قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمىسى ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىم

قۇرئان كەرىمنىڭ يېڭى تەرجىمىسى ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىم


دوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ داموللاھاجىم تەرىپىدىن تەييارلانغان، تاللانغان سەرخىل ئۆلىمالار گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئالاھىدە ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن يېڭى تەرجىمىسىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. ئاللاھ ئۇستازغا ۋە بۇ خىزمەتكە ئۆزىنى ئاتىغان بارلىق قېرىنداشلارغا ئىككى دۇنيالىق ئەجىر-مۇكاپات ئاتا قىلسۇن ۋە بۇ تەرجىمىنى مىللىتىمىز ئۈچۈن خەيرلىك ۋە بەرىكەتلىك قىلىپ بەرسۇن.
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم تەرپىدىن 1986-يىلى تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ كەڭ تارقالغان بولۇپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالاھىدە سۈيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەنىدى. شۇڭا يېڭى تەرجىمە چىققاندىن كېيىن، بەزى قېرىنداشلار ئارىسىدا «مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمنىڭ تەرجىمىسى يەتمەمدۇ؟ باشقا ئىش قىلسا بولمامدۇ؟ كونا تەرجىمىنىڭ قانداق نوقسانلىرى باركەن» دېگەندەك پىكىرلەر بولدى. شۇڭا بۇ ھەقتە ئۆزۈمنىڭ بىلگەنلىرى ۋە ھىس قىلغانلىرىنى ھەرقايسىڭلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.
1. ئالدى بىلەن شەخىس نوقتىسىدىن مەن مۇھەممەد يۈسۈپ داموللاھاجىمنى نېمىنىڭ مۇھىم ئەمگەك، نېمىنىڭ ئەمگەك تەكرارلىقى ئىكەنلىكىنى راۋۇرۇس ئايرىيالىغۇدەك سەۋىيەدىكى دىننىي ئالىمىمىز دەپ قارايمەن. دەرۋەقە مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ دىننى ئالىملىرىمىزدىن بىرى. ئەمما مۇھەممەد يۈسۈپ داموللاھاجىمنىڭ ئىلمى خىزمەتلىرىنىمۇ ئالدىنقىسىدىن قېلىشمىغۇدەك، ھەتتا ئېشىپ كەتكۈدەك دېيىشكە بولىدۇ. ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ ھازىرغىچە 30 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ، گېزىت ژورنال ۋە تورلاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرى مۇھەممەد يۈسۈپ داموللاھاجىمنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا ئەڭ كۆپ مول ھوسۇللۇق دىنىي ئۇستاز دەپ باھالايدۇ. پەقەت ئۇ 1986-يىلىدىن بىرى ئاساسەن چەتئەلدە بولغانلىقى سەۋەپلىك ۋەتەن ئىچىدىكى شۆھرىتى مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمغا يەتمەسلىكى مۇمكىن. شەخسەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن ئۇستازنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تەخمىنەن 2006- يىللىرى تۇنۇشقان. ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇستازنى مۇھەممەد قۇتۇپ، يۈسۈپ قەرداۋىي...قاتارىدا ئەرەپ ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. چۈنكى شۇ ۋاقىتلاردا ئىسلامىي ئەسەرلەرنى ئەرەپچە ياكى باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلالىغانلار مەن ئۈچۈن ئەڭ كاتتا دىننى ئالىم ھېساپلىناتتى. ئۇيغۇر تىلىدا بىۋاستە ئىسلامى ئەسەر ۋە كىتابلارنى يېزىش دېگەننى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. كېيىن باشقىلاردىن ئۇستازنى «قازاقىستانلىق ئۇيغۇركەن» دەپ ئاڭلىدىم. بۇنىڭغا ئۇستازنىڭ قازاقىستانغا پىدائىي دەۋەتچى سۈپىتىدە بېرىپ، شۇ يەردە ئۇزۇن يىل دىننى دەۋەت خىزمىتى ئېلىپ بارغانلىقى ئاساسلىق سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن. ئۆزى بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل ناھىيەلىرىدىن بىرى كېرىيەدىن ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
2. قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ يېڭى تەرجىمىسى تۇنجى بولۇپ 2019- يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئەگەر بۇ دىننى جەھەتتىن ئىختىلاپقا سەۋەپ بولىدىغان بىر ئىش بولسا ئىدى، بۇنىڭغا دىننى ئۆلىمالىرىمىز ئالدى بىلەن قارشى چىقىپ رەددىيە بەرگەن بولاتتى. ئەكىسچە بۇنى ئەڭ قوللىغان ۋە تېخىمۇ سۈپەتلىك قىلساق بولاتتى دېگەنلەر ئۆلىمالار بولدى ۋە ھازىرغىچە بىرەر نۇپۇزلۇق ئۆلىمانىڭ بۇنىڭغا قارشى بايانىتىنى كۆرۈپ باقمىدىم. بۇنداق دېسەم، «بىزنىڭ ئۆلىما بولامدۇ، زىيالى بولامدۇ سەرخىللىرىمىزنىڭ ھەممىسىلا ۋەتەندە قالغان» دېگەنگە ئوخشىغان ئۆز-ئۆزىنى چۈشۈرۈش شوئارلىرى چىقىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ھازىر چەتئەلدە ياشاۋاتقان، ۋەتەندە ياكى چەتئەلدە بولسۇن دىننىي خىزمەتلەرگە ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن، شۇنداقلا ۋەتەندە خەلقىمىزنىڭ چىن قەلبىدىن قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن ئۆلىمالىرىمىز ئاز ئەمەس. ئاددىي بىر مىسال بەرسەم، بۇ قېتىملىق تەرجىمىنىڭ تۈزىتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىمنى خوتەن خەلقى شۇ قەدەر چوڭ بىلەتتىكى يېرىم سائەتلىك تەبلىغىنى ئاڭلىۋېلىش ئۈچۈن نەچچە ئون كىلومېتىر مۇساپىنى باساتتى. مەنمۇ «خەلپەت ھاجىم ئەتە بامداتتىن كېيىن لوپتا تەبلىغ قىلىدىكەن» دەپ ئاڭلاپ قەھرىتان قىشتا تاغام بىلەن شۇ سورۇنغا بىللە بارغىنىم ۋە بارغان چېغىمىزدا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن پۇتنى قويغىلى يەر قالماي قالغىنى ئېنىق ئېسىمدە.
3. ئەمدى بۇ تەرجىمىنىڭ نېمە سەۋەپتىن روياپقا چىققانلىقىغا كەلسەك، ئۇستاز 20 نەچچە يىلدىن بىرى ئىسلام دۇنياسىدىكى نۇپۇزلۇق تەپسىرلەر ئاساسىدا 10 توملۇق بىر ئۇيغۇرچە تەپسىر كىتابى تەييارلاۋاتقان بولۇپ، ئىنشائاللاھ بۇ تەپسىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ بىباھا ئەڭگۈشتەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغۇسى. تەپسىرنىڭ دەسلەپكى ئورگىنالى پۈتۈپ بولغىلى نەچچە يىللار بولغان بولسىمۇ، ئۇستاز ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى شەكىلدە نەشىر قىلىنىشى ئۈچۈن توختىماي پىششىقلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ تەپسىر ئاساسلىقى ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسى، ئومۇمى مەزمۇنى ۋە مۇھىم نوقتىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىلىشىمچە ئۇستاز ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسىنى قويىدىغان ۋاقىتتا مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم قىلغان تەرجىمىدە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. بۇلارنى يېڭى تەرجىمىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن بولغاچقا، بۇ يەردە توختىلىپ ئۆتۈشنىڭ زۈرۈرىيتى يوق دەپ قارىدىم. مېنىڭچە بۇ يېڭى تەرجىمىنىڭ چىقىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل دەپ قارايمەن.
ئاخىرىدا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ يېڭى تەرجىمىگە نىسبەتەن ئىجابى رەۋىشتە قارىشىنى، بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ قەدرىگە يېتىشىنى ۋە ياخشى پايدىلىنىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار