ئىسلام دىنى

ئىسلام دىنى
مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىسلام — ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇش، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئەمرىگە تاپشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ خاھىشىغا مۇۋاپىقلاشقان ھالدا ھايات كەچۈرۈش دېگەنلىكتۇر. «ئىسلام» دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدىكى تىنچلىق، ئامانلىق مەنىسىدىكى «سالام» دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ماھىيىتىدە دۇنياغا، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتقا تىنچلىق ۋە ئامانلىق ئېلىپ كەلگەن دىندۇر. ئۇ يەنە ئىنسانلارنىڭ ئىككىلا ئالەملىك بەخت-سائادىتىگە كېپىللىك قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى ئاشۇ بەخت-سائادەتكە يېتەكلەيدىغان دىندۇر.

ئىسلام دىنى كىشىلەرنى بۇ دۇنيادا كۈچلۈك، ئەزىز، قەدىر-قىممەتلىك ۋە ئۆز-ئۆزىگە خوجايىن بولۇپ ھايات كەچۈرۈشكە، ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ جەننىتىگە لايىق بولۇشقا ئېلىپ بارىدىغان، بۇ يولدا ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە، جاپادىن قورقماي ئىشلەشكە، ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەشكە، نادانلىق، ھورۇنلۇق، ئىرادىسىزلىك دېگەندەك ناچارلىقلاردىن قۇتۇلۇشقا قاتتىق تەشەببۇس قىلىدىغان ئىلغار دىندۇر.

ئىسلام دىنى مىللەتلەرنى ئاجىزلىقتىن كۈچلۈلۈككە، يوقسۇللۇقتىن بايلىققا، خارلىقتىن ئەزىزلىققا ئېلىپ چىقىش كۈچىگە ئىگە دىن بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەبلەر بۇنىڭ مىسالى. چۈنكى ئەرەبلەر ئىسلامدىن ئىلگىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە نامرات، ئىجتىمائىي جەھەتتە تارقاق، سىياسىي جەھەتتە ئۇرۇشقاق بىر مىللەت ئىدى. ئۇلار ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر كۆزگە ئېلىپ كەتمەيدىغان، ھەمىشە قوشلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئاجىز بىر قەۋم ئىدى. ئەمما ئۇلار ئىسلام دىنىىڭ كېلىشى بىلەن ۋەھيىنىڭ تەربىيەسىدە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە تۈپتىن ئۆزگەردى ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان زور كۈچكە ئايلاندى. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بولغان قاراخانىيلارمۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئسىيادىكى كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرالىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب باشچىلىقىدىكى مۇنەۋۋەر ئالىملارنىڭ سايىسىدا ئىسلام دىنىنى توغرا چۈشەنگەن ۋە كىشىلىك ھەم ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئۇنى توغرا ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئىدى.

ئىسلامنىڭ غايىسى
ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتنى تۈرلۈك خۇراپاتلاردىن ۋە ھەرخىل خورلۇق ھەم ئېزىلىشلەردىن ئازات قىلىپ، ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى كۆتۈرۈش ۋە ئىززىتىنى قوغداش، شۇنداقلا ھاياتىنى رەتكە سېلىش ئارقىلىق ئۇنى بەختلىك قىلىشنى غايە ۋە مەقسەت قىلغان  دىندۇر. بۇ مەنە قادىسىيە غازىتى جەريانىدا ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ قوماندىنى سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس تەرىپىدىن شۇ ۋاقىتتىكى ئىرانلىقلارنىڭ ھەربىي قۇماندىنى رۇستەمگە ئەۋەتىلگەن ئەلچى رەبىئە ئىبنى ئامىرنىڭ سۆزىدە تېخىمۇ  تولۇق ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇ رۇستەمگە مۇنداق دېگەن: «بىز پەقەت ئىنسانلارنى ئىنسانلارغا چوقۇنۇشنىڭ خورلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتەك ئەزىزلىققا ۋە دىنلارنىڭ جەۋر-زۇلۇملىرىدىن ئازات قىلىپ ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە چىقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق» دېگەن.([1])

ھەبەشىستان (ھازىرقى ئېپوئېپىيە)پادىشاھى نەجاشىغا ئەۋەتىلگەن ئەلچى جەئفەر ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەجاشىنىڭ ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئىسلام دىنىنىڭ غايىسى تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنگەن. ئۇ مۇنداق دەپ نۇتۇق سۆزلىگەن: «ئى پادىشاھىم! بىز بۇتلارغا چوقۇنىدىغان، زىنا - پاھىشە قىلىدىغان، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىققا رىئايە قىلمايدىغان، كىشىلەرنى قۇل قىلىدىغان، ھارامنى يەيدىغان، كۈچلۈكلىرىمىز ئاجىزلىرىمىزنى بوزەك قىلىدىغان بىر قالاق مىللەت ئىدۇق. بىزگە بىز نەسىبىنى، راستچىللىقىنى، ئىپپىتىنى ۋە ئەمىنلىكىنى ياخشى بىلىدىغان بىر پەيغەمبەر كەلدى. ئۇ بىزنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگىلا ئېتىقاد ۋە ئىبادەت قىلىشقا، راست سۆزلەشكە، ئامانەتكە ئىشەنچلىك بولۇشقا، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا سىلە - رەھىم قىلىشقا، قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشكە، ھارامدىن يىراق تۇرۇشقا، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بىزنى زىنا - پاھىشىدىن، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن، يېتىملارنىڭ مال - مۈلكىنى يېۋىلىشتىن، ئىپپەتلىك ئاياللارغا قارا چاپلاشتىن ۋە بارلىق يامانلىقلاردىن مەنئى قىلىدۇ. ئۇ يەنە بىزنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، روزا تۇتۇشقا ئەمر قىلىدۇ.»([2])

ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلار ئارا مۇناسىۋىتىنىڭ قايسى شەكىلدە بولىدىغانلىقىنى ۋە قانداق قىلغاندا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن ھەم شۇنىڭ يولىنى روشەن قىلىپ سىزىپ بەرگەن. شۇڭا ئىسلام دىنىنىڭ تەلىماتلىرى ۋە قانۇن - تۈزۈملىرى ھاياتلىق ساھەلىرىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ تولۇق قىلىپ بېكىتىلگەن.

توماس كارلايل([3]) مۇنداق دەپ يازغان: «چۆلدە ياشايدىغان، ھەممە تەرەپتىن ئارقىدا قالغان ئەرەب مىللىتىگە بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇلار ئىلىم - ئىرپاندا دۇنيانىڭ قىبلىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەرەبلەر بۇرۇنقى ئاجىزلىقىدىن كۈچلەندى، سان جەھەتتىكى ئازلىق كۆپەيدى، خورلۇقتىن ئەزىزلىققا ئېرىشتى. چارەك ئەسىر ئۆتمەستىن، دۇنيا ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە ئىلىم - مەرىپىتى بىلەن گۈللىنىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئەرەبلەر ئىسلامدىن ئىلگىرى ئاياللارنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمەيتتى. ئىسلامدىن كېيىن، ئاياللارنى ھۆرمەتلەشتە دۇنيا خەلقىگە ئۈلگە بولۇپ قالدى. ئەرەبلەر ئىسلام دىنىنىڭ سايىسىدا ئادالەتنى سۆيىدىغان، ئىنسانلارغا يول كۆرسىتىدىغان، زۇلۇمغا قارشى تۇرىدىغان، ئاجىزلارنى يۆلەيدىغان پەزىلەتلىك ئىنسانلارغا ئايلىنىپ قالدى. بىر قانچە ئون يىل ئىچىدىلا ئەمەلگە ئاشقان مۇنداق جىددىي ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى. گويا ئەرەبلەرنىڭ قەلبىگە پەرىشتىلەر چۈشۈپ يەرلەشكەن ۋە ئۇلارنى جىمى ياخشى ئىشلارغا ئۈندەپ، يامان ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرغان.»

«ئىسلام دېمەك ـ كەم ـ زىيادە قىلىشقا بولمايدىغان، ھەتتا بارماقلار بىلەن سانىغىلى بولىدىغان ئازغىنە ئىبادەت دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئىسلام  ئىنساننى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە سالاھىيەتلىك قىلىش بولۇپ، مۇسۇلمان بولۇش دېگەنلىك ئىنساننىڭ ھاياتتىكى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە تولۇق سالاھىيەتلىك بولۇشى دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: بىرەر زاۋۇتنى ياسىماقچى بولغان ئېنژىنېر ئۇ زاۋۇتتىن ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى كۆزدە توتماستىن، بەلكى بۇ زاۋۇتنىڭ ھەمىشە ئىشلەپ چىقىرىشقا سالاھىيەتلىك بولۇشىنى كۆزدە تۇتىدۇ.

ئايروپىلاننىڭ سالاھىيىتى _ ئۇنىڭ ئۇچۇش ئۈچۈن ھازىر بولۇشى، قەلەمنىڭ سالاھىيىتى _ يېزىش ئۈچۈن ھازىر بولۇشى، ئىنساننىڭمۇ ئەمەل ـ ئىبادىتىنىڭ ھەمىشە ئاللاھ تائالاغا يارايدىغان دەرىجىدە بولۇپ، قوبۇل بولۇشى پەقەت ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ دۇرۇس بولۇشى بىلەن بولىدۇ. ئىنساننىڭ نىيىتى ھەر ئىشتا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت بولىدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتتىكى پۈتۈن ئىشلىرى ئۆزلىكىدىن ئىبادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. پۇل چىقىرىدىغان زاۋۇتمۇ ئۇنىڭغا كىرگەن قىممەتسىز خام ئەشيالارنى قىممەتلىك پۇل قىلىپ چىقىارغىنىدەك، ئىنساننىڭ نىيىتى سالاھىيەتلىك بولسا، ئۇنىڭ ھاياتتىكى پۈتۈن ئىشلىرى كاتتا ئىبادەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ»([4]).

([1]) بۇ قىسسە «البداية والنهاية» ۋە«تاريخ الطبري»ناملىق كىتابلاردا بايان قىلىنغان.
([2]) دوكتور راغىب سەرجانىنىڭ لېكسىيەسىدىن.
([3]) توماس كارلىلنىڭ «باتۇرلار» ناملىق ئەسىرى 1940- بەت، توماس كارلىل (1795-1881) مەشھۇر ئېنگىلىز يازغۇچىسى.
([4])مەرھۇم  ئۇستاز مۇھەممەد غەززالىيينىڭ  «هذا ديننا» (بۇ بىزنىڭ دىنىمىز) ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار