ئائىلە سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەنلا ياشنايدۇ

ئائىلە سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەنلا ياشنايدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

{وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُم مِّنْ أَنفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِّتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُم مَّوَدَّةً وَرَحْمَةً ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ} «ئاياللار بىلەن ھۇزۇر ۋە ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن يارىتىپ، ئاراڭلاردا مېھىرـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى  ئاللاھنىڭ (چەكسىز قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا مۆجىزىلەر بار»[1].

بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر ئائىلە مېھر- مۇھەببەت ۋە سەمىمىي ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. ئەمما بەزى ئەر- ئاياللارنىڭ ئاڭسىزلىقى، دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلماسلىقى، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇماسلىقى، بىر-بىرىنىڭ قىممىتىنى بىلمەسلىكى ۋە بىر-بىرىگە قارىتا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەق-ھوقۇقلارنى ئادا قىلماسلىقى سەۋەبلىك بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قەلبىدىن رەھىم-شەپقەت بىلەن مېھىر- مۇھەببەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن، جەننەت بولۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئائىلە دوزاخقا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەر بىلەن ئايال يا بەختسىز تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياكى ئاجرىشىپ پەرزەنتلىرىنى يېتىم قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

تۇرمۇش قۇرۇپ بىر ئائىلىنى تەسىس قىلىش كاتتا مۆجىزىدۇر. چۈنكى بىر-بىرى بىلەن ياشاپ باقمىغان، بىللە چوڭ بولمىغان، ھەتتا بىر-بىرىنى كۆرۈپ باقمىغان ۋە تونۇمايدىغان، بىر ئەر بىلەن بىر ئايالدىن ئىبارەت ئىككى يات ئىنسان بىر-بىرىگە ئۆيلىنىش ئارقىلىق دۇنيادا بىر-بىرىگە ئەڭ يېقىن، ئەڭ ئامراق ۋە ئەڭ سەمىمىي ھايات شېرىكلىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار شۇنداق شېرىكلەرگە ئايلىنىدۇكى، ئۇلار مۇھەببىتىنى، بەخت- سائادىتىنى، مال-دۇنياسىنى ۋە بارلىق نەرسىسىنى بىر-بىرىگە ئاتاپ، تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ، ئەڭ يېقىن ئاتا-ئانىسىغا، قېرىنداشلىرىغا ئېيتمىغان  يۈرەك سۆزلىرىنى ۋە سىرلىرىنى بىر-بىرىگە ئېيتىشىدۇ.

سۆيگۈ-مۇھەببەت ئائىلىنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىدىن بىرىدۇر

سۆيگۈ-مۇھەببەت ئائىلىدە يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكتىن كېيىنكى ئەڭ ئاساسلىق ۋە زۆرۈر ئېھتىياجلاردىن بىرى بولۇپ، ئائىلە سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن ياشنايدۇ ۋە كۆكلەيدۇ. سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن سۇغىرىلمىغان ئائىلە قورغاق زېمىندەك مېۋىسىز، ھوسۇلسىز بولىدۇ. ئائىلىدە ئاتا – ئانىنىڭ بىر-بىرىگە مېھىر-مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ تۇرۇشى پەرزەنتلەرنىڭ مېھىر-مۇھەببەتكە، رەھىم-شەپقەتكە تويۇنغان ھالدا چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، پەرزەنتلەر بىزدە نېمە بولسا شۇنى ئالىدۇ، بىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىمىز قانداق بولسا ئۇلارمۇ شۇنداق يېتىشىدۇر. بىز ئۇلارنىڭ ئاپئاق پاك قەلبىگە نېمە سىزساق شۇنى كۆرىمىز. ئېتىزغا قوناق تېرىپ بۇغداي ئېلىشىمىز مۇمكىن بولمىغاندەك،  پەرزەنتلىرىمىزنىڭ پاك قەلبىگە ئۆچ – ئاداۋەت ۋە نەپرەتنى سېلىپ، ئۇنىڭدىن مېھىر-مۇھەببەتنى كۈتەلمەيمىز. پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، مېھىر-مۇھەببەت، كۆيۈمچانلىق ۋە دوستانىلىق ھۆكۈم سۈرگەن بىر ئائىلىدە يېتىشكەن بالىلار ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇپ چىقىدىكەن. زىددىيەتلىك، سۆيگۈ-مۇھەببەتسىز ئائىلىدە يېتىلگەن بالىلار ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق، ئۇرۇشقاق، جېدەلخور بولۇپ چىقىدىكەن. شۇڭا ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە مېھىر-مۇھەببەتنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈردۇر.  

ئائىلە بەدەلسىز سۆيگۈگە موھتاج

 بارچە جانلىقلارنىڭ ھاياتى سۇ بىلەن بولغاندەك، ئائىلىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ھۇزۇرى سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن بولىدۇ. ئائىلە ئەزالارنىڭ بىر-بىرىگە بېغىشلىشى ۋە بىر-بىرىنى شەرتسىز، بەدەلسىز سۆيۈشى بىلەنلا كۆڭۈللۈك داۋاملىشىدۇ. ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولغاندىلا ئۇنىڭ قىممىتى ۋە بەرىكىتى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ ھەم ساۋابقا ئېرىشىش ھەم سۆيگۈنىڭ لەززىتىنى تېتىش بىلەن قوش پايدىغا ئېرىشىدۇ.  ناۋادا سۆيگۈ-مۇھەببەت قارشى تەرەپتىن ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كۈتۈش نىيىتى بىلەن تەقدىم قىلىنغاندا، ئۇ خالىس بولماي قالىدۇ. نەتىجىدە، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلى رەنجىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار كۆپ ۋاقىتلاردا بىر-بىرىنىڭ سۆيگۈسىگە كۈتۈلگەن ۋاقىتتا ۋە كۈتۈلگەن دەرىجىدە جاۋاپ قايتۇرالماي قالىدۇ، ئاندىن رەنجىش، جېدەللىشىش قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ. ئەگەر ئەر-ئايال بىر-بىرىنى خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سۆيسە ۋە سۆيگۈسىنى شۇ نىيەت بىلەن ئىزھار قىلسا، ھەر ئىككىسى نەتىجىنى بىر-بىرىدىن كۈتمەيدۇ، پەقەت ئاللاھتىنلا كۈتىدۇ. بۇ چاغدا ھېچكىم ھېچكىمدىن رەنجىمەيدۇ. مانا بۇ ھەر ئىشنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشنىڭ پايدىسى ۋە شۇنداق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ھېكمىتىدۇر. بەدەلسىز ۋە شەرتسىز سۆيگۈنى كۆرۈشنى خالىغان ئادەم ئانىلارنىڭ پەرزەنت سۆيگۈسىگە قارىسا بولىدۇ. دۇنيادا شەك-شۈبھىسىز خالىس سۆيگۈ ئانىلارنىڭ سۆيگۈسىدۇر. چۈنكى ئۇلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن كۆيۈپ، پىشىپ، بارچە سۆيگۈسىنى ئاتايدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن بىرەر ياخشىلىق ياكى كىچىككىنە مۇكاپات كۈتمەيدۇ. پەقەت پەرزەنتلىرى بەختلىك بولسا ئۇلارنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ.

ئائىلە سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا موھتاج

بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «سىلەر بىراۋنى ياخشى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭغا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈپ قويۇڭلار»[2] دەپ كۆرسەتكەن. بىراۋنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئۇنى سۆز بىلەن بىۋاسىتە ئېيتىشتۇر. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق، بۇ ئارىدا يېنىمىزدىن بىر ئادەم ئۆتۈپ كېتىۋىدى، ئارىمىزدىن بىرەيلەن: ‹مەن ئاشۇ ئادەمنى ياخشى كۆرىمەن› دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويدۇڭمۇ؟› دېدى. ئۇ: ‹ياق› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹ئۇنداقتا، ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويغىن› دېدى. ئۇ ھېلىقى ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ: ‹مەن سېنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن› دېدى. ئاندىن ئۇ ئادەم: ‹سەن مېنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن ئىكەنسەن، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرگەي!› دېدى»[3].

پەيغەمبىرىمىزنىڭ شۇنداق ئېنىق ۋە روشەن تەلىماتى بار تۇرۇقلۇق، بىز ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماي كەلدۇق. بىز ئائىلە ئەزالىرىمىزنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى ۋە بارچە يېقىن كىشىلىرىمىزنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان تۇرۇپ، ئۇلارغا بۇ سۆيگىمىزنى بىلدۈرۈشكە، «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن سۆزنى ئېيتىشقا ئەھمىيەت بەرمەي كەلدۇق. نەتىجىدە، بىز مۇشۇ مۇھىم سۈننەتنى تەرك ئەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي تەمىنى تېتىيالماي كەلدۇق. بىز پەرزەنتلىرىمىزگە «ئوغلۇم! مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن»، «قىزىم! مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن يېقىملىق سۆزنى دېيىشكە بېخىللىق قىلىپ ياكى تارتىنىپ دېمىگەن ۋاقتىمىزدا، بۇ سۆزنى ئۇلارغا باشقىلار دەيدۇ، پەرزەنتلىرىمىز بىزدىن ئاڭلىمىغان بۇنداق چىرايلىق سۆزنى كوچىدىكىلەردىن، ھەتتا يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن، ئىپپەت-نومۇس ئاۋچىلىرىدىن ئاڭلايدۇ. بۇ ئەھۋالدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىشى ياكى ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار: «ئائىلەم مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەن» دەپ قېلىشى، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدىن يىراقلىشىپ كېتىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.

پەرزەنتلەر كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ھۆرمەتكە موھتاج

 ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە  رەزىيەللاھۇ ئەنھا قانداقلا چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرسە، ئۇنىڭغا ئورنىدىن تۇراتتى ۋە ئۇنى سۆيۈپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرغۇزاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچانلا فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرسە، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئورنىدىن تۇراتتى، ئۇنى سۆيەتتى، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلاتتى»[4]. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر كۈنى سەھرالىق ئەرەبلەردىن بىر قانچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ،  ‹سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارنى سۆيەمسىلەر؟› دەپ سورىۋى، مەجلىستىكىلەر: ‹ھەئە› دەپ جاۋاب بېرىشتى. ئاندىن ئۇلار: ‹ئەمما بىز پەرزەنتلىرىمىزنى سۆيۈپ باقمىدۇق› دېدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ‹ئاللاھ قەلبىڭلاردىن رەھىم-شەپقەتنى سۇغۇرۇۋەتكەن تۇرسا، مەن نېمە قىلالايمەن؟› دېدى»[5]. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەۋرىسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سۆيۈپ قۇيىۋىدى، ئەقرەئ ئىبنى ھابىس دېگەن كىشى بۇ ئىشقا ھەيرانلىقىنى ئىپادىلەپ: ‹مېنىڭ ئون بالام بار، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ سۆيۈپ باقمىدىم› دېدى. شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەمنىڭ تاش يۈرەكلىكىگە ئەجەبلىنىپ: ‹رەھىم _ شەپقەت قىلمايدىغانلار رەھىم _ شەپقەتكە ئېرىشەلمەيدۇ› دېدى»([6]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنڭ بالىلارنىڭ پىشانىسىگە ۋە ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقىغا سۆيۈپ، ئۇلارنى مەھكەم قۇچاقلاپ باغرىغا باسىدىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر كۆپ.

بالىلارنى سۆيۈش، ئۇلارنى قۇچاقلاپ باغرىغا بېسىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە خۇشاللىق بېغىشلاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە سۈننىتىدۇر. بىز مۇشۇنداق گۈزەل ئەخلاقنى ۋە مۇھىم بىر سۈننەت ئەمەلنى تەرك ئەتكەن تۇرۇقلۇق، يەنە ئۆزىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگەشكەن كىشىلەرمىز، دەپ راھەت دېيەلەيمىز. ھالبۇكى، ئۆزىمىزنىڭ پەيغەمبەرنىڭ يولىدىن قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىمىزنى بىلمەيمىز. چۈنكى بۇ گۈزەل ئەخلاقنى ھايات ساھەمىزگە كىرگۈزەلمەي كەلدۇق. بىزدە بۇ گۈزەل ئەخلاق ئومۇملاشمىغانلىقى ئۈچۈن، بىز سۆيگۈ-مۇھەببەتتىن مەھرۇم ھالدا چوڭ بولدۇق. بىز ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلىپ، ئەمدى سۆيگۈ-مۇھەببەتنى بېرەي دېگەن چېغىمىزدا، «كىشىلەر نېمە دەپ قالار» دېگەن قورقۇنچ سەۋەبلىك ئۇنى ئىزھار قىلىشقا پېتىنالماي كەلدۇق.

پەرزەنتلەر مەيلى قايسى ياشتا بولسۇن، ئۇلارغا چوڭلارغا قىلىدىغان مۇئامىلىنى قىلىشىمىز لازىم. بۇ ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك ۋە ئۇلارغا قىممەت بەرگەنلىكتۇر. چۈنكى ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا قىممەتلىك ۋە ھۆرمەتلىك ئىنسان. بالىلار ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنى ۋە ئائىلىدىكى ئېتىبارىنى بىلگەن ۋاقتىدا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ.

ئائىلە خۇش چىراي ئېچىشقا ۋە تەبەسسۇمغا موھتاج

   شەكسىزكى، تەبەسسۇم قىلىش، كىشىلەرگە ئوچۇق چىراي بىلەن سالام قىلىش كۆڭۈللەرنى خۇشال قىلىدىغان، دىللارغا ھۇزۇر ۋە بەخت-سائادەت بېغىشلايدىغان سېھىرلىك نەرسىدۇر. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خۇش چىراي ئېچىش ۋە تەبەسسۇم قىلىش بىلەن قەلبلەرگە كىرىش مۆجىزىسىنى ئۆگەتكەن. ئۇ كىشىلەرنى تەبەسسۇمدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشەببۇس قىلىپ: «مۇئمىن قېرىندىشىڭنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم قىلىشىڭنىڭ ئۆزىدە سەدىقىنىڭ ساۋابى»([7]) دەپ كۆرسەتكەن. تەبەسسۇمدىن ئىبارەت بۇ نېمەتتىن پايدىلىنىش ئەڭ ئاۋۋال ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ ھەققىدۇر. بىز تەبەسسۇم قىلىپ سەدىقە بەرگەننىڭ ساۋابىنى تېپىش ئۈچۈن، جورىمىزنى، پەرزەنتلىرىمىزنى، ئاتا-ئانىمىزنى، قېرىنداشلىرىمىزنى قويۇپ، تالادىن «مۇئمىن قېرىنداش» ئىزدەيمىزمۇ؟ مۇشۇلار «مۇئمىن قېرىنداش» ئەمەسمۇ؟

   تەبەسسۇمنىڭ شۇنداق مۆجىزىلىك سېھرى كۈچى شۇ قەدەر ئوچۇق تۇرسىمۇ، بەزى كىشىلەر ئۇلاردىن ھېچقانداق بەدەل تەلەپ قىلمايدىغان مۇشۇ بىر لەھزىلىك تەبەسسۇمغا بېخىللىق قىلىش بىلەن ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە ئەتراپىدىكىلىرىگە بەختسىزلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ شۇ بىر لەھزىلىك تەبەسسۇمغا بولغان بېخىللىقىدىن ئۇلارنىڭ چىشلىرىنى ئايلاپ، يىللاپ بېرەر قېتىم كۆرەلمەيسىز. ھەتتا ئۇلارنىڭ چىشلىرىنى ئەۋرەتمىكىن دەپ ئويلاپ قالىسىز. مۇنداقلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئېسىل ھەدىيەلىرىدىن مەھرۇم قالغان ۋە تەبەسسۇمدىكى مۆجىزىنى تونۇمىغانلاردۇر.

[1] رۇم سۈرىسى:21-ئايەت.
[2] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[3] ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
[4]  ئىمام نەۋەۋىي رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.
[5] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([6]) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى .
([7]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار