ئائىلە ھاياتىمىزدا كۆپىنچىمىز ئەمەل قىلماي كەلگەن تۆت مۇھىم ھەدىس

ئائىلە ھاياتىمىزدا كۆپىنچىمىز ئەمەل قىلماي كەلگەن تۆت مۇھىم ھەدىس

مۇھەممەد يۈسۈپ

1.    «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېيەلمەسلىك

بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «سىلەر بىراۋنى ياخشى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭغا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈپ قويۇڭلار»[1] دەپ كۆرسەتكەن. بىراۋنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئۇنى سۆز بىلەن بىۋاسىتە ئېيتىشتۇر. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق، بۇ ئارىدا يېنىمىزدىن بىر ئادەم ئۆتۈپ كېتىۋىدى، ئارىمىزدىن بىرەيلەن: ‹مەن ئاشۇ ئادەمنى ياخشى كۆرىمەن› دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويدۇڭمۇ؟› دېدى. ئۇ: ‹ياق› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹ئۇنداقتا، ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويغىن› دېدى. ئۇ ھېلىقى ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ: ‹مەن سېنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن› دېدى. ئاندىن ئۇ ئادەم: ‹سەن مېنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن ئىكەنسەن، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرگەي!› دېدى»[2].

پەيغەمبىرىمىزنىڭ شۇنداق ئېنىق ۋە روشەن تەلىماتى بار تۇرۇقلۇق، بىز ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماي كەلدۇق. بىز ئائىلە ئەزالىرىمىزنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى ۋە بارچە يېقىن كىشىلىرىمىزنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان تۇرۇپ، ئۇلارغا بۇ سۆيگىمىزنى بىلدۈرۈشكە، «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن سۆزنى ئېيتىشقا ئەھمىيەت بەرمەي كەلدۇق. نەتىجىدە، بىز مۇشۇ مۇھىم سۈننەتنى تەرك ئەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي تەمىنى تېتىيالماي كەلدۇق. بىز پەرزەنتلىرىمىزگە «ئوغلۇم! مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن»، «قىزىم! مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن يېقىملىق سۆزنى دېيىشكە بېخىللىق قىلىپ ياكى تارتىنىپ دېمىگەن ۋاقتىمىزدا، بۇ سۆزنى ئۇلارغا باشقىلار دەيدۇ، پەرزەنتلىرىمىز بىزدىن ئاڭلىمىغان بۇنداق چىرايلىق سۆزنى كوچىدىكىلەردىن، ھەتتا يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن، ئىپپەت-نومۇس ئاۋچىلىرىدىن ئاڭلايدۇ. بۇ ئەھۋالدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىشى ياكى ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار: «ئائىلەم مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەن» دەپ قېلىشى، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدىن يىراقلىشىپ كېتىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.

 

2.    پەرزەنتلىرىمىزنى سۆيۈپ قويماسلىق

  ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە  رەزىيەللاھۇ ئەنھا قانداقلا چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرسە، ئۇنىڭغا ئورنىدىن تۇراتتى ۋە ئۇنى سۆيۈپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرغۇزاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچانلا فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرسە، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئورنىدىن تۇراتتى، ئۇنى سۆيەتتى، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلاتتى»[3]. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر كۈنى سەھرالىق ئەرەبلەردىن بىر قانچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ،  ‹سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارنى سۆيەمسىلەر؟› دەپ سورىۋى، مەجلىستىكىلەر: ‹ھەئە› دەپ جاۋاب بېرىشتى. ئاندىن ئۇلار: ‹ئەمما بىز پەرزەنتلىرىمىزنى سۆيۈپ باقمىدۇق› دېدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ‹ئاللاھ قەلبىڭلاردىن رەھىم-شەپقەتنى سۇغۇرۇۋەتكەن تۇرسا، مەن نېمە قىلالايمەن؟› دېدى»[4]. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەۋرىسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سۆيۈپ قۇيىۋىدى، ئەقرەئ ئىبنى ھابىس دېگەن كىشى بۇ ئىشقا ھەيرانلىقىنى ئىپادىلەپ: ‹مېنىڭ ئون بالام بار، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ سۆيۈپ باقمىدىم› دېدى. شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەمنىڭ تاش يۈرەكلىكىگە ئەجەبلىنىپ: ‹رەھىم _ شەپقەت قىلمايدىغانلار رەھىم _ شەپقەتكە ئېرىشەلمەيدۇ› دېدى»([5]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلارنىڭ پىشانىسىگە ۋە ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقىغا سۆيۈپ، ئۇلارنى مەھكەم قۇچاقلاپ باغرىغا باسىدىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر كۆپ.

بالىلارنى سۆيۈپ قويۇش، ئۇلارنى قۇچاقلاپ باغرىغا بېسىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە خۇشاللىق بېغىشلاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە سۈننىتىدۇر. بىز مۇشۇنداق گۈزەل ئەخلاقنى ۋە مۇھىم بىر سۈننەت ئەمەلنى تەرك ئەتكەن تۇرۇقلۇق، يەنە ئۆزىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگەشكەن كىشىلەرمىز، دەپ راھەت دېيەلەيمىز. ھالبۇكى، ئۆزىمىزنىڭ پەيغەمبەرنىڭ يولىدىن قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىمىزنى بىلمەيمىز. چۈنكى بۇ گۈزەل ئەخلاقنى ھايات ساھەمىزگە كىرگۈزەلمەي كەلدۇق. بىزدە بۇ گۈزەل ئەخلاق ئومۇملاشمىغانلىقى ئۈچۈن، بىز سۆيگۈ-مۇھەببەتتىن مەھرۇم ھالدا چوڭ بولدۇق. بىز ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلىپ، ئەمدى سۆيگۈ-مۇھەببەتنى بېرەي دېگەن چېغىمىزدا، «كىشىلەر نېمە دەپ قالار» دېگەن قورقۇنچ سەۋەبلىك ئۇنى ئىزھار قىلىشقا پېتىنالماي كەلدۇق.

 

3.    ئائىلىدە تەبەسسۇم قىلماسلىق

   شەكسىزكى، تەبەسسۇم قىلىش، كىشىلەرگە ئوچۇق چىراي بىلەن سالام قىلىش كۆڭۈللەرنى خۇشال قىلىدىغان، دىللارغا ھۇزۇر ۋە بەخت-سائادەت بېغىشلايدىغان سېھىرلىك نەرسىدۇر. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خۇش چىراي ئېچىش ۋە تەبەسسۇم قىلىش بىلەن قەلبلەرگە كىرىش مۆجىزىسىنى ئۆگەتكەن. ئۇ كىشىلەرنى تەبەسسۇمدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشەببۇس قىلىپ: «مۇئمىن قېرىندىشىڭنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم قىلىشىڭنىڭ ئۆزىدە سەدىقىنىڭ ساۋابى»([6]) دەپ كۆرسەتكەن. تەبەسسۇمدىن ئىبارەت بۇ نېمەتتىن پايدىلىنىش ئەڭ ئاۋۋال ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ ھەققىدۇر. بىز تەبەسسۇم قىلىپ سەدىقە بەرگەننىڭ ساۋابىنى تېپىش ئۈچۈن، جورىمىزنى، پەرزەنتلىرىمىزنى، ئاتا-ئانىمىزنى، قېرىنداشلىرىمىزنى قويۇپ، تالادىن «مۇئمىن قېرىنداش» ئىزدەيمىزمۇ؟ مۇشۇلار «مۇئمىن قېرىنداش» ئەمەسمۇ؟

 

4.    «كەچۈرۈڭ!» دېيەلمەسلىك

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق ئادەم خاتالىشىدۇ، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر»[7]. يەنى ئىنسان خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ. ئىنسانلار بىلىپ، بىلمەي بىر-بىرىنى رەنجىتىپ قويىدۇ. بۇ چاغدا، خاتالاشقۇچى ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سوراشقا موھتاج بولىدۇ. كەچۈرۈم سوراش ھەرگىزمۇ ئۆزىنى چۈشۈرگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ پەزىلىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق مەرتىۋە قازانغانلىقتۇر. ھەدىستىكى «خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر» دېگەن سۆز ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ، كەمچىلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سورىغان ئادەمنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئائىلىدە ھەمىشە خۇشاللىقلا بولمايدۇ، بەزىدە كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. كۆڭۈلسىزلىككە سەۋەب بولغان تەرەپ  قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سوراش ۋە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق ئائىلىنى تېخىمۇ چوڭ كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ساقلاپ قالالايمىز.

نۇرغۇن كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر» دېگەن سۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ «قىل»، «قىلما» دېگەن ئەمر-پەرمانلىرىغا قارشى سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىش دەپ چۈشىنىپ قېلىپ، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئويلاپ قويمايدۇ. ھالبۇكى، خاتالىق ۋە گۇناھ ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-ئەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتۇر. بۇنىڭ تەۋبىسى ئۆز گۇناھىغا پۇشايمان قىلىش، قايتا سادىر قىلماسلىققا بەل باغلاش ۋە ئۇنى توختىتىش بىلەن بولىدۇ. يەنە بىرى، ئىنسانلارغا قارىتا سادىر قىلىنغان خاتالىق، يامانلىق، ئۇقۇشماسلىق قاتارلىقلارنىڭ تەۋبىسى يۇقىرى ئۈچ ئىش بىلەن بىرلىكتە قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سوراش ۋە ئۇنى رازى قىلىش بىلەن بولىدۇ.

ئائىلىدە بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلىش، بىر-بىرىنىڭ خاتالىقىنى، كەمچىلىكىنى كۆرمەسكە سېلىش، ئەگەر تۈزەتمىسە بولمايدىغان دەرىجىدىكى چوڭ خاتالىق بولسا، ئۇنىڭغا چىرايلىق ۋە سىلىق تۈزىتىش بېرىش كېرەك.

[1] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[2] ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
[3]  ئىمام نەۋەۋىي رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.
[4] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([5]) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى .
([6]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى
[7] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار