ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەر سۆيگۈسىدىن ئۆرنەكلەر

ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەر سۆيگۈسىدىن ئۆرنەكلەر
1974.  سوئال: ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەر سۆيگۈسى قايسى دەرىجىدە ئىدى؟

          جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىكى ساھابىلىرى ئۇنى ئاتا-ئانىسىدىن، بالىلىرىدىن ۋە دۇنيادا قىممەتلىك سانالغان ھەر قانداق نەرسىسىدىن ئارتۇق سۆيەتتى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿پەيغەمبەر مۆمىنلەر ئۈچۈن جانلىرىدىنىمۇ چارىدۇر﴾([1]) دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-ئىخلاسىغا گۇۋاھ بولغان. چۈنكى ساھابىلار ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ھەممىدىن بەك تونۇغان ۋە ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ شۇ بويىچە ئىش كۆرگەن ئۈلگىلىك كىشىلەر ئىدى. ﴿ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە دۈشمەن بولغانلارنى ـ ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ـ دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن﴾([2]).

     تۆۋەندە بۇ ماۋزۇدا بەزى ئۈلگىلەر بېرىلىدۇ:

ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۇسسۇزلىقى
   بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھىجرەت ئەسناسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدىم، مەن قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن ئىدىم، بىر قەدەھ سۈتنى ئەكىلىپ، ئاۋۋال ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇندۇم، ئۇنىڭ ئۇنىماسلىقىغا قارىماي، سۈتنى ئاۋۋال ئىچىشكە تەكلىپ قىلىشتا چىڭ تۇرىۋالدىم. ئاخىرى ئۇنى سۈتنى ئاۋۋال ئىچىشكە قايىل قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈتنى ئىچىپ راھەتلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، مېنىڭ ئۇسسۇزلىقىم بىردىنلا بېسىلىپ قالدى».

ئەبۇ بەكرىنىڭ غەمكىنلىكى
   مەككە فەتھى بولغان كۈنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ قۇھافە مۇسۇلمان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ھەممە شۇنچىلىك زور خوشال بولىدۇ. ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ يىللاردىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن ئالەمچە خوشاللىققا تولىشى كۈتۈلگەن بۇ كۈندە، ئۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىدۇ. بۇنى كۆرگەن ساھابىلار بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر ئىمان ئېيتقان كىشىنىڭ مېنىڭ ئاتام بولماستىن، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىب بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، چۈنكى بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بەكرەك سۆيۈندۈرەتتى».

بىلالنىڭ ھەسرىتى
   ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى مۇئەززىن، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇئەززىنى ھەزرىتى بىلال رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ([3]) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىغا ئەڭ قاتتىق قايغۇرغان ساھابىلارنىڭ بىرى ئىدى. بىلال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇئەززىنلىكنى تاشلايدۇ ۋە شېھىدلىق شەربىتىنى ئىچىش ئارزۇسى بىلەن شامغا بېرىپ جىھادقا قاتنىشىش ئۈچۈن خەلىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رۇخسەت سوراشقا بارىدۇ. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ئۇنىڭغا: «ئەي بىلال سەن مەدىنىدە قېلىپ بىزگە مۇئەززىنلىك قىلغىن» دېگەندە، بىلال ئەبۇ بەكرىگە: «ئەگەر سىز مېنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئازاد قىلىۋەتكەن بولسىڭىز، ئىش سىز دېگەندەك بولسۇن. ئەگەر مېنى ئاللاھ يولىدا ئازاد قىلغان بولسىڭىز، مېنى يولۇمدىن توسماڭ» دەيدۇ. ئەبۇ بەكرى ئۇنىڭغا: «بەلكى مەن سېنى ئاللاھ ئۈچۈن ئازاد قىلغانتىم» دەيدۇ، بىلال شامغا قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ. يىللاردىن كېيىن مەدىنىگە يېتىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك قەبرىسىگە بېشىنى قويۇپ، ئۇزۇنغىچە يىغلاپ كېتىدۇ. مەدىنە ئەھلى بىلالنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىر قېتىم بولسىمۇ ئەزان ئوقۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. بىلال مۇنارىغا چىقىپ ئەزاننى باشلاپ «ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ» دېگەن يەرگە كەلگەندە بۇلۇقلاپ يىغلاپ كېتىپ، ئەزاننى قايتا- قايتا ئوڭشاپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. بىلالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان مەدىنە ئەھلى ئەر-ئايال، قېرى-ياش ھەممىسى سىرتقا چىقىپ يىغلىشىپ كېتىدۇ. ساھابىلار بۇ كۈننى مەدىنە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يىغپەزلىك كۈنى دەپ ئاتىغان ئىدى.

سەۋباننىڭ سېغىنىشى
   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خىزمەتچىسى سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئايرىلىپ بىر كۈن كەچكىچە يوقاپ كېتىپ، قايتىپ كەلگىنىدە، سەۋبان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ «يا رەسۇلەللاھ! سىلىنى قاتتىق سېغىنىپ كەتتىم» دەپ ئىچ-ئىچىدىن يىغلاپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «شۇنىڭغىمۇ يىغلاپ كېتەمدىغان» دېگەندە، سەۋبان: «يا رەسۇلەللاھ! ئۇنىڭغىلا ئەمەس، مەن سىلىنىڭ جەننەتتىكى ئالىي ئورۇنلىرىنى ۋە مەندەك بىر ئادەتتىكى بىر كىشىنىڭ ئورنىنى ئويلاپ، سىلى بىلەن جەننەتتە بىر جايدا بولالمايدىغانلىقىم ئۈچۈن قايغۇردۇم» دەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا: ﴿ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغانلار ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىدلار ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ. ئۇلار نېمىدىگەن ياخشى ھەمراھلار!﴾([4]) دېگەن ئايەتنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق سەۋباننىڭ ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدۇ.

سەۋادنىڭ ئارمىنى
   ئۇھۇد غازىتى بولغان كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىنى سەپكە تىزغاندا، ئۇلارغا سەپنى رۇسلاش ئەمرىنى بېرىدۇ، ئەسكەرلەر ھەممىسى سەپنى تۈزەپ تۈپتۈز تۇرىشىدۇ، پەقەت سەۋاد سەپنى تۈزلىمەستىن تۇرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرۈپ يەنە ئەسكەرلەرنى سەپنى تۈزەشكە بۇيرۇيدۇ، سەۋاد يەنىلا سەپتە تۈز تۇرمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ «سەۋاد سەپنى تۈزلە!» دەيدۇ، سەۋاد «خوش، بولىدۇ» دەپ قويۇپ يەنە سەپنى تۈزلىمەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىدىكى مىسۋاكنى ئۇنىڭ قورسىقىغا تەككۈزۈپ قويۇپ «سەۋاد! سەپنى تۈزلە» دەيدۇ. سەۋاد بۇ ۋاقىتتا«يا رەسۇلەللاھ! قورسىقىمنى بەك ئاغرىتىۋەتتىلە» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇنداقتا مەندىن ئىنتىقامىڭنى ئالغىن» دەپ قورسىقىنى ئېچىىپ بېرىدۇ ۋە شۇ ھامان سەۋاد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك قورسىقىنى سۆيۈشكە باشلايدۇ. ئاندىن «مېنىڭ ئارزۇيۇم بۇ ئىدى. چۈنكى بىز ھازىر غازاتقا تەييارلىنىۋاتىمىز، بۈگۈن مەن شېھىد بولۇپ كېتىشىم مۇمكىن، شۇڭا ئاخىرقى قېتىم رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك تېنىنى تۇتۇۋالاي دېگەنتىم» دەيدۇ.

مۇئازنىڭ دەردى
   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە يولغا سالغىنىدا، ئۇنى ئۇزىتىش ئۈچۈن چىقىپ، مۇئازغا: «ئەي مۇئاز! بۇ يىلدىن كېيىن مېنى كۆرەلمەسلىكىڭ مۇمكىن، بەلكى سەن مېنىڭ بۇ مەسجىدىم بىلەن قەبرەمدىن ئۆتۈپ قالىسەن» دېگەندە، مۇئاز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك تۇيۇلغانلىقتىن، خۇددى كىچىك بالىدەك ھۆكىرەپ يىغلاپ كېتىدۇ ۋە ماڭماستىن تۇرىۋالىدۇ. ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسەللى قىلىشى بىلەن يولىغا داۋام قىلىدۇ.

ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن
   ئۇھۇد غازىتى بولغان كۈنى مۇسۇلمانلار زور قولدىن بېرىشكە ئۇچرايدۇ ۋە مەدىنە شەھىرىگە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شېھىد بولدى» دېگەن يالغان خەۋەر تارقىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن مەدىنە ئەھلى قاتتىق قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە قالىدۇ. شۇ ئەسنادا مەدىنىلىك ئاياللاردىن بىرى، ئۇرۇش بولغان جايغا بېرىپ، ئاتىسى، ئاكىسى، ئوغلى ۋە ئېرى قاتارلىق تۇغقانلىرىنى تاپقان بولسىمۇ، ئۇلارغا قاراپ قويماستىن، باشقا بىرىنى ئىزدەپ ئالدىراپ كېتىۋاتقانلىقىغا ھەيران قالغانلاردىن بىرى، ئايالدىن «كىمنى ئىزدەيسىز؟» دېگەندە، ئايال«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىزدەيمەن، ئۇ قېنى؟» دەيدۇ، ئۇلار ئايالغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشىدىن تارتىپ تۇرۇپ «ئاللاھقا مىڭ شۈكرى، سىز ئامانلا بولسىڭىز باشقا مۇسىبەتلەر ھېچ نەرسە ئەمەس، ئاتا-ئانام سىزگە پىدا بولسۇن يارەسۇلەللاھ!» دەيدۇ.

رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن جېنىم قۇربان
   زەيد ئىبنى دەسنە ئىسىملىك بىر ساھابىنى سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە ئىسىملىك بىر مۇشرىك ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قۇرەيش كاتتىلىرىغا ئەۋەتىدۇ، قۇرەيشنىڭ كاتتىسى ئەبۇ سۇفيان ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭدىن " ئەي زەيد! ئېيتقىنە، مۇھەممەد سېنىڭ ئورنۇڭدا بولۇپ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلسا، سەن ئۆز ئۆيۈڭدە خاتىرجەم ئولتۇرساڭ بۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟"دەپ سورايدۇ. زەيد قەتئىيلىك بىلەن"ياق! رەسۇلۇللاھنىڭ پۇتىغا ئاددى بىر تىكەن كىرىپ كېتىشىگىمۇ چىداپ تۇرالمايمەن" دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى كېسىدۇ ۋە ئەبۇ سۇفيان دەيدۇ: «مەن ئىنسانلاردىن بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمنى مۇھەممەد(ئەلەيھىسسالام)نىڭ ساھابىلىرى مۇھەممەد(ئەلەيھىسسالام)نى جېنىنى پىدا قىلىش دەرىجىسىدە سۆيگىنىدەك قاتتىق سۆيگەنلىكىنى كۆرمىدىم»

سېغىنىپ تۇرالمىدىم
   بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ:« يا رەسۇلەللاھ! سىز مېنىڭ ئۈچۈن جېنىمدىنمۇ چارە سۆيۈملۈكسىز، سىز مېنىڭ ئۈچۈن بالىلىرىمدىنمۇ چارە سۆيۈملۈكسىز، ئۆيۈمدە ئولتۇرغىنىمدا، سىزنى سېغىنىپ تۇرالمىدىم، شۇڭا سىزگە كەلدىم» دەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ: ﴿ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغانلار ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىدلار ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ. ئۇلار نېمىدىگەن ياخشى ھەمراھلار!﴾([5]) .



[1]))   ئەھزاب سۈرىسى6- ئايەت.
[2]))   مۇجادەلە سۈرىسى 22- ئايەت.
([3])   بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەسلىدە ئېپوپىيىلىك قارا تەنلىك كىشى بولۇپ، مەككىدىكى ئۇمەييە ئىبنى خەلەف دېگەن ئادەمنىڭ قۇلى ئىدى. بىلال مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئۇمەييە ئۇنى ئىسلامدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك چارىلىرىنى قوللانغاننىڭ سىرتىدا، ھاۋانىڭ قاتتىق ئىسسىق ۋاقتىدا، ئوتتەك قىزىىپ كەتكەن تاشقا باستۇرۇپ ئازابلىغان. لېكىن بىلالنىڭ جاۋابى: «ئەھەد، ئەھەد» يەنى (ئاللاھ بىر، ئاللاھ بىر) دېيىشتىن ئىبارەت بولغان ۋە ئىماندىن قەتئىي يانمىغان. بۇ ۋەقەلىكنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى خوجايىنىدىن قىممەت پۇلغا سېتىۋېلىپ ئازاد قىلىۋەتكەن. بىلالنىڭ ئاۋازىنىڭ چىرايلىقلىقىدىن ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئەززىن قىلىۋالغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەھلى جەننىتى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن شامغا بېرىپ شۇ جايدا ۋاپات بولغان قەبرىسى ھازىرقى ئېئوردانىيە پايتەختى ئوماندا.
([4])   نىسا سۈرىسى 69- ئايەت.
([5])   نىسا سۈرىسى 69- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار