سۈننەتنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىدىكى ئورنى

سۈننەتنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىدىكى ئورنى
     («دىن ۋە ھايات 2000 سوئالغا جاۋاب»ناملىق ئەسەردىن)

مۇھەممەد يۈسۈپ

1668.  سوئال: سۈننەتنىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىدا قانداق ئورنى بار؟

           جاۋاب: سۈننەت ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئىككىنچى ئاساسلىق مەنبىئىدۇر. بۇنىڭدا قەدىمدىن ھازىرغىچە پۈتۈن ئىسلام ئۇممىتى بىردەك ئىتتىپاقتۇر. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس دەلىللىرى بۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ. قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ۋە دىن ھەم دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇنىڭ تۇتقان يولىنى دەستۇر قىلىشنىڭ پەرزلىكىنى تەكىتلىگەن ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ.

   ﴿كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار﴾([1]).

   ﴿ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكىمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.﴾([2])

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇش، ئۇنىڭغا ئېسىلىش ۋە ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلىشنىڭ زۆرۈزلىكىنى تەكىتلىگەن ھەدىسلەرمۇ كۆپ. مەسىلەن:

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر مېنىڭ يولۇمغا ۋە توغرا يولنىڭ يېتەكچىلىرى بولغان خەلىپىلىرىمنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار ۋە ئۇنى پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن چىڭ تۇتۇڭلار، مېنىڭ يولۇمغا خىلاپ كېلىدىغان ئىشلارنى دىن نامى بىلەن پەيدا قىلىۋېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىڭلار. چۈنكى دىندا پەيدا قىلىنغان ھەر قانداق يېڭىلىق بىدئەتتۇر. بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقى ئازغۇنلۇقتۇر»([3]).

سۈننەتكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى
1669.  سوئال: قۇرئان كەرىمنىلا تۇتۇپ سۈننەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك توغرىمۇ؟

           جاۋاب: قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەت ئىككىسى ئىسلام دىنىنىڭ بىردىنبىر دەستۇرلىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئان كەرىمدىكى ئەھكاملارنى چۈشىنىش ئۈچۈن سۈننەتكە ئېھتىياج زور. شۇڭا قۇرئان كەرىمنىلا تۇتۇپ، سۈننەتنى تەرك ئېتىش توغرا ئەمەس.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنىلا تۇتۇپ، سۈننەتنى تەرك ئېتىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىر زامان كېلىپ سىلەردىن بىرىڭلار ساپاغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، مەن بۇيرىغان ياكى توسقان ئىشلاردىن بىرەرسى توغرۇلۇق" بىلمەيمىز، بىز ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمدىن تاپقانلىرىمىزغىلا ئەگەشتۇق"دېمىسۇن»([4]).

   سۈننەتمۇ مەنە جەھەتتە ئاللاھ تائالادىن كەلگەن ۋەھيى بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە باغلىنىشى ئىنتايىن مۇستەھكەم، چەمبەرچاس باغلىنىشتۇر. چۈنكى سۈننەت قۇرئان كەرىمنى ئوچۇقلاش ئۈچۈن كەلگەن يېگانە مەنبەدۇر. سۈننەت قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدىكى مۇتلەق ھۆكۈملەرنى قەيتلىك قىلىدىغان، ئومۇملىرىنى خاس قىلىدىغان، مۇجىمەللىرىنى ئوچۇقلايدىغان ۋە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتە بىردىنبىر مەنبەدۇر. سۈننەت يەنە قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنمىغان كۆپلىگەن شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

سۈننەتنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئوچۇقلىشى
   (1) سۈننەتنىڭ قۇرئاندىكى ئىجمالىي ئەھكاملارنى تەپسىلىي قىلىپ ئوچۇقلىشى

   قۇرئان كەرىمدە كۆپلىگەن ئىجمالىي ئەھكاملار كەلگەن بولۇپ، سۈننەت ئۇلارنى تەپسىلىي بايان قىلىپ چۈشەندۈرگەن. ناماز، روزا، زاكات، ھەج ۋە باشقا كۆپلىگەن ئەھكاملار بۇنىڭ مىسالى.

   مەسىلەن: قۇرئان كەرىمدە: ﴿ شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى.﴾([5]) دېگەن بولسىمۇ، ناماز ۋاقىتلىرى، ئوقۇلۇش ئۇسۇلى، رەكئەتلىرى ۋە نامازلارنىڭ سانى قاتارلىق مەسىلىلەر بايان قىلىنمىغان. بۇلارنى پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈننەتلىرى ئارقىلىق كۆرسەتكەن ۋە ئۆگەتكەن. زاكاتنىڭ پەرزلىكى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان بولسىمۇ، زاكات مىقدارى، ئادا قىلىش شەرتلىرى ۋە باشقا ئەھكاملار بايان قىلىنمىغان. پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈننەتلىرى ئارقىلىق زاكاتنىڭ تەپسىلىي ئەھكاملىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن.

 مۇندىن باشقا قۇرئان كەرىمدىكى كۆپلىگەن ئەھكاملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى بىلەنلا ئوچۇقلۇققا ئېرىشكەن.

   (2) سۈننەتنىڭ مۇتلەق ھوكۈملەرنى خاسلىققا ئېگە قىلىشى

   قۇرئان كەرىمدە: ﴿ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار﴾([6])دەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئوغرىنىڭ قولى نەدىن كېسىلىدۇ ۋە ئىككى قولىنىڭ ھەممىسىمۇ ياكى بىرسىمۇ دېگەنلەرنى سۈننەت بەلگىلەپ، ئوغرىنىڭ بىر قولىنى بېغىشىدىن كېسىشنى قارار قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «ئوغرىنى مەھكىمىگە ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا شاپائەتچى بولۇپ، قۇتقۇزۇپ قېلىشقا تىرىشىڭلار، مەھكىمىگە بارغاندا ھاكىم (قازى) ئۇنى كەچۈرىۋەتسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى كەچۈرىۋەتمەيدۇ، ھاكىم ئۇنىڭ قولىنى كېسىشكە بۇيرىسا ئۇنى بېغىشىدىن كېسىڭلار»([7]).

   (3) سۈننەتنىڭ ئومۇمىيلىقتىن خاس ھۆكۈملەرنى چىقىرىشى

   قۇرئان كەرىمدە: ﴿ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ.﴾([8])دېيىش ئارقىلىق مىراس ئېلىش ھەققىدىكى ئومۇمىي پرىنسىپنى بايان قىلغان بولسىمۇ، بالىلاردىن كىملەرنىڭ مىراستىن مەھرۇم بولىدىغانلىقىنى بايان قىلمىغان. سۈننەت ئاتا-ئانىسىدىن بىرەرسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى مىراستىن مەھرۇم قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «قاتىل مىراس ئالالمايدۇ»([9]) دېگەن. شۇڭا ئىسلام دىنىنىڭ مىراس قانۇنىدا، ئاتا-ئانىسىدىن بىرەرسىنى قەستەن ئۆلتۈرگەن ئادەم ئۇلارنىڭ مىراسىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە «بىز مىراس قالدۇرمايمىز، قويۇپ كەتكەنلىرىمىز سەدىقىدۇر»([10]) دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبەرلەردىن قالغان نەرسىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرىغا مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىنمايدىغانلىقىنى، بەلكى سەدىقە قىلىپ تارقىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

   (4) سۈننەتنىڭ بەزى ئايەتلەرنى ئوچۇقلىشى

   قۇرئان كەرىمدە كۆپ مەنىگە دالالەت قىلىدىغان بەزى ئايەتلەر كەلگەن بولۇپ، سۈننەت ئۇلارنى ئوچۇقلۇققا ئېرىشتۈرگەن. مەسىلەن: قۇرئان كەرىمنىڭ: ﴿ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا زۇلۇمنى ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر.﴾([11])دېگەن ئايىتى چۈشكەندە، ساھابىلارغا بۇ ئايەت ئېغىر كېلىپ، «قايسىمىز زۇلۇم قىلمايمىز؟» دېيىشكەن ۋە ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇراجىئەت قىلغان. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتتىكى «زۇلۇم» سۆزىدىن لۇقمان سۈرىسىدىكى: ﴿ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ زۇلۇم (ھەقسىزلىقتۇر)﴾([12])، دېگەن ئايەتتە ئېنىق بايان قىلىنغان شېرىك مەقسەت قىلىنىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئارام تاپقان.

   (5) سۈننەتنىڭ قۇرئان كەرىمدە كەلمىگەن ھۆكۈملەرنىمۇ ئېلىپ كەلگەنلىكى

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدە قۇرئان كەرىمدە كەلمىگەن كۆپلىگەن مۇستەقىل ھۆكۈملەر كەلگەن.

سۈننەت ئارقىلىق بېكىتىلگەن شەرىئەت ئەھكاملىرى([13])
1670.  سوئال: سۈننەت ئارقىلىق بېكىتىلگەن ئەھكاملارنىڭ ئۆرنەكلىرى قايسىلار؟

           جاۋاب: قۇرئان كەرىمدە كەلمىگەن بولسىمۇ، سۈننەت ئارقىلىق بېكىتىلگەن شەرىئەت ھۆكۈملىرىنىڭ بەزى مىساللىرى تۆۋەندىكىچە:

   (1) ئايالنى ئۇنىڭ تاغا-ئاچىلىرى بىلەن بىر نىكاھتا تۇتۇشنىڭ ھاراملىقى.

   (2) ئېشەك گۆشىنىڭ ۋە ھەر قانداق مەرگەن چىشلىق يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن يىرتقۇچ تىرنىقى بار قۇشلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنىڭ ھاراملىقى.

   (3) رامىزان كۈندۈزىدە بىلىپ تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق روزىسىنى بۇزغان كىشىگە كاپارەت كېلىدىغانلىقى.

   (4) بەدەنگە نەقش ئويۇشنىڭ ھاراملىقى ۋە مۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدىغانلىقى.

   مۇندىن باشقا كۆپلىگەن شەرىئەت ئەھكاملىرى سۈننەت يولى بىلەن بەلگىلەنگەن([14]).



([1])   ھەشر سۈرىسى7- ئايەت.
([2])   نىسا سۈرىسى65- ئايەت.
([3])   ئەبۇداۋۇدنىڭ«سۇنەن» ناملىق ھەدىس توپلىمى 5- توم،13- بەت، 4607-ھەدىس.
([4])   ئەبۇداۋۇدنىڭ«سۈنەن»ناملىق ھەدىس توپلىمى5- توم،12- بەت، 4605-ھەدىس.
([5])   نىسا سۈرىسى103- ئايەت.
([6])   مائىدە سۈرىسى38- ئايەت.
([7])   دارا قۇتنىينىڭ«سۇنەن» ناملىق ھەدىس توپلىمى3- توم،205-ھەدىس. زەئىپ دېيىلگەن ھەدىس.
([8])   نىسا سۈرىسى11- ئايەت.
([9])   تىرمىزىنىڭ «سۇنەن» ناملىق ھەدىس توپلىمى2- توم،215- بەت، 1713-ھەدىس، سەھىھ دېيىلگەن ھەدىس.
([10]) «سەھىھۇلبۇخارى» 4036-ھەدىس، «فەتھۇلبارى»نىڭ7- توم،426- بەت.
([11]) ئەنئام سۈرىسى82- ئايەت.
([12]) لۇقمان سۈرىسى13- ئايەت.
([13]) بۇ ماۋزۇ دوكتۇر رىزا مۇھەممەد سەفىيۇددىن ئەل سەنۇسىينىڭ«محاضرات في الثقافة الإسلامية» (ئىسلام ھازارىتى ھەققىدە لېكسىيە)ناملىق ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
([14]) دوكتۇر مۇستافا سىبائىنىڭ«السنة ومكانتها في التشريع الإسلامي» ناملىق ئەسىرى 376-393- بەتلەر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار