سىزنى ئۆلتۈرەلمىگەن نەرسە كۈچلۈك قىلىدۇ

سىزنى ئۆلتۈرەلمىگەن نەرسە كۈچلۈك قىلىدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەت ، ئەزىيەت دېگەندەك نەرسىلەر ئادەمنى ئەلۋەتتە بىئارام قىلىدۇ. ئەڭ يامان يېرى ئادەمنىڭ ئىچىگە كۆمۈلگەن بۇ دەرت-ئەلەملەر ئەقىلنى بەند قىلىدىغان، پائالىيەتچانلىققا توسقۇنلۇق قىلىدىغان سەلبىي ئېنېرگىيەگە ئايلىنىدۇ. سەلبىي ئېنېرگىيەگە تولىمۇ زىيانلىق نەرسە بولۇپ، بەزىدە ئادەمنى ئۇچراشقان ھەربىر كىشىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ۋەھشىي مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇنداق ئادەم سىرتتا كىشىلەردىن ئالالمىغان ئۆچىنى پەرزەنتلىرىدىن ۋە كۆپىنچە ئايالىدىن ئالىدىغان تۇراقسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ئاچچىق، دەرت-ئەلەم ۋە پۇشايمان دېگەنلەرنى توشۇماسلىق ۋە ئۇنتۇشقا تىرىشىش لازىم. ئەستە ساقلاش بىر نېمەت بولسا، بەزى چاغلاردا دەرت-ئەلەملەرنى ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇشمۇ چوڭ نېمەتتۇر.

 شۇ ئېنىقكى، دەرت -ئەلەم قانچىلىك كۈچلۈك ۋە قانچىلىك قاتتىق بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئىمان بىلەن قوراللانغان كىشىلەرگە نىسبەتەن يەنىلا ئاجىزدۇر. چۈنكى، ئىمان ھەممىنى يېڭىدىغان كۈچتۇر.

شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىك كېرەككى، دەرت-ئەلەم مەنىۋى ئاغرىقلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر. شۇنداقتىمۇ، ئىماننىڭ كۈچى ۋە ئۆزىمىزدە ئۇنىڭغا قارشى ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش بىلەن ئۇنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ئەلەمنىڭ زىيىنى نىسبىي بولۇپ، ئۇنى مۇتلەق زىيانلىق دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، خۇددى ئالتۇن ئوتتا ئېرىتىلىپ تاۋلانغاندەك، ئادەم دەرت-ئەلەملەر جەريانىدا تاۋلىنىپ چىقىدۇ. گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ فېرىدرىك «سىزنى ئۆلتۈرەلمىگەن نەرسە كۈچلۈك قىلىدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزىنى بۇ سەۋەبتىن قالدۇرغان.

 كالا تەمرەتكىسى ۋىرۇسىنىڭ ئۇكۇلىنى ئىجاد قىلغان تېببىي ئالىم ئىدۋارد جېىنىر بىر كىشىنىڭ«مەن كىچىك ۋاقتىمدا كالا تەمرەتكىسى ۋىرۇسى بىلەن ئاغرىغان ئىدىم. ھازىرغىچە كېسەل بولۇپ باقمىدىم» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان ئۇكۇلنى تەجرىبە قىلماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساق كىشىلەردىن بىر قانچىسىغا ئۆزى ئىجاد قىلغان ئۇكۇلىنى سالىدۇ. ئۇكۇل بۇ كىشىلەرنى قىزىتىپ خېلى بىئارام قىلىدۇ ۋە ئۇزۇنغا قالماي ھەممىسى ساقىيىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىدۋارد جېىنىر ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى ئايلارچە كۆزىتىدۇ. كۆزىتىش نەتىجىسىدە ئۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ بىرەر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. ئاندىن شۇ تەجرىبىسىگە ئاساسلىنىپ، «كېسەل بىلەن ئۆلمىگەن ئادەم كېسەللەرگە تاقابىل تۇرىدىغان كۈچ ھاسىل قىلىدۇ» دېگەن پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ پىرىنسىپقا ئاساسلىنىپ دەيمىزكى، بىزنى ئۆلتۈرەلمىگەن مىكروب بىزنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىمىزنى ئاشۇرغاندەك، قىيىن شارائىتلار، جاپا-مۇشەققەتلەر ۋە مۇسىبەتلەر بىزنى چىدامچان قىلىپ تاۋلاپ چىقىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى بىرەردىن مىكروبنىڭ ئورنىدا بولۇپ، ئۇلار يا بىزنى يىقىتىدۇ ياكى كۈچلۈك قىلىدۇ، ئىرادىمىزنى كۈچەيتىدۇ، بەدىنىمىزنى مەزمۇت قىلىدۇ، روھىمىزنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ھەربىرىمىز بېشىمىزغا كەلگەن قىيىنچىلىقلار ۋە جاپا-مۇشەققەتلەدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ چىداملىق بولۇپ چىققانلىقىمىزنى ئەلۋەتتە بىلىمىز. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: (وَعَسَى أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئًا وَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ وَعَسَى أَنْ تُحِبُّوا شَيْئًا وَهُوَ شَرٌّ لَكُمْ) «سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نەرسىنى ياقتۇرماي قېلىشىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن زىيانلىق بولغان نەرسىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىڭلار مۇمكىن».

شۇڭا سىز ھەربىر قىيىنچىلىق ئالدىدا، ھەتتا ھەرقانچە چوڭ قىيىنچىلىققا ياكى چىدىغۇسىز ئېغىر مۇسىبەتلەرگە ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، «سىزنى ئۆلتۈرەلمىگەن نەرسە كۈچلۈك قىلىدۇ» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرسىڭىز، ئەلۋەتتە سىزگە گۈزەل كېلەچەك قۇچاق ئاچىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: (فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا . إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا) «ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار. ھەقىقەتەن ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار» دېگەن.

بۇرۇن بىر قىسسە ئوقۇغان ئىدىم. بېشىمغا كەلگەن ھەر قىيىنچىلىقتا ئۇنى ئەسلەپ قويىمەن. قىسسە مۇنداق ئىدى: بىر ئوتۇنچى ھەر كۈنى ئورمانغا ئۆزى بىلەن يول بىلەن بېرىپ، ئوتۇن كېسىپ كېلىدىكەن. بىر كۈنى ئويلاپ، ئۆز-ئۆزىگە «ئورماننى مەندىن ياخشى بىلىدىغان ئادەم يوققۇ دەيمەن، چۈنكى مەن كۆزۈمنى تېڭىپ قويسىمۇ تاپالايمەن» دەپ پىچىرلايدۇ. ئۇ ئورماندىن قايتماقچى بولۇپ تۇرغاندا، قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ، تاغدىن چۈشكەن قورام تاشلار ئۇنىڭ ھەر كۈنى بېرىپ كېلىۋاتقان يولىنى تامامەن توسۇۋالىدۇ. ئوتۇنچى دەرھال ئۆيىگە قايتماقچى بولۇپ باشقا بىر يولغا كىرىدۇ ۋە ئۇ يولدا ئېزىپ كېتىپ ئۆيىنى تاپالمايدۇ. ئوتۇنچى ئورمانلىقنىڭ ئىچىدە قايمۇقۇپ قالغانلىقتىن، ئۆيىنىڭ يولىنى قەتئىي تاپالمايدۇ. بۇ ئەسنادا ئۇ قاتتىق ئاچلىق ۋە سۇسىزلىق تارتىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. ئوتۇنچى ئورماندا  بىر قانچە كۈن ئايلىنىپ يۈرگەندىن كېيىن، ئۇزاق بىر يەردىن تۈتۈن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ تەرەپكە بارىدۇ ۋە ئۆيىنى تاپىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن بەلگىسى ئىكەن. ئوتۇنچى بىر قانچە كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالىدۇ. ئاندىن ئاستا-ئاستا ئۆزىگە كېلىپ، كۈنلەردىن بېرى ئۆيىنى تاپالماي ئادىشىپ يۈرگەن جايلىرىنى ئەسلەيدۇ ۋە كۈچىنى توپلاپ ئاشۇ يېڭى جايلارغا بېرىپ ھېچكىمنىڭ قولى تېگىپ باقمىغان ياغاچلارنى كېسىپ، بازارغا ئاپىرىپ سېتىش ئارقىلىق نۇرغۇن مال-دۇنياغا ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇرۇنقى ئوتۇنچىلىق تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇپ، كاتتا ئىش ئادەملىرىدىن بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، بۇ ئادەمنىڭ ئورماندا ئېزىپ كېتىپ، ئۆيىنى تېپىش يولىدا تارتقان ئىختىيارسىز جاپالىرى بەدىلىگە ئۇ ئورماندا كېسىپ تۈگىتىپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ياغاچلارغا ئېگە بولغان.

ئوتۇنچىنىڭ باشتىن كەچۈرگەن تەجرىبىسى ھەقىقەتەن قىيىن ۋە قاتتىق بولغان، ئەمما ئېرىشكەن مۇكاپاتىمۇ تارتقان جاپالىرىدىن نەچچە ھەسسە كاتتا ۋە كۆپ بولغان.

تەۋسىيەم شۇكى، سىز قانداقلا بىر قىيىن ئىشقا يۈزلىنىشتىن ئاۋۋال «مېنى يىقىتالمىغان نەرسە كۈچلەندۈرىدۇ» دېگەننى تەكرارلاڭ ۋە بۇنى ھەر دائىم ئېيتىپ تۇرۇڭ، ياتقاندا ۋە تۇرغاندا، ھەتتا ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ تەكرارلاڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۇنىڭ گۈزەل نەتىجىسىنى چوقۇم كۆرىسىز.

 ئىبرەت

—    دەرت-ئەلەملەر مىكروبقا ئوخشايدۇكى، مىكروب يا بىزنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى كېسەلگە قارشى كۈچىمىزنى ئاشۇرىدۇ.

—    «سېنى ئۆلتۈرەلمىگەن نەرسە كۈچلەندۈرىدۇ» دېگەن پىرىنسىپقا ئىشەنگەن چېغىڭىزدا، كېلەچەكتە ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىدىغان ھەرقانداق خەتەرگە قارشى قوغدانغان بولىسىز.

—    ھايات ئۇزۇن بىر فىلىمغا ئوخشاش بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قىيىن تاللاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ھەمىشە ئۇ چىداملىقلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار