ئەتىگەن-ئاخشامدا ئوقۇلىدىغان زىكىر ۋە دۇئالار

ئەتىگەن-ئاخشامدا ئوقۇلىدىغان زىكىر ۋە دۇئالار
 

.1﴿ اَللّهُ لاَ إِلَـهَ إِلاَّ هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ لاَ تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَّلاَ نَوْمٌ لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي اْلأَرْضِ مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلاَّ بِإِذْنِهِ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلاَ يُحِيْطُونَ بِشَيْءٍ مِّنْ عِلْمِهِ إِلاَّ بِمَا شَاءَ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ وَلاَيَؤُودُهُ حِفْظُهُمَا وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيْمُ﴾

(بىر قېتىم ئوقۇلىدۇ).

.2﴿قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ . اَللَّهُ الصَّمَدُ . لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ . وَلَمْ يَكُنْ لَّهُ كُفُواً أَحَدٌ﴾.

(ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).

3.﴿قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ. مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ . وَمِن شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ . وَمِن شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِي الْعُقَدِ . وَمِن شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ﴾.                                 (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).

 .4﴿قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ . مَلِكِ النَّاسِ . إِلَهِ النَّاس . مِن شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ . الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِ النَّاسِ . مِنَ الْجِنَّةِ وَ النَّاسِ﴾.                        (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).

5. أَصْبَحْنَا وَأَصْبَحَ الْمُلْكُ لِلّهِ،(ئاخشاملىرى: «أَمْسَيْنَا وَأَمْسَى الْمُلْكُ لِلَّهِ» دەپ ئوقۇلىدۇ) وَالْحَمْدُ لِلَّهِ لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيْكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ. رَبِّ أَسْأَلُكَ خَيْرَ مَا فِي هٰذا الْيَومِ وَ خَيْرَ ماَ بَعْدَهُ، (ئاخشاملىرى: «هٰذِهِ اللَّيْلَةِ وَخَيْرَ مَا بَعْدَهَا» دەپ ئوقۇلىدۇ.) وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا فِي هٰذا الْيَوْمِ وَ شَرِّ ماَ بَعْدَهُ (ئاخشاملىرى: «هٰذِهِ اللَّيْلَةِ وَشَرِّ مَا بَعْدَهَا» دەپ ئوقۇلىدۇ) رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْكَسَلِ وَسُوءِ الْكِبَرِ . رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ النَّارِ وَعَذَابٍ فِي الْقَبْرِ.

.6اَللَّهُمَّ بِكَ أَصْبَحْنَا، وبِكَ أَمْسَيْنَا، وَبِكَ نَحْيَا، وبِكَ نَمُوتُ وَاِلَيْكَ النُّشّورُ (ئاخشاملىرى «وإِلَيْكَ الْمَصِيرُ» دەپ ئوقۇلىدۇ).                           (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).          

.7اَللَّهُمَّ أَنْتَ رَبّيِ لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ، خَلَقْتَني وَأنَا عَبْدُكَ وَأنَا عَلَى عَهْدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ، أَعوُذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَاصَنَعْتُ، أبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَعَلَيَّ، وَأبُوءُ بِذَنْبِي، فَاغْفِرْ لِي، فَإنَّهُ لاَيَغْفِرُ الذُّنُوْبَ إلاَّ أنْتَ.

 .8اَللَّهُمَّ مَا أَصْبَحَ بِي (ئاخشاملىرى: «ماَ اَمْسَى بِي» دەپ ئوقۇلىدۇ) مِنْ نِعْمَةٍ أو بأحَدٍ مِنْ خَلْقِكَ، فمِنْكَ وَحْدَكَ لاَ شَرِيْكَ لَكَ، فَلَكَ الْحَمْدُ وَلَكَ الشُّكْرُ، ياَ رَبِّ لَكَ الْحَمْدُ كَماَ يَنْبَغِي لِجَلاَلِ وَجْهِكَ وَعَظِيْمِ سُلْطاَنِكَ.                                (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).

9. اَلَّلُهَّم عَافِنِي فِي بَدَنِي، اَللَّهُمَّ عَافِنِي فِي سَمْعِي، اَللَّهُمَّ عَافِنِي فِي بَصَرِي، لاَ إلۤهَ إلاَّ أَنْتَ، اَللَّهُمَّ إِنّيِ أَعُوْذُ بِكَ مِنَ الْكُفْرِ، وَالْفَقْرِ . اَللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوْذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ، لاَ إلۤهَ إلاَّ أَنْتَ.                                                                (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ)

.10﴿حَسْبِيَ اللهُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيْمِ.﴾

                                                                                         (يەتتە قېتىم ئوقۇلىدۇ).

.11بِسْمِ اللهِ الَّذِي لاَ يَضُرُّ مَعَ اِسْمِهِ شَيْءٌ فِي اْلأَرْضِ وَلاَ فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيْعُ العَلِيْمُ.

  (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).

12. رَضِيْتُ بِاللهِ رَبّاً، وَباْلإِسْلاَمِ دِيْناً، وَ بِنَبِيِّناَ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نَبِيّاً وَرَسُولاً.

                                                                                        (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).

13.سُبْحَانَ اللّهِ وَبِحَمْدِهِ عَدَدَ خَلْقِهِ، وَرِضَا نَفْسِهِ، وَزِنَةَ عَرْشِهِ وَمِدَادَ كَلِمَاتِهِ.

                                                                                      (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).

14. لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَشَرِيْكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ.

                                                                                     (10 قېتىم ئوقۇلىدۇ).

15. أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّاتِ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ.

يۇقىرىقى زىكىر ۋە دۇئالارنىڭ تەرجىمىسى

1. )بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر؛ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى، كەينىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن ئاللاھ ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ مەلۇماتى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان-زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر(([1])

2.)ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ(([2])

3.)‹مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، سۈبھىنىڭ رەببى ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن› دېگىن(([3])

4.)‹ئىنسانلارنىڭ رەببى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى ئاللاھقا سېغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن› دېگىن(([4])

5. «بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، بارچە پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ بولغان ھالدا تاڭ ئاتتى، (بىز كەچ قىلدۇق، بارچە پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ بولغان ھالدا كەچ كىردى)، پۈتۈن ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەممە نەرسىگە كۈچى يەتكۈچىدۇر. رەببىم! بۇ كۈننىڭ ۋە كېيىنكىسىنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيمەن، (بۇ كېچىنىڭ ۋە كېيىنكىسىنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيمەن)، ساڭا سېغىنىپ بۇ كۈننىڭ ۋە كېيىنكىسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، (بۇ كېچىنىڭ ۋە كېيىنكىسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن). رەببىم! ساڭا سېغىنىپ ھۇرۇنلۇقتىن، قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. رەببىم! ساڭا سېغىنىپ دوزاختىكى ئازابتىن ۋە قەبرىدىكى ئازابتىن پاناھ تىلەيمەن»([5])

6. «ئى ئاللاھ! ئەتىگەندە سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن تۇردۇق، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن كەچلىدۇق، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ياشايمىز ۋە سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ئۆلىمىز، توپلىنىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر. (قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ تەرىپىڭدۇر)»([6])

7. «ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىمسەن، سەندىن باشقا مەبۇد يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭ، مەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق مەندىن ئالغان) ئەھدەڭنى ۋە ۋەدەڭنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن. ساڭا سېغىنىپ ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. ماڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭنى تونۇيمەن ۋە گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن بۆلەك مەغپىرەت قىلغۇچى يوقتۇر»([7])

8. «ئى ئاللاھ! ماڭا ياكى بەندىلىرىڭدىن بىرەرسىگە ئەتىگەندە ( ھەمدە ئاخشامدا) ئاتا قىلىنغان قانداقلا بىر نېمەت بولمىسۇن، ئۇ چوقۇم سېنىڭدىندۇر. سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، ھەمدۇ-سانا ۋە شۈكۈر پەقەت ساڭىلا خاستۇر. ئى رەببىم! سېنىڭ پادىشاھلىقىڭنىڭ كاتتىلىقى ۋە مەرتىۋەڭنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق كېلىدىغان ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر»([8])

9. «ئى ئاللاھ! بەدىنىمنى ساق قىلغىن. ئى ئاللاھ! كۆزۈمنى ساق قىلغىن. ئى ئاللاھ! قۇلىقىمنى ساق قىلغىن. ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ئىلاھىي مەبۇد يوقتۇر. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ كۇفۇرلۇقتىن ۋە پېقىرلىقتىن پاناھ تىلەيمەن، قەبرى ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن. ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر»([9])

10.«ئاللاھ ماڭا كۇپايىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا يۆلەندىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشىنىڭ رەببىدۇر»([10])

11. «نامىنى ئاتىغان كىشىگە ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»([11])

12. «ئىگەم ئاللاھ، دىنىم ئىسلام، پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدىم»([12])

13. «ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ مەخلۇقاتلىرىنىڭ سانىچە، ئەرشىنىڭ زىننەتلىرىچە، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يېزىشقا يېتەرلىك سىياھلارغىچە ۋە ئۆزى مەمنۇن بولغىچە ھەمدۇ-ساناغا لايىقتۇر»([13])

14. «يالغۇز بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق. پادىشاھلىق، ھەمدۇ سانا ئۇنىڭغىلا خاستۇر. ئۇ ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى زاتتۇر»([14])

15. «ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرىگە سېغىنىپ مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن»([15])

([1]) 2- سۈرە بەقەرە 255 ـ ئايەت.
([2]) 112- سۈرە ئىخلاس.
([3]) 113- سۈرە فەلەق.
([4]) 114- سۈرە ناس.
([5]) ئىمام مۇسلىمنىڭ « صحيح مسلم» ناملىق ھەدىس توپلىمى « كتاب الذِّكْرِ وَالدُّعَاءِ وَالتَّوْبَةِ وَالِاسْتِغْفَارِ » 4-توم، 2089-بەت، 2723-ھەدىس.

 
 ([6]) ئىمام تىرمىيزىنىڭ « سنن الترمذي» ناملىق ھەدىس توپلىمى « أَبْوَابُ الدَّعَوَاتِ عَنْ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ  » 5-توم،333-بەت،3391-ھەدىس.
 ([7]) ئىمام بۇخارىنىڭ « صحيح البخاري» ناملىق ھەدىس توپلىمى« كِتَابُ الدَّعَوَاتِ » 8-توم،67-بەت، 6306 –ھەدىس.
 ([8]) ئىمام ئەبى داۋۇدنىڭ « سنن ابي داود» ناملىق ھەدىس توپلىمى«  أَبْوَابُ النَّوْمِ » 4-توم،318-بەت،5073 –ھەدىس.
([9])ئىمام ئەبى داۋۇدنىڭ « سنن ابي داود» ناملىق ھەدىس توپلىمى « أَبْوَابُ النَّوْمِ »  4-توم،324 -بەت،5090 –ھەدىس.
([10]) 9- سۈرە تەۋبە 129 ـ ئايەت
 ([11]) ئىمام ئەھمەدنىڭ « مسند أحمد» ناملىق ھەدىس توپلىمى 1-توم، 515-بەت، 474 –ھەدىس.
 ([12]) ئىمام ئەھمەدنىڭ « مسند أحمد» ناملىق ھەدىس توپلىمى 31-توم، 302-بەت، 18967 –ھەدىس.
 ([13]) ئىمام مۇسلىمنىڭ «  صحيح مسلم » ناملىق ھەدىس توپلىمى « كتاب الذِّكْرِ وَالدُّعَاءِ وَالتَّوْبَةِ وَالِاسْتِغْفَارِ » 4-توم،2090-بەت،2726-ھەدىس.
 ([14]) ئىمام ئىبنى ماجەنىڭ «سنن إبن ماجة» ناملىق ھەدىس توپلىمى «كِتَابُ الْأَدَبِ» 2-توم، 1248-بەت، 3798 –ھەدىس.
 ([15]) ئىمام مۇسلىمنىڭ « صحيح مسلم» ناملىق ھەدىس توپلىمى « كتاب الذِّكْرِ وَالدُّعَاءِ وَالتَّوْبَةِ وَالِاسْتِغْفَارِ » 4-توم،2080-بەت، 2708-ھەدىس.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار