سائادەتنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ

سائادەتنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ

مۇھەممەد يۈسۈپ

سائادەت — ئىچىڭىزدىن كەلگەن رازىمەنلىكنى ھېس قىلىشىڭىزدۇر.

ئەگەر سىز ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردىن مەمنۇن بولمىسىڭىز ۋە ھەمىشە ئۇلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرسىڭىز، شۇنى بىلىڭكى، سىز ئۆزىڭىزنىڭ سائادىتىنى باشقىلاردىن كۈتۈۋاتىسىز ۋە ئۇلاردىن سىزنى خۇشال قىلىشىنى، سىزگە ئەھمىيەت بېرىشىنى تەلەب قىلىۋاتىسىز. بۇ يەردىكى مۈشكۈل بىزنىڭ كۆزقارىشىمىزدا بولماقتا. چۈنكى، خۇشاللىقىمىز ۋە غەمكىنلىكىمىز ئۆزىمىزنىڭ قولىدىكى ۋە مەسئۇلىيىتىمىز دائىرىسىدىكى ئىشتۇر. شۇڭا ئۇنى باشقىلاردىن ئەمەس، ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز لازىم.

ئىچكى دۇنيايىڭىزنى كۈچلەندۈرۈڭ ۋە ئۇنى سەلبىي ئوي-پىكىرلەردىن قوغداڭ، ئۆزىڭىزنى سىرتتىن كىرىدىغان سەلبىي تەسىرلەردىن، ھېسسىياتىڭىزنى مەنىۋى ھالىتىڭىزنى تۆۋەنلىتىدىغان سەلبىي ئېنېرگىيەلەردىن قوغداڭ. سىز ئۆزىڭىزنى ۋە ھېسسىياتىڭىزنى قوغداپ تۇرغان ھالەتتىمۇ، باشقىلار سىزنى رەنجىتىپ قويسا، بۇ ئۇنىڭ مۈشكىلىسىدۇر.

سىز خۇشاللىقىڭىزنى ھەرگىز باشقىلارنىڭ سىز توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىغا ۋە كۆزقاراشلىرىغا باغلىۋالماڭ. چۈنكى، باشقىلار ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەرخىل كۆزقاراشلىرىنى ۋە ھېسسىياتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇڭا سىز خۇشاللىقنى ۋە سائادەتنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ.

 

 

سائادەت ئىچىڭىزدىن كېلىدۇ

بىز كۈنى ئىمام ئەھمەد باغدادنىڭ مەسجىدلىرىنىڭ بىرىدە قونۇپ قالماقچى بولىدۇ. لېكىن مەسجىدنىڭ قاراۋۇلى ئۇنىڭ مەسجىدتە ئوخلىشىغا يول قويمايدۇ، «مەن ياقا يۇرتتىن كەلگەن بىر مۇساپىر، قالىدىغان يېرىم يوق، بۇ كېچە قونۇۋالسام ئەتە كېتىمەن» دەپ چۈشەندۈرۈشىگە قارىماي، ئۇنى مەسجىدتىن چىقىرىۋېتىدۇ. ئىمام ئەھمەد نەگە بېرىشىنى بىلمەي كېتىۋاتقىنىدا، بىر ناۋاي يىگىت ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، ناۋايخانىسىغا ئەكىرىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «سىز مۇساپىر ئىكەنسىز، مېنىڭ ياتىقىمدا ئۇخلاڭ، مەن زادى بۇ سائەتتىن كېيىن ئۇخلىمايمەن، چۈنكى سەھەرگە ناننى ئۈلگۈرتمىسەم بولمايدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئەھمەد ناۋاي يىگىتنىڭ ياتىقىدا ياتىدۇ، ئەمما ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ ۋە يىگىتنى كۆزىتىدۇ. ناۋاي يىگىت ناھايىتى چاققانلىق بىلەن تۇرماستىن خېمىر بىلەن ھەپىلىشىدۇ، ئېغىزى بولسا مىدىرلاپلا تۇرىدۇ. ئىمام ئەھمەد ئۇنىڭدىن «سىز نېمە ئوقۇۋاتىسىز؟» دەپ سورايدۇ. يىگىت «ئاللاھقا زىكىر ئېيتىۋاتىمەن» دەيدۇ. ئىمام ئەھمەد ئۇنى سىناش ئۈچۈن «ياخشى ئادىتىڭىز بار ئىكەن. بۇ زىكىرلەرنىڭ پايدىسىنى كۆردىڭىزمۇ؟» دەپ سورايدۇ. يىگىت «ئەلۋەتتە پايدىسىنى كۆرۈۋاتىمەن، ئاللاھتىن نېمىنى تىلىسەم شۇنى بەردى» دەيدۇ. ئىمام ئەھمەد «شۇنداقمۇ؟ ھەممىنى بەردىمۇ؟» دەپ سورايدۇ. يىگىت «ھەئە، ھەممىنى بەردى، پەقەت بىرلا تىلىكىم ئەمەلگە ئاشمىدى» دەيدۇ. ئىمام ئەھمەد «قايسى تىلەكتى ئۇ؟» دەيدۇ. يىگىت «باغدادتا ئىمام ئەھمەد دەيدىغان بىر كاتتا ئۆلىما زات بارمىش، ئەمما ئۇ زاتنىڭ قايسى جايدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئاللاھتىن شۇ زاتنى ماڭا كۆرسىتىشىنى تىلىگەن ئىدىم، بۇ تىلىكىم ئىجابەت بولمىدى» دەيدۇ. ئىمام ئەھمەد «تىلىكىڭىز ئىجابەت بولدى، مەن ئىمام ئەھمەد بولىمەن» دەيدۇ. يىگىت خۇزاللىقتىن ئىمام ئەھمەدنى چىڭ قۇچاقلايدۇ ۋە «مەن ئارمىنىمغا يەتتىم! مەن ئارمىنىمغا يەتتىم!» دەپ ۋارقىرىۋېتىدۇ. سائادەت مانا مۇشۇدۇر.

 

سائادەت بېغىشلاشتىن كېلىدۇ

بىر باي بار بولۇپ، ھېچنەرسىدىن خۇزال بولالمايدىكەن. ئۇ ئۆزىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ھەر نەرسىنىڭ ئەڭ يېڭى چىققىنىنى ۋە ئەڭ قىممەتلىكىنى ئالىدىكەن، ئەڭ ساپالىق تۇرمۇش ئۆتكۈزىدىكەن. يەنىلا خۇشال بولالمايدىكەن. بىر كۈنى بىر دوستىغا ئەھۋالىنى ئېيتقاندىن كېيىن، دوستى ئۇنىڭغا «سائادەت بېغىشلاشتا بولىدۇ، دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. ئەگەر خالىسىڭىز مېيىپ بالىلار مەركىزىگە بېرىپ، ئاشۇ بالىلارغا بىرەردىن توكلۇق ھارۋا ئېلىپ بەرسىڭىز خۇشال بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن» دەپ مەسلىھەت كۆرسىتىدۇ. باي ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە 400 دانە مېيىپلار ھارۋىسى سېتىۋېلىپ، مېيىپ بالىلار مەركىزىگە ھەدىيە قىلىدۇ ۋە ھارۋىلارنى بالىلارغا ئۆزى تارقىتىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئانچە خۇشال بولۇپ كەتمەيدۇ. باي قايتاي دەپ تۇرغاندا بالىلاردىن بىرى ئۇنىڭ پۇتىغا يامىشىپ تۇرۇپ چىرايىغا سىنچىلاپ قارايدۇ. باي «بالام، بىرەر ھاجىتىڭىز بارمىدى؟» دەپ سورايدۇ. بالا «ياق ئەپەندىم، مەن سىز ئۈچۈن رەببىمگە دۇئا قىلماقچى ئىدىم. شۇڭا دۇئادا سىزنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلىشىم ئۈچۈن سىزنى ئوبدانراق تونۇۋالاي دېدىم» دەيدۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان باي قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ ۋە خۇشاللىقتىن يىغلاپ سالىدۇ. ئۇ ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋېلىپ بالىلاردىن ئايرىلىدۇ. كېيىن دوستىغا ئۆز خۇشاللىقىنى بايان قىلىپ «مەن ئاشۇ لەھزىدىكى سائادىتىمنى پۈتۈن بايلىقىمنى بېرىپ سېتىۋېلىشقا ھازىر ئىدىم» دەيدۇ. مانا سائادەت دېگەن ئاشۇدۇر.

ئىبرەت

—    سائادىتىڭىزنى ۋە خۇشاللىقىڭىزنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ ۋە ئۇنى ئىچىڭىزدىن چىقىرىڭ. چۈنكى، سائادەت سىرتتىن ئىمپورت قىلىنمايدۇ.

—    ئۆزىڭىزدىكى نېمەتلەرنى ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى ھېس قىلىشقا تىرىشىڭ. چۈنكى، بۇ سىزنى خۇشال قىلىدۇ.

—    كۆپ شۈكۈر قىلىڭ. چۈنكى، شۈكۈر نېمەتنى كۆپەيتىدۇ ۋە خۇشاللىقنى ئاشۇرىدۇ.

—    ھەقىقىي خۇشاللىقنىڭ ئېلىشتا ئەمەس، بەلكى بېرىشتە ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماڭ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار