ئۆز – ئۆزىگە مەخپى ئېيتقانلىرىدىن خەۋەر بېرىشتىن تاشقىرى، كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدىن كەچكەنلىرى ھەققىدىمۇ تەپسلىي ۋە ئېنىق خەۋەر بەرگەن. ﴿ وَيَقُولُونَ فِي أَنْفُسِهِمْ لَوْلَا يُعَذِّبُنَا اللَّهُ بِمَا نَقُولُ ﴾ يەنى ﴿ ئۇلار ئىچىدە: « (ئەگەر ئۇ راست پەيغەمبەر بولىدىغان بولسا) ئاللاھ بۇ سۆزىمىز تۈپەيلىدىن بىزنى جازالىماسمىدى؟» دەيدۇ﴾[18]. «قۇرئان كەرىم» بۇ ئايەتتە، ئەرەب مۇشرىكلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئىچىدە ئۆزىگە _ ئۆزى پىچىرلىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ئەگەر ئۇلار شۇنداق سۆزلىمىگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بۇ ئايەتكە قارشى چىقىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «بىز ئۇنداق ئويلىمىدۇق، سەن يالغانچىسەن» دەپ تۆھمەت قىلغان بولاتتى. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى رەزىللىكلىرىنى پاش قىلغان بۇ «قۇرئان كەرىم» ئايىتى ئالدىدا لام _ جىم دېيەلمىگەن.

بۇ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە كەچكەنلەردىن خەۋەر بېرىشى بولۇپ، كىشىلەر تېخى كۆڭلىگە كەلتۈرمىگەن ۋە چوقۇم كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىنمۇ خەۋەر بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۆجىزىسىنى نامايان قىلغان. ﴿ سَيَقُولُ السُّفَهَاءُ مِنَ النَّاسِ مَا وَلَّاهُمْ عَنْ قِبْلَتِهِمُ الَّتِي كَانُوا عَلَيْهَا ﴾ يەنى ﴿بەزى ئەخمەق كىشىلەر«ئۇلارنى (يەنى پەيغەمبەر بىلەن مۇئمىنلەرنى) يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان قىبلىسى (بەيتۇلمۇقەددەس)دىن نېمە بۇرىۋەتكەندۇ؟» دەيدۇ﴾[19]. بۇ ئايەت قىبلە بەيتۇلمەقدىستىن كەبىگە ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇن نازىل بولغان بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» يېقىن كېلىچەكتە ئەمەلگە ئاشىدىغان بۇ چوڭ ئۆزگىرىشكە كىشىلەرنىڭ تۇتىدىغان مەۋقەسى توغرۇلۇق ئالدىنئالا خەۋەر بەرگەن. كەبە ئۆزگەرگەندىن كېيىن، ئۇلار راستىنلا شۇنداق دېيىشكەن. ﴿ سَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَكُمْ إِذَا انْقَلَبْتُمْ إِلَيْهِمْ لِتُعْرِضُوا عَنْهُمْ فَأَعْرِضُوا عَنْهُمْ إِنَّهُمْ رِجْسٌ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ﴾ يەنى ﴿ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرنىڭ ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (يالغان ئۆزرىلەرنى ئېيتىپ)، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار نىجىستۇر، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر﴾ [20]. بۇ ئايەت، جىھادتىن قېچىپ ئايرىلىپ قالغان مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلار جىھادتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ يالغاندىن ئۆزۈرلەرنى ئويدۇرۇپ قەسەم قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. مەلۇمكى بۇ ئايەتلەر «س» ھەرپى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئەرەب تىلىدا «س» ھەرپى ھازىرقى زامان پېئىللىرىنىڭ ئالدىغا كېلىش ئارقىلىق ئىش – ھەرىكەتنىڭ تېخى يۈز بەرمىگەنلىكىنى ۋە پات _ يېقىندا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

3 _ «قۇرئان كەرىم»نىڭ كېلىچەكنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى

﴿ أَمْ يَقُولُونَ نَحْنُ جَمِيعٌ مُنْتَصِرٌ ﴾ يەنى ﴿ ئۇ توپ يېقىندا مەغلۇپ قىلىنىدۇ ۋە ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ﴾.[21] بۇ ئايەت پۈتۈن ئەرەب مۇشرىكلىرىنىڭ ۋە مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن مۇناپىقلارنىڭ يېقىن كېلەچەكتە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن چوقۇم مەغلۇپ قىلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. بۇ ئايەت مەككىدە مۇسۇلمانلار سان ۋە كۈچ جەھەتتە ئىنتايىن ئازلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بىر ۋاقىتتا نازىل بولغان. ھەتتا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەت نازىل بولغاندا: «قايسى توپ ئۇ بىزدىن مەغلۇپ بولىدىغان. بىز ئۆزىمىزنى قوغداشتىنمۇ ئاجىز كېلىۋاتقان تۇرساق» دېگەن. «قۇرئان كەرىم» بۇ ئايەت ئارقىلىق بىر قانچە يىل كېيىن ئەمەلگە ئاشىدىغان بىر ھەقىقەتتىن خەۋەر بەرگەن. ئەگەر ھىجرىيەنىڭ 6– يىلى بىرلەشمە ئەرەب قوشۇنى مەدىنىدە يېڭىلمىگەن ۋە 8 – ھىجرىيە يىلى مۇسۇلمانلار مەككىنى فەتھى قىلىپ ھەممىنى تەلتۈكۈس مەغلۇپ قىلمىغان بولسا «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ ئايىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يالغانچىغا چىقىرىشقا يېتەرلىك ئىدى.

ئىسلامنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ۋەلىد ئىبنى مۇغىرەنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق «قۇرئان كەرىم» ئالدىن خەۋەر بېرىپ: ﴿ سَنَسِمُهُ عَلَى الْخُرْطُومِ ﴾ يەنى ﴿بىز يېقىندا ئۇنىڭ بۇرنىغا بەلگە سالىمىز﴾ [22] دېگەن. كېيىن بەدرى غازىتى بولغان كۈنىدە ۋەلىد ئىبنى مۇغىرە بۇرنىدىن قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ. ئۇنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇلۇپ ئۆلىدىغانلىقىنى ئىش يۈز بەرمەستە كىم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟ ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ خەۋەرنى ئۆز خاھىشىدىن بەرگەن بولسا ۋە كېيىن ئىش ئۇنىڭ خەۋەر بەرگىنىدىن باشقىرەك بولغان بولسا، قانداق بولماقچىدى؟ ئىسلام دىنىنىڭ تەقدىرى نېمە بولماقچىدى؟؟؟

«قۇرئان كەرىم» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىك قىلغان تاغىسى ئەبۇ لەھەبنىڭ كاپىر پېتى ئۆلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ: ﴿ تَبَّتْ يَدَا أَبِي لَهَبٍ وَتَبَّ . مَا أَغْنَى عَنْهُ مَالُهُ وَمَا كَسَبَ . سَيَصْلَى نَارًا ذَاتَ لَهَبٍ. وَامْرَأَتُهُ حَمَّالَةَ الْحَطَبِ . فِي جِيدِهَا حَبْلٌ مِنْ مَسَدٍ ﴾ يەنى ﴿ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلىيەتتە) قۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا مال _ مۈلۈكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى. ئۇ ئۇزاققا قالماي لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئايالىمۇ مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بىلەن ئوتۇننى بوينىغا باغلاپ يۈدۈگەن ھالدا (لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا) كىرىدۇ﴾ [23] دەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يەۋەتسىمۇ دەردى چىقمايدىغان ئەشەددىي دۈشمىنىگە ئايلانغان ئەبۇ لەھەب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنى توسۇش ئۈچۈن تۈرلۈك چارە – تەدبىر ۋە ھىيلە – مىكىرلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، خالايىقنىڭ ئالدىغا چىقىپ: «مۇھەممەد مېنى مۇسۇلمان بولماي كاپىر پېتى ئۆلىدۇ ۋە دوزاخقا كىرىدۇ، دېدى. گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن مۇسۇلمان بولدۇم، نەتىجىدە دوزاخقا كىرمەيدىغان بولدۇم» دەپ يالغاندىن بولسىمۇ، ئېلان قىلغان بولسا ئىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «يالغانچى» دەپ تۆھمەت قىلىشقا ۋە ئىسلام دىنىغا زىيانكەشلىك قىلىشقا قادىر بولغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا شۇنى پىلانلىغۇدەك ئەقىل بەرمىدى. نەتىجىدە خۇددى «قۇرئان كەرىم» خەۋەر بەرگەندەك كاپىر پېتى ئۆلدى.

 ئۇنىڭدىن باشقا «قۇرئان كەرىم» دە شۇنداق ئاجايىب ئىشلارنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىلگەن بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» نازىل بولغان زامانلاردا بىراۋ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق ئېغىز ئاچسا ئۇ چوقۇم ساراڭ دەپ ئەيىبلەنگەن بولاتتى. ئەمما زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇرۇنقىلارنىڭ ئەقلى يەتمىگەن بۇ ئىشلارنىڭ بەزىلىرى ئىلىم –پەن تەرەققىي قىلغان ۋە ئەقىللار يېتىلگەن بۇ دەۋردە مەيدانغا چىقماقتا. بۇ ئىش تا قىيامەتكىچە شۇنداق داۋاملىشىدۇ.

«قۇرئان كەرىم» نىڭ تەدرىجىي نازىل قىلىنغانلىقى

«قۇرئان كەرىم» نىڭ بىراقلا نازىل قىلىنماستىن، ئاز _ ئازدىن، پارچە _ پارچە نازىل قىلىنغانلىقىنىڭ ھېكمىتى ۋە سىر _ ئەسرارلىرى ناھايىتى كۆپ. ئاللاھ تائالا بۇلارنىڭ بەزىسىنى ئوچۇقلىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىنى تىنچلاندۇرۇش ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىش، ئۇنىڭ قەۋمىدىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە تەسەللى بېرىش. ئۇنى دەۋەت يولىدىكى جاپا _ مۇشەققەتلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن قوبۇل قىلىشقا ئۈندەش، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ھېكايە قىلىپ بېرىش ئارقىلىق كۈچلۈك بولۇشقا تەشەببۇس قىلىش، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقى ۋە ئەڭ چوڭ نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىنى مۇستەھكەملەش... قاتارلىقلاردۇر.

 بۇنىڭدىن باشقا، «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئاز _ ئازدىن نازىل قىلىنغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى يادلىۋېلىشى ئۈچۈن ئوڭاي ئىدى. «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئاز _ ئازدىن نازىل بولغانلىقىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئايەتلەرنى دەرھال يادلىۋېلىشى ۋە بۇ ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن ئەھكاملارنى تۇرمۇشىغا تولۇق تەتبىقلاشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئوڭايلىق يارىتىپ بېرەتتى. مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەدرىجىي نازىل بولۇشىنى تەقەززا قىلاتتى.

ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ تەرتىپى

«قۇرئان كەرىم»دىكى ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ تەرتىپى ئۇلارنىڭ نازىل بولۇش تەرتىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى جىبرىلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشىگە ئاساسەن رەتلەنگەن. شۇڭا فاتىھە سۈرىسى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇ دەسلەپ نازىل بولغان سۈرە ئەمەس. بەلكى ئەڭ دەسلەپ نازىل بولغىنى ئەلەق سۈرىسى بولۇپ، ئۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ 30 _ پارىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

جىبرىلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قۇرئان ئوقۇتۇشى
جىبرىل ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى بىر قېتىم باشتىن ئاخىرغىچە ئوقۇپ بېرىپ، ئاندىن يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشتىن ئاخىر تىڭشايتتى. پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى رامىزان ئېيىدا، ئۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم»نى ئىككى قېتىم ئوقۇپ بېرىپ، ئىككى قېتىم تىڭشىغان. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسكە كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆيۈملۈك قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «جىبرىل ماڭا قۇرئاننى ھەر يىلى بىر قېتىم ئوقۇپ بېرەتتى، بۇ يىل ئىككى قېتىم ئوقۇپ بەردى، بۇنىڭدىن ئەجىلىمنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى سېزىۋاتىمەن» دېگەن ([24]).

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ساقلىنىشى
ئاللاھ تائالا ساماۋى كىتابلارنىڭ ئاخىرقىسى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان پېتى ساقلاشنىڭ پۈتۈن شەرت _ شارائىتلىرىنى ۋە سەۋەبلىرىنى تولۇقلاپ بەرگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى نازىل بولغان پېتى ساقلاپ، ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلارغا سالامەت يەتكۈزگەن. شۇڭا «قۇرئان كەرىم» ھەرقانداق بىر ئۆزگەرتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە بۇرمىلاشلاردىن پۈتۈنلەي ساقلىنىپ، بىزلەرگىچە ئۆز پېتى بىلەن يېتىپ كەلگەن يېگانە كىتابتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى نازىل بولغان پېتى ساقلاش ئىشىدىكى ھوشيارلىقى ۋە چېكىگە يەتكەن ئېھتىياتچانلىقى دۇنيا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئەھۋال. بۇنىڭغا مۇسۇلمان ئەمەس ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ گۇۋاھ.

شەكسىزكى، «قۇرئان كەرىم» يادقا ئېلىش ۋە يېزىپ قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى يول بىلەن ساقلىنىپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»دىن نازىل بولۇپ تۇرغان ئايەت ۋە سۈرىلەرنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ساھابىلەرغا يادقا ئالدۇرۇش ۋە تېرىلەرگە، خورما يوپۇرماقلىرىغا يازدۇرۇش ئارقىلىق ساقلاپ كەلگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايەتلەرنى نازىل بولۇۋاتقان پەيتنىڭ ئۆزىدىلا يادقا ئېلىۋېلىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرەتتى، ھەتتا جىبرىل ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ شۇ لەھزىنىڭ ئۆزىدە يادلىۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىنى مىدىرلىتاتتى. شۇڭا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئۇنىڭغا تولۇق ئۆگىتىپ توپلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى مۇنۇ ئايەت بىلەن خاتىرجەم قىلغان: ﴿ لَا تُحَرِّكْ بِهِ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِ . إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُ وَقُرْآَنَهُ . فَإِذَا قَرَأْنَاهُ فَاتَّبِعْ قُرْآَنَهُ . ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا بَيَانَهُ ﴾ يەنى ﴿ (ئى پەيغەمبەر! ساڭا ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقان چاغدا) ئۇنى ئېسىڭگە ئېلىۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما. چۈنكى ئۇ ۋەھيىنى (سېنىڭ دىلىڭغا) توپلاش ۋە ئۇنى ساڭا ئوقۇتۇش بىزنىڭ ئىشىىمىزدۇر. شۇڭا، بىز ئۇنى (ساڭا جىبرىل ئارقىلىق) ئوقۇپ بەرگەندە، سەن ئۇنى (جىم تۇرۇپ) ئاڭلىغىن. ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشمۇ بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر﴾ ([25]).

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە كېلىپ، جىبرىل ئەلەيھىسسالام نازىل بولۇپ بولغان ئايەتلەر ۋە سۈرىلەرنى ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا باشتىن ئاخىر بىر قېتىم ئوقۇپ بېرىپ، ئاندىن يەنە ئۇنىڭدىن تىڭشايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشى ئالدىدىكى رامىزاندا جىبرىل «قۇرئان كەرىم»نى ئۇنىڭغا باشتىن ئاخىر ئىككى قېتىم ئوقۇپ بېرىپ، يەنە ئۇنىڭدىن تىڭشىغان.[26]

دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نى تەكرارلاشقا ۋە ئۇنى پىششىق يادلىۋېلىپ، ئۆز پېتى ساقلاش ئىشىغا ئىنتايىن زور ئەھمىيەت بېرەتتى. شۇڭا كېچىلىرى تەھەججۇد نامازلىرىدىمۇ، ھەتتا جىھاد مەيدانلىرىدىمۇ «قۇرئان كەرىم» ئاغزىدىن چۈشمەيتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدىن نازىل بولغانلىرىنى ئۆز ۋاقتىدىلا ساھابىلەرغا يادقا ئالدۇراتتى، ئۇلارغا «قۇرئان كەرىم»دىن ساۋاق بېرەتتى ۋە يادلاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتەتتى، ساھابىلەرمۇ «قۇرئان كەرىم»نى يادلاش ئىشىغا پەۋقۇلئاددە زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، ھەمىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي، ئاز _ ئازدىن نازىل بولۇپ تۇرغان ئايەتلەرنى تىزلا يادلىۋالاتتى ۋە يادلىغان ئايەتلەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋە ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ماڭاتتى. ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نى يادلاش ئىشىدا بىر _ بىرى بىلەن بەسلىشەتتى، كېچىلىرى مەسجىدلەرگە كىرىۋېلىپ بەس _ بەستە قۇرئان يادلايتتى، يادلاپ بولغانلىرىنى تەكرارلايتتى، ھەتتا كېچىلىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى مەسجىدلەردىن «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە كۆپلىگەن كىتابلارنى نازىل قىلغان بولسىمۇ، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ كىشىلەر يادلاپ باققان ئەمەس. ھەتتا ئۆتمۈشلەردە «تەۋرات» بىلەن «ئىنجىل»لارنى ھەرقانداق بىر ئاۋام ئوقۇيالمايتتى، پەقەت ئۆلىمالىرىلا ئوقۇپ مەنىسىنى چۈشەندۈرۇپ بېرەتتى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا يادلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئالىملاردىن باشقا خەت ئوقۇشنى بىلىدىغانلارمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەمما «قۇرئان كەرىم»نى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ساھابىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى يادىسىغا بىلەتتى. بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا 70تىن كۆپرەك قارىينىڭ شېھىت بولغانلىقىمۇ شۇ ۋاقىتتا قارىيلارنىڭ كۆپلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ھەممىگە مەلۇمكى، دۇنيا تارىخىدا «قۇرئان كەرىم»دىن باشقا بىرەر كىتابنى بۇنچىلىك زور ئەھمىيەت بېرىپ يادقا ئېلىش كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى تاقىيامەتكىچە ئۆزى مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلاشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ «قۇرئان كەرىم»نى ساقلاشنىڭ سەۋەبلىرىنى ۋە تۈرتكىلىرىنى يارىتىپ بەرگەن. ئۇ بولسىمۇ، «قۇرئان كەرىم»نى يادلاشنى ئەڭ شەرەپلىك ئىبادەت قاتارىدىن ساناپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىدا ئۇنى يادلاش ئوتىنى ياندۇرغانلىقى ۋە ئۇنى يادلاشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى ھەمدە ئۆز ۋاقتىدا يېزىپ ساقلاشنىڭ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى يارىتىپ بەرگەنلىكى ئىدى. ﴿ وَلَقَدْ يَسَّرْنَا الْقُرْآَنَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ﴾ يەنى ﴿ ھەقىقەتەن بىز بۇ قۇرئاننى ئوقۇش ۋە يادلاش ئۈچۈن ئاسان قىلىپ بەردۇق، (ئۇنىڭدىن) ۋەز _ نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟﴾ ([27]). مەلۇمكى، «قۇرئان كەرىم»دىن باشقا ھېچقاندا بىر ساماۋى كىتابنى ياكى ھەدىسنى يادلىغانغا ياكى ئوقۇغانغا ساۋاب ۋەدە قىلىنغان ئەمەس، بەلكى ئەمەل قىلغانغىلا ساۋاب بېرىش ۋەدە قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن تا ھازىرغىچە دۇنيادا قارىيلار ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن ھېچكىم «قۇرئان كەرىم»گە بىرەر ھەرپ چاغلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمەيدۇ. «قۇرئان كەرىم»نى ھازىر مۇسۇلمان ئەمەس خەلقلەرمۇ مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردە ھەر خىل مەنپەئەتلەر يۈزىسىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بىرەر ھەرپ چاغلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمىگەن.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ توپلىنىشى

 «قۇرئان كەرىم» بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىغا بىر يىلمۇ توشمىغان ۋاقىت ئىچىدە، يەنى ھىجرىيەنىڭ 12 _ يىلى (631 _ مىلادى) يەمامە ئۇرۇشىدىن كېيىنلا رەسمىي كىتاب شەكلىدە توپلانغان.

بۇ پىكىرنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان، ئاندىن ساھابىلەرنىڭ ئۆلىمالىرى بۇ ئىشقا ھەممە بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن. «قۇرئان كەرىم»نى كىتاب شەكلىدە توپلاپ چىقىش ئىشىنى زەيد ئىبنى سابىت باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ساھابىلەر ئۈستىگە ئالغان. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا «ۋەھيى كاتىپلىرى» يەنى (ۋەھيىنى يازغۇچىلار ھەيئىتى)نىڭ ئەزالىرى ئىدى.

«ۋەھيى كاتىپلىرى» ھەيئىتى

زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەخسۇس كاتىبى ۋە «ۋەھيى كاتىپلىرى» ھەيئىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، قارىيلارنىڭ ئەڭ سەرخىلى، پەۋقۇلئاددە زېرەك، ھۇشيار ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئالاھىدە يۇقىرى كىشى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئاۋۋال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭدىن كېيىن خەلىپىلەر ئۇ كىشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن مەخسۇس كاتىب قىلىپ ئىشلەتكەن. زەيد ئىبنى سابىت جىبرىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «قۇرئان كەرىم»نى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم باشتىن ئاخىر ئوقۇپ بېرىپ، يەنە ئۇنىڭدىن تىڭشىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ھازىر بولۇش شەرەپىگە نائىل بولغان، ئىشەنچلىكلىكى، ئېھتىياتچانلىقى ۋە تەقۋالىقى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قايىل قىلغان ساھابىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

 

«ۋەھيى كاتىپلىرى» ھەيئىتىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى توپلاشتىكى ئۇسۇلى

زەيد ئىبنى سابىت باشچىلىقىدىكى«ۋەھيى كاتىپلىرى» ھەيئىتى ئەزالىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايەت ۋە سۈرىلىرىنى توپلاپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈشتە دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەڭ ئىلغار ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇپ، «ۋەھيى كاتىپلىرى» ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى تېرىلەرگە، سىلىق تاشلارغا، خورما دەرىخىنىڭ قوۋزاقلىرىغا ۋە يوپۇرماقلىرىغا، شۇنداقلا سۈڭەكلەرگە يېزىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە ساقلانغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايەت ۋە سۈرىلىرىنى شۇ ۋاقىتتىكى قارىيلارنىڭ يادلىغانلىرىغا بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ، ھەر بىر قارىيدىن تىڭشىغان ئايەتلەردىن ھەر بىر ئايەتنىڭ توغرىلىقىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە يېزىپ ساقلانغان ئايەتلەردىن ھەر بىر ئايەتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا يېزىلغانلىقىغا ئىككى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئېلىشنى شەرت قىلغان. ئۇلار ھەر بىر ئايەت ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا، ئۇنىڭ دەپ بېرىشى بىلەن يېزىلغانلىقىغا ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى گۇۋاھچىنى قەسەم قىلدۇراتتى، ئاندىن شۇ ئايەتنىڭ ئۆزىنى قارىيلاردىن تىڭشاپ كۆرەتتى، قارىيلارنىڭ ئوقۇغىنى بىلەن يېزىلىپ ساقلانغىنى ئەينەن چىقسا، ئاندىن ئۇنى رەسمى «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى قاتارىدىن ساناپ توپلاپ ماڭاتتى.

 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايەت ۋە سۈرىلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىدا رەتلەپ قويغان تەرتىپ بويىچە ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن تىزىپ چىقىپ، «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى كىتاب ھالىغا كەلتۈرگەن.

«ۋەھيى كاتىپلىرى»نىڭ «قۇرئان كەرىم»نى توپلاشتا بۇنداق ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىلەن ئىش كۆرۈشىگە تۈرتكە بولغان ئامىل شۇكى، «قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى، ئۇنى ئاللاھ تائالادىن نازىل بولغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن تاپشۇرۇپ ئالغان پېتى مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزۈش ھەم شەرەپلىك ھەم خەتەرلىك بىر مەجبۇرىيەت ئىدى. «قۇرئان كەرىم»نى توپلىغان «ۋەھيى كاتىپلىرى» ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى بۇنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى. ئۇلار بۇ ئىشتا قىلچە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاللاھ تائالاغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ناۋادا قىلچىلىك سەۋەنلىك ئۆتۈلسە، خۇددى ئىلگىرىكى يەھۇدىي، خىرىستىيان ئالىملىرىغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھىي كىتابلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ تا قىيامەتكىچە ئاللاھنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئالدىدا لەنەتكەردى بولۇپ قېلىش خەۋپىنى ئەلۋەتتە ھېس قىلاتتى ۋە ياخشى بىلەتتى.

 

«ۋەھيى كاتىپلىرى» ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى          

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا ۋەھيىلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشقا ۋە كېيىنچە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى توپلاشقا بەلگىلەنگەن «ۋەھيى كاتىپلىرى» ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى ساھابىلەرنىڭ ئەڭ مۇكەممەل قارىيلىرىدىن تاللاپ چىقىلغان ئەڭ تەقۋادار، ئەڭ ئالىم، ئەڭ ھوشيار ۋە ئەڭ ئېھتىياتچان شەخسلەردىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا ئىدى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىنى جەملەپ، ئۇلارنى كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈش ئىشىغا ساق بىر يىل كەتكەن. ساھابىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى «قۇرئان كەرىم»نى يادقا بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا «قۇرئان كەرىم»نى كىتاب شەكلىدە توپلاپ ئوقۇشقا زور ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئېغىزدىن _ ئېغىزغا يۆتكىلىپ يۈرگەن «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ھەتتا ئۇنى يادقا ئالمىغان ساھابىلەر ئۈچۈنمۇ تونۇشلۇق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان يىلى ئىسلام دىنىنى يوق قىلىش پىلانى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان مۇرتەد ئەرەب قەبىلىلىرى بىلەن بولغان، تارىختا «يەمامە ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان ئۇرۇشتا ساھابىلەردىن كۆپ كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقى، ھەتتا قارىيلاردىن بۇ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا 70تىن كۆپرەك كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم»نى يادلىغان قارىيلار تۈگەپ كەتسە ئۇنىڭ بەزى ئايەتلىرىنىڭ قەلبلەردىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىش خەۋپىنى ھېس قىلغان. شۇنداق قىلىپ ساھابىلەر قارىيلارنىڭ تۈگەپ كېتىشى بىلەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ قەلبلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى رەتلەپ قويغان ئايەت ۋە سۈرىلەرنى شۇ تەرتىپى بويىچە كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈپ توپلاش قارارىغا كەلگەن.

 

 «قۇرئان كەرىم» نۇسخىلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشى
«قۇرئان كەرىم» ھىجرىيىنىڭ 25 _ يىلى (645 _ مىلادى) ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە، ئۇنىڭ مەخسۇس پەرمانى بىلەن نۇسخىلاندۇرۇپ كۆپەيتىلگەن. «قۇرئان كەرىم» نى نۇسخىلاندۇرۇپ كۆپەيتىش پىكرىنى قارىيلارنىڭ پېشىۋاسى ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ پىكىرنى خەلىپىدىن باشلاپ پۈتۈن ئۆلىمالار قوللىغان. «قۇرئان كەرىم»نى ھەربىر قارىينىڭ ئۆزى مەنسۇب بولغان شىۋىدە ئوقۇشى ۋە ھەربىر قارىينىڭ ئۆزى ئوقۇغان شىۋىنى ھەممىدىن ئەۋزەل سانىشى نەتىجىسىدە چىققان ئىختىلاپنى يوق قىلىپ، «قۇرئان كەرىم»نى ھەممە بىر خىل قىرائەت ۋە بىر خىل شىۋىدە ئوقۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئۇنى بىرلا قۇرەيش شىۋىسىدە نۇسخىلاپ، ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىگە بىر نۇسخىدىن ئەۋەتكەن.

«قۇرئان كەرىم»نى نۇسخىلاندۇرۇش ئۇسۇلى

«قۇرئان كەرىم»نى نۇسخىلاش ئىشىنى «ۋەھيى كاتىپلىرى» ھەيئىتىنىڭ رەئىسى زەيد ئىبنى سابىت، ئابدۇللا ئىبنى زۇبەير، سەئىد ئىنبى ئاس، ئابدۇراھمان ئىبنى ھارىس قاتارلىق قارىي ساھابىلەر ئۈستىگە ئالغان. «قۇرئان كەرىم»نى نۇسخىلاندۇرۇشقا بەلگىلەنگەنلەر بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا توپلانغان «قۇرئان كەرىم» نۇسخىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدىن سوراپ ئېلىپ كېلىپ، نۇسخىلارنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇشۇ نۇسخىسىغا ئاساسلىنىپ نۇسخىلاندۇرغان، ئاندىن ئەسلى نۇسخىنى يەنە ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قايتۇرۇپ بېرىپ، يېڭى نۇسخىلاردىن بىرىنى خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز يېنىدا ئېلىپ قېلىپ قالغانلىرىنى ئىسلام ئەللىرىدىن ھەر بىرىگە بىر نۇسخىدىن بىر قارى بىلەن قوشۇپ ئەۋەتىپ بەرگەن ۋە ھەر جايدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇشۇ نۇسخىسىنى ئوقۇش توغرۇلۇق مەخسۇس پەرمان چىقارغان. ئاندىن مۇشۇ قېتىم نۇسخىلارغا كۆپەيتكەندىن باشقا قۇرئان دەپ سانالغانلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان.

ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا نۇسخىلاندۇرغان «قۇرئان كەرىم» زامانىمىزدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇلۇۋاتقان «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆزىدۇر. بۇ نۇسخا «مۇسھەف ئوسمانى» (ئوسمانىي قۇرئان) دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا كۆپەيتىلگەن «قۇرئان كەرىم» نۇسخىلىرى بەش ئىدى دېگەنلەرمۇ ۋە ئالتە ئىدى دېگەنلەرمۇ بار. ئەمما خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مىسىر، بەھرەين، يەمەن، مەككە، بەسرە قاتارلىق شەھەرلەرگە بىردىن «قۇرئان كەرىم»نى بىردىن قارى بىلەن قوشۇپ ئەۋەتكەنلىكى ئېنىق.

ھەزرىتى ئوسمان زامانىدىكى قۇرئاننىڭ قوليازما نۇسخىلىرى       

ھەزرىتى ئوسمان زامانىدا توپلىنىپ ۋە ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىگە ئەۋەتىلگەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەسلى نۇسخىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقاپ كەتكەن. ئەمما شۇ ۋاقىتتىكى قوليازما نۇسخىلاردىن بىرى ھازىر مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە، يەنە بىرى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى توپقاپى سارىيى «مۇقەددەس ئامانەتلەر مۇزىيى»دە، يەنە بىر نۇسخىسى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى «مۇسۇلمانلار ئىدارىسى»نىڭ كۇتۇبخانىسىدا، تامغا ئورنىتىلغان مەخسۇس ئەينەك ساندۇقنىڭ ئىچىدە ساقلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئىلگىرىكى ئەرەب ئېلىپبەسى

ئىلگىرى ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى ھەرپلەر چېكىتسىز يېزىلاتتى. مەسىلەن: (ب، ت، ث، ي، ن)، (ج، ح، خ)، (د، ذ)، (ر، ز)، (س، ش)، (ص، ض)، (ع، غ)، (ط، ظ)، (ف، ق) قاتارلىق ھەرپلەرنى بىر _ بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان چېكىتلەر يوق ئىدى. لېكىن ئەرەبلەر ئادىتى بويىچە بۇ چېكىتسىز ھەرپلەرنىڭ قايسىسى (ب)، قايسىسى (ت) ۋە قايسىسى (ث) ئىكەنلىكىنى سۆزنىڭ باش _ ئاخىرىغا قاراپلا، ھېچبىر قىيىنچىلىق ھېس قىلماستىن بىلىۋالاتتى ۋە توغرا ئوقۇيتتى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ ئوقۇش بەلگىلىرىنى بېكىتىشكە ھاجەت يوق ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتۈپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، ئىسلام دىنى ئەرەب ئەمەس قەۋملەر ئارىسىغا كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان. ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇشقا بولغان زور ئېھتىياجى ئەرەب ئەمەس قەۋملەرنىڭ ئەرەب تىلىنى توغرا ئوقۇشى ئۈچۈن مەخسۇس قائىدە بەلگىلەشنى تەقەززا قىلغان ئىدى. چۈنكى ئەرەبلەر ئۆز تىلىدا نازىل بولغان بۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەرپلىرىنى بىر _ بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ، توغرا ئوقۇپ كېتەلىگەن بىلەن، ئەرەب ئەمەس مىللەتلەر ئۇنى ئەرەبلەردەك ئوقۇيالمايتتى.

«قۇرئان كەرىم»گە ئوقۇش بەلگىلىرىنىڭ قويۇلۇشى

ئەرەب تىلىنىڭ گرامماتىكا قائىدىسىنى ۋە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ ئوقۇلۇش بەلگىلىرىنى تۇنجى قېتىم تۈزۈپ چىققان ئادەم تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن ئەبۇلئەسۋەد دۇئەلىي (606 _ 688م) دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ تۆتىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب (601 _ 660م)نىڭ ئەمرى بىلەن بۇ ئىشنى باشلاپ، ھەرپلەرنىڭ فەتھە (_َ )، كەسرە (_ِ )، داممە (_ُ) قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى چېكىتلەر بىلەن ئايرىغىلى بولىدىغان قىلىپ چىققان. فەتھە ئالامىتىنى ھەرپنىڭ ئۈستىگە بىر چېكىت قويۇش بىلەن، كەسرە ئالامىتىنى ھەرپنىڭ ئاستىغا بىر چېكىت قويۇش بىلەن، داممە ئالامىتىنى ھەرپنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر چېكىت قويۇش بىلەن، سۇكۇن ئالامىتىنى ئىككى چېكىت بىلەن ئايرىۋالغىلى بولىدىغان قائىدىنى تۈزۈپ چىققان.

 ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ چېكىتلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى

ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ چېكىتلىرى ۋە بەلگىلىرىنى تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلغان ئالىم خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئەل فەراھىدى (718 _ 790م) دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ ھەرپلەرنىڭ چېكىتلىرىنىڭ ئورنىغا ھازىرقى فەتھە (_ )، كەسرە (_ )، داممە (_ ) بەلگىلىرىنى قويۇپ تېخىمۇ روشەن، تېخىمۇ پۇختا ئۇسۇلنى ئىجاد قىلغان. ئۇ يەنە ھەمزە، شەددە ۋە باشقا بەلگىلەرنى تۈزۈپ چىققان. كېيىنچە ئەرەب تىلىنىڭ سىنتاكسىس قائىدىسىنى تۈزۈپ چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەرەب تىلىنىڭ ئوقۇش قائىدىلىرى، ھەرپلەرنىڭ بەلگىلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى مۇقىملىشىپ، «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ خەت ئۇسلۇبى كۈندىن _ كۈنگە كۆركەم ۋە چىرايلىق ھالغا كېلىپ، تەدرىجى ھالدا تەرەققىي قىلىپ بېرىپ ئەڭ ئاخىرقى كامالىغا يەتكەن.

 «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھازىر بىز ئوقۇۋاتقان شەكلى ھىجرىيە 3 _ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى شۇ پېتى داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

 

«قۇرئان كەرىم»نىڭ رەسمىي مەتبەدە نەشر قىلىنىش تارىخى

 «قۇرئان كەرىم»نىڭ رەسمىي مەتبەدە نەشر قىلىنغان تۇنجى نەشرى 1538 _ يىلى ئىتالىيەدە بېسىپ چىقىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن 1694- گېرمانىيەدە، 1728 _ يىلى تۈركىيەدە، 1787 _ يىلى رۇسىيەنىڭ سانت پتىربۇرگ شەھىرىدە، 1802_ ھىندىستاندا، 1834 _ يىلى گوللاندىيەدە، 1848 _ يىلى تاتارىستان پايتەختى قازان شەھىرىدە، 1823 _ يىلى مىسىردا، 1949 _ يىلى مەككىدە بېسىلىپ تارقىتىلغان. ئەمما بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىمىزدا 12 _ ئەسىردە «قۇرئان كەرىم»نىڭ تۇنجى تەرجىمىسى ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ رەسمىي مەتبەدە بېسىلىشى 20 _ ئەسىردىلا ئەمەلگە ئاشقانلىقى سۆزلىنىدۇ.

«قۇرئان كەرىم»نى نەشر قىلىش ئاكادېمىيىسى
 

«قۇرئان كەرىم» ھازىرغىچە، ھىندىستان، مىسىر، تۈركىيە ۋە باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەردە، ھەتتا ياپونىيە، جۇڭگۇ، موسكۋا ۋە ئىتالىيەلەرگە ئوخشىغان مۇسۇلمان ئەمەس مەملىكەتلەردىمۇ نەشىر قىلىنىپ، تارقىتىلىپ كەلدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا «قۇرئان كەرىم»نى بىر خىل شەكىل ۋە بىر خىل خەت نۇسخىسى بىلەن بېسىپ ئۇنى پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق پادىشاھى مەرھۇم فەھد ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۆز نامىدىن مەدىنە مۇنەۋۋەر شەھىرىدە «‹قۇرئان كەرىم›نى نەشر قىلىش ئاكادېمىيىسى» قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلغان ۋە ئاخىر ئۇنى قۇرۇپ چىققان. چۈنكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرى «قۇرئان كەرىم» نازىل بولۇپ تاماملانغان ۋە ئايەتلىرى توپلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان مۇبارەك جاي ئىدى.

مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ تەسىس قىلىنىشى
   1984- يىلى 30- ئۆكتەبىر كۈنى «‹قۇرئان كەرىم›نى نەشر قىلىش ئاكادېمىيىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئاكادېمىيىنىڭ بىناسى ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ناھايىتى كۆركەم ھەم زامانىۋىي شەكىلدە قۇرۇپ چىقىلغان. ئۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنىڭ تەبۇك يولىغا جايلاشقان بولۇپ، 250 مىڭ كۋادرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە. بۇ ئاكادېمىيىدە ئالىملار، قارىيلار، خەتتاتلار، ئىشچىلار بولۇپ جەمىي 900 گە يېقىن ئادەم ئىشلەيدۇ. بۇ ئاكادېمىيە يىلىغا 30 مىليوندىن كۆپرەك قۇرئان بېسىپ چىقىش قۇدرىتىگە ئىگە بولۇپ، ھەر يىلى 10 مىليون ئەتراپىدا قۇرئان بېسىپ چىقارماقتا.

 بۇنىڭدىن باشقا، تەپسىر ۋە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان تەرجىمە نۇسخىلىرىنى بېسىپ تارقىتىشتىن تاشقىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر قارىيلارنىڭ ئاۋازلىرى بىلەن ئوقۇلغان «قۇرئان كەرىم» پىلاستىنكىلىرىنى نەشر قىلىپ تارقىتىدۇ.

«‹قۇرئان كەرىم›نى نەشر قىلىش ئاكادېمىيىسى»دە ھازىرغىچە ئىسپانىيە، گېرمانىيە، ئىنگىلىز، ھىندونۇزىيە، ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، رۇس، ئۇردۇ، پارس، پاشتۇ، تۈرك، تايلاند، سومالى، فرانسۇز، كەشمىر، كۇرىيە، مىلىبارى، ھەۋسا، بورما، گرېك، زۇلۇ، بوسنا قاتارلىق 30دىن كۆپرەك تىلدا «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىلىرى بېسىلىپ تارقىتىلغان.

قۇرئان ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل بولغان كىتاب

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى ئۇنىڭ ئوقۇش قائىدىسىگە رىئايە قىلغان ھالدا توغرا ئوقۇپ، مەنىسىنى توغرا چۈشىنىپ، مەقسەت ۋە غايىلىرىنى بىلىپ، بىزدىن تەلەپ قىلغىنى بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان. «ساڭا بۇ مۇبارەك كىتابنى ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلسۇن ۋە ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز _ نەسىھەت ئالسۇن دەپ نازىل قىلدۇق»[28]. ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» بىلەن بولغان چوڭ ئالاقىسى ئۇنى تىلاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ قالغان. ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نى ئۇنىڭ مەنىسىنى تەپەككۇر قىلىپ، ئويلاپ، مەقسەتلىرىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشنىڭ ۋەسىلىسى قىلماستىن، بەلكى ئۇنىڭ تېكىستىنى تىلاۋەت قىلىشقىلا كۇپايە قىلىدىغان بولۇپ قالغان.

ئىبنىى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ قۇرئاننى ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان تۇرسا، كىشىلەر ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنى ئەمەل سانىۋالدى». فۇزەيل ئىبنى ئىياز مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل بولغان بولسىمۇ، كىشىلەر ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنى ئەمەل دەۋالغان». مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ لەۋزى بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت _ ئابرۇيىنىڭ، كۈچ _ قۇۋۋىتىنىڭ ۋە قەد كۆتۈرشىنىڭ مەنبەسىدىن مەھرۇم قالغان. ئۇلار شۇنداق قىلىپ يولىنى يۇرۇتىدىغان چىراقنى ئۆز قولى بىلەن ئۆچۈرۈپ قويغان. نەتىجىدە، باشقىلارنىڭ سايىسىدا، ئۇلارنىڭ رەھىم _ شەپقىتىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرىدىغان، قەدىر _ قىممىتىنى ۋە ئېتىبارىنى يوقىتىپ قويغان بىر ئۈممەتكە ئايلىنىپ قالغان. ئۆتمۈشلەردە دۇنيانى سورىغان سەلتەنەتلىك مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى كۈندە باشقىلارنىڭ سەلتەنىتىگە بېقىنىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇلارنى ئەسلىدىكى سەلتەنىتىگە ۋە ئىززەت _ ئابرويىغا ئېرىشتۈرىدىغان سېھىرلىك كۈچ ئۇلارنىڭ قولىدا بار. ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلىشقا كۇپايە قىلىپ، مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنالماي كەلمەكتە.

 «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىنىدىغان يېگانە كىتابتۇر

«قۇرئان كەرىم» مەنىسىنى بىلمىسىمۇ ئوقۇسا ساۋاب بولىدىغان يېگانە كىتابتۇر. بۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇلۇغلىقى سەۋەبتىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشى بىر ساۋابقا ئېرىشىدۇ، بۇ بىر ساۋاب ئون ھەسسىگە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. ‹ئەلىف، لام، مىيم›نى بىر ھەرپ دەپ ھېسابلىمايمەن، بەلكى ‹ئەلىف› بىر ھەرپ، ‹لام› بىر ھەرپ، ‹مىيم› بىر ھەرپتۇر»([29]) دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما ئىلگىرىكى «تەۋرات»، «ئىنجىل» ۋە «زەبۇر» قاتارلىق ساماۋى كىتابلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تىلاۋەت قىلغانغا ساۋاب ۋەدە قىلىنمىغان، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىمۇ ئوقۇغانغا ساۋاب ۋەدە قىلىنغان ئەمەس، پەقەت ئەمەل قىلغان ساۋاب بېرىلىدۇ. 

قۇرئان ئوقۇشتىن ئاساسلىق مەقسەت ئۇنىڭدىن تەسىرات ئېلىشتۇر

قۇرئان ئوقۇغاننىڭ پايدىسىنى مۇشۇ دۇنيادا كۆرەي دېگەن ئادەم چوقۇم ئۇنى ئۇنىڭدىن تەسىر ئالغۇدەك دەرىجىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ تىلاۋەت قىلىشى كېرەك. ھازىرقى مۇسۇلمانلار ھەممىدىن بەك قۇرئاننىڭ تەسىرىگە مۇھتاج. ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئەڭ سەرخىلى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە قارىتىش مۆجىزىسىدۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەب مۇشرىكلىرى تەۋەلىرىنى قۇرئاننى ئاڭلاپ قېلىشتىن توسقان. بىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھاياتىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغان دەرىجىدىكى زور تەسىرىگە ئېرىشەلمەستىن، ئۇنى قانچىلىك كۆپ تىلاۋەت قىلساقمۇ ئۇنىڭدىن كۆزلىگەن پايدىنى ئالالمايمىز. چۈنكى ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن نەرسە «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەسىرى ئىدى. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»نى تىلاۋەت قىلىشتىن بىرىنچى مەقسەت ئۇنىڭدىن تەسىرات ئېلىشتىن ئىبارەت بولۇشى لازىم.

قۇرئاننىڭ تەسىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى  ئاز بولسىمۇ ھەر كۈنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇشنى ئادەت قىلىش، تىلاۋەت قىلغاندا، تىنچ ئورۇننى تاللاپ، ئۆزىگە ئاڭلانغۇدەك مىقداردا ئاۋازنى چىقىرىپ، ئالدىرىماي، مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇش لازىم. ئىمكانقەدەر قۇرئاننى يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇش تولىمۇ ياخشىدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش ھېسسىياتنى ئۆرلىتىش، دىلنى يۇمشىتىش رولىغا ئىگە. بىرەر ئايەتتىن تەسىرات ھاسىل قىلغان ۋاقتىمىزدا، شۇ ئايەتنى قايتا-قايتا ئوقۇشىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ )ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن([30] دېگەن ئايەتنى تەھەججۇد نامىزىدا بىر كېچە تەكرارلاپ چىققانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

قۇرئاننى ئوقۇش، يادىلاش، مەنىسىنى چۈشىنىش، ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ھەم ئەمەل قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سائادەتمەنلىرى ۋە ئەڭ سەرخىللىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر»([31]) دەپ كۆرسەتكەن.

مۇسۇلمانلارنىڭ شان – شەرىپى قۇرئان بىلەندۇر

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بەخت _ سائادەتنىڭ مەنبەسى بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ  شان _ شەرىپنىڭ ۋە ئىززىتىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: )ھەقىقەتەن سىلەرگە سىلەرنىڭ شان_ شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب (قۇرئان)نى نازىل قىلدۇق. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ ([32].

  ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار بارچە كۈچىنى «قۇرئان كەرىم»دىن ئالغان. ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ نېمە مەقسەت بىلەن نازىل بولغان كىتاب ئىكەنلىكىنى تونۇغان ۋە ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ سەلتىنىتى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ، ئۈچ قىتئەگە يۆتكەلگەن. ئۇلار دۇنيادا ئادالەت بىلەن ھەققانىيەتنى ئومۇملاشتۇرغان ئىدى.

ئەمما ئەپسۇسكى، ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىن كېيىنكى ۋە ھازىرقى مۇسۇلمانلاردا «قۇرئان كەرىم» ھازىر ۋە غائىب ھالەتتە بولۇپ قالغان. ھازىر دېگىنىمىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا، قارىيلارنىڭ دىلىدا بار ئىكەنلىكىنى، غائىب دېگىنىمىز «قۇرئان كەرىم»گە ئەمەل قىلىشنىڭ يوقالغانلىقىدىن ئۇنىڭ روھىنىڭ، مۆجىزىسىنىڭ ۋە ھاياتتىكى باشلامچىلىق رولىنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا يوقالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز مۇسۇلمانلار قۇرئان ئوقۇپ ساۋاب تېپىشقا كۇپايە قىلىپ، ئۆزىمىزنى چوڭ ساۋابلىق ئىش قىلغانلار قاتارىدا ساناپ كېلىۋاتىمىز.

ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي مۇنداق دېگەن: «بىز قۇرئاننى ھاياتىمىزدا ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرىشىمىز لازىم. ئەمما ئۇنى ئۆيلەردە، دۇكانلاردا ۋە ئىش ئورۇنلىرىدا ساقلاپ تەۋەررۈك قىلىشقا ياكى قۇرئاننى ئېچىپ بىر ياكى ئىككى ئايەت ئوقۇپلا يېپىپ قويۇشقا بولمايدۇ»[33].

   توغرا، قۇرئاننى ئوقۇپ قويغان بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ، مەسىلە ھەل بولمايدۇ ۋە مەقسەت ئادا بولمايدۇ. چۈنكى ئەرەب تىلىدىكى«تىلاۋەت» سۆزى «تَلى، يَتْلُو» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن چىققان بولۇپ، مەنىسى داۋاملاشتۇرۇش، ئارقىسىدىن يۈرۈش دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئەرەب تىلىدا، بىراۋ يەنە بىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭغاننى «يتلو» دەيدۇ. دېمەك، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دېگەن بىر قانچە ئايەت ياكى بىر قانچە سۈرىنى ئوقۇپ قويۇش ئەمەس، بەلكى ئوقۇغاننىڭ مەنىسىنى بىلىپ، روھىغا ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش، قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشتىن توختاپ قالماسلىق دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.

ئىمام ھەسەن بەننا مۇنداق دېگەن: «قۇرئان يۇقىرى ئۇپۇقتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە تۇمار قىلىپ ئېسىۋېلىش ياكى مازار بېشىدا ئوقۇش ياكى مۇسىبەتلەردە تىلاۋەت قىلىش ياكى قارىيلارنىڭ دىلىدا، ياكى كىتاب ھالىتىدە ساقلاش ياكى ئۆزىنى يادلاپ ئەھكاملىرىنى تاشلاپ قويۇش ئۈچۈن نازىل بولغان كىتاب ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىنسانىيەتنى بەختلىك ھاياتقا باشلاش ئۈچۈن نازىل بولغان كىتابتۇر. )سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر ۋە روشەن كىتاب كەلدى. ئاللاھ شۇ كىتاب ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرىغا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ([34]. 

«ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ پەزىلىتىنى بىلگەن. شۇڭا ئۇلار ئۇنى ھاياتىنىڭ دەستۇرى ۋە قانۇن _ تۈزۈملىرىنىڭ مەنبەسى، قەلبىنىڭ نۇرى، ئىبادەتلىرىنىڭ ئاساسلىقى قىلىۋالغان. ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىپ ئوقۇش ۋە مەنىسىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قەلبىنى ئاچقان، ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار ھەۋزى كەۋسىرىدىن قانغۇچە ئىچكەن، شۇنىڭ بىلەن روھىنى سۇغارغان. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا دۇنيانىڭ سەلتەنىتىنى ئاتا قىلغان. ئاخىرەتتە بولسا ئۇلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەتلەرنى ۋەدە قىلغان. ئەپسۇسكى، بىز ئۇلارغا ئوخشاش بولالمىدۇق، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلالمىدۇق. بۇ سەۋەبتىن ھازىرقى ھالغا چۈشۈپ قالدۇق. دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئاجىز، دىنىي ئىشلاردا زەئىپ بولۇپ قالدۇق»[35].  

 

 



[1] ھىرا غارى — مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان «نۇر تېغى»نىڭ ئۈستىدە بولۇپ، مەسجىدى ھەرەمدىن تۆت كىلومېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىكى 634 مېتىردۇر.
[2] ئەلەق سۈرىسى :1 - 5 - ئايەتلەر.
[3] ۋەرەقەنىڭ 3- بوۋىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 4- بوۋىسىنىڭ قېرىندىشى ئىدى.
[4] «سەھىھۇلبۇخارى»1-توم، 7-بەت 3 –ھەدىس.
 ([5]) ئىسرا سۈرىسى:106 _ ئايەت.
[6] قىيامەت سۈرىسى: 16 _ 18 _ ئايەتلەر.
[7] شۇرا سۈرىسى:51 _ ئايەت.
 ([8]) نىسا سۈرىسى164 _ ئايەت.
 ([9]) شىھاب قۇزائىينىڭ «مۇسنەد» ناملىق ھەدىس توپلىمى115 _ ھەدىس، 2 _ توم،185 _ بەت.
 ([10]) «سەھىھۇلبۇخارى» 3 _ ھەدىس، فەتھۇلبارى 1 _ توم،27 _ بەت.
 ([11]) «سەھىھۇلبۇخارى»2 _ ھەدىس، فەتھۇلبارى1 _ توم،23 _ بەت.
[12] ئوكاز _ ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە بىلەن تائىف شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى.
[13] رۇم سۈرىسى:2-5 _ ئايەتلەر.
[14] شۇئەرا سۈرىسى :62 _ ئايەت.
[15] ھىجر سۈرىسى:9  _ ئايەت.
[16] ئال ئىمران سۈرىسى: 44 _ ئايەت.
[17] قەسەس سۈرىسى: 44 _ ئايەت.
[18] مۇجادەلە سۈرىسى: 8-ئايەت.
[19] بەقەرە سۈرىسى: 142- ئايەت.
[20] تەۋبە سۈرىسى: 95- ئايەت.
[21] قەمەر سۈرىسى: 45- ئايەت.
[22] قەلەم سۈرىسى: 16-ئايەت.
[23] لەھەب سۈرىسى.
 ([24]) «سەھىھۇلبۇخارى» 6285 _ ھەدىس، فەتھۇلبارى11 _ توم،94 _ بەت.
 ([25]) قىيامەت سۈرىسى:16 _ 19 _ ئايەتلەر.
[26] ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە شۇنداق كەلگەن.
 ([27]) قەمەر سۈرىسى: 22 _ ئايەت .
[28] ساد سۈرىسى: 29-ئايەت.

 
([29])   ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[30] مائىدە سۈرىسى118-ئايەت.
([31])   ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[32] ئەنبىيا سۈرىسى، 10-ئايەت.
[33] «كيف نتعامل مع القرآن» (قۇرئانغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟) ناملىق ئەسەر، 59-بەت.
[34] مائىدە سۈرىسى15-16-ئايەتلەر.
[35] «نظرات في كتاب الله» (ئاللاھنىڭ كىتابى ھەققىدە ئىزدىنىش) ناملىق ئەسەرنىڭ 34-بېتىدىن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار