ناخشا-مۇزىكا توغرىسىدىكى شەرىئەت ھۆكمى

ناخشا-مۇزىكا توغرىسىدىكى شەرىئەت ھۆكمى
(يېقىندا نەشردىن چىقىشى كۈتۈلمەكتە بولغان «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق تەپسىردىن).

﴿ وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَشۡتَرِي لَهۡوَ ٱلۡحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ ﴾

 تەرجىمىسى

6 _ بەزى كىشىلەر نادانلىقتىن، (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ([1]). ئەنە شۇلارغا خارلىغۇچى ئازاب بار.

نازىل بولۇش سەۋەبى

﴿ وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَشۡتَرِي لَهۡوَ ٱلۡحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًاۚ﴾ دېگەن ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق ئىككى خىل رىۋايەت بار: بىرى، نەزر ئىبنى ھارىس ئىسىملىك كاپىر ئادەمنىڭ ئىراندىن ئەپسانىلەرنى سېتىۋېلىپ كەلگەنلىكى، يەنە بىرى، قۇرەيش قەبىلىسىدىن بىر كىشىنىڭ ناخشا ئېيتىدىغان بىر چۆرە (دېدەك) سېتىۋالغانلىقىدۇر([2]). ئەمما سەۋەب نېمە بولسا بولسۇن، ئايەتنىڭ ھۆكمى ئومۇملىقنى ئىپادىلەيدۇ.

تەپسىرى

«قۇرئان كەرىم» ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھىدايەت مەنبەسى، مۇئمىنلەر ئۈچۈن رەھمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ روشەن بايانلىرى ۋە ھېكمەتلىك ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىنسانلارغا ئۇلار دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلىرىدا ھاجەت بولىدىغان مەسىلىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ بەخت – سائادىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئەھكاملارنى ناھايىتى ئېنىق ۋە تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەن تۇرسىمۇ، بەزى كىشىلەر ئىنسانلارنى ئاللاھ تائالانىڭ دىندىن ئازدۇرۇش ۋە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن، بىھۇدە گەپلەرنى، ئەپسانىلەرنى ۋە خۇراپىي قىسسىلەرنى سېتىۋالىدۇ.

مۇپەسسىرلەر ﴿ وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَشۡتَرِي لَهۡوَ ٱلۡحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًاۚ﴾ دېگەن ئايەتتىكى ﴿ لَهۡوَ ٱلۡحَدِيثِ ﴾ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرۇلۇق ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئەللامە ئىبنى جەرىر تەبەرىي مۇنداق دېگەن: «ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما  بۇ سۆزگە ‹يالغان سۆز، ناخشا قاتارلىق نەرسىلەردۇر› دەپ مەنە ئېيتقان. مۇجاھىد ۋە ئىكرىمە ›ناخشا‹ دەپ مەنە ئېيتقان. زەھھاك ›شېرىك‹ دەپ مەنە ئېيتقان. يەنە بەزىسى ›داپ‹ دەپ مەنە ئېيتقان. بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ توغرا سۆز شۇكى، ﴿ لَهۡوَ ﴾ دېگەن سۆزدىن  كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسىدىغان، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتىن توسۇپ قويىدىغان ھەرقانداق بىھۇدە نەرسە مەقسەت قىلىنىدۇ.  چۈنكى، ﴿ لَهۡوَ ٱلۡحَدِيثِ ﴾ دېگەن سۆز مۇئەييەن بىر نەرسىگە قارىتىلغان سۆز بولماستىن، بارلىق بىھۇدە سۆزلەرنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇ سۆز خاسلىقنى بەلگىلەيدىغان بىرەر دەلىل كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئومۇملىقىدا قالىدۇ. بۇ سۆز ناخشا ۋە شېرىك سۆزلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»([3]). چۈنكى، ﴿ لَهۡوَ ٱلۡحَدِيثِ ﴾ دېگەن سۆزگە ئەرەب تىلىنىڭ قامۇسلىرىدا، «كۆڭۈلنى مەشغۇل قىلىدىغان، ۋاقىتنى ئالىدىغان ۋە ھېچبىر ياخشىلىق كەلتۈرمەيدىغان ھەرقانداق سۆزدۇر» دەپ مەنە ئېيتىلغان. «تەپسىرى مۇيەسسەر»دە بۇ سۆز «ئاللاھقا تائەت _ ئىبادەت قىلىشتىن مەشغۇل قىلىدىغان، ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان ھەرقانداق بىھۇدە ئىشتۇر»[4] دەپ تەپسىر قىلىنغان.

ئىسلام ئۆلىمالىرى ناخشا _ مۇزىكا ئاڭلاش مەسىلىسىدە ئىككى خىل قاراشتا بولۇپ، بەزىسى ھەرقانداق ناخشا _ مۇزىكىنى ھارام دەيدۇ، يەنە بەزىسى ناخشا _ مۇزىكىنى ئاڭلاشقا بولىدىغان ۋە ئاڭلاشقا بولمايدىغان ناخشا– مۇزىكىلار دەپ ئايرىيدۇ. ئاڭلاشقا بولىدىغان ناخشا _ مۇزىكىلار ئومۇمەن مەزمۇنى ساغلام، ئەنئەنىۋى ناخشىلاردۇر([5]) . ھەر قانداق ناخشا– مۇزىكىنى ئاڭلاش ھارام دەيدىغان ئۆلىمالارنىڭ ئاساسلىق دەلىلى بۇ ئايەت بىلەن قەسەس سۈرىسىدىكى مۇنۇ ئايەتتۇر: ﴿ وَإِذَا سَمِعُواْ ٱللَّغۡوَ أَعۡرَضُواْ عَنۡهُ وَقَالُواْ لَنَآ أَعۡمَٰلُنَا وَلَكُمۡ أَعۡمَٰلُكُمۡ سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمۡ لَا نَبۡتَغِي ٱلۡجَٰهِلِينَ ٥٥ ﴾ يەنى ﴿ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ: «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىزدىن سىلەرگە يامانلىق كەلمەيدۇ، بىز نادانلار بىلەن ئىزدشمەيمىز» دەيدۇ﴾([6]) .

بۇ ئىككى ئايەت ھەرقانداق ناخشا – مۇزىكىلارنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل بولالمايدۇ. چۈنكى، بىرىنچى ئايەت بىھۇدە گەپلەرنى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغۇچىلارنى سۆكىدۇ. شۈبھىسىزكى، مۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق. چۈنكى، كىشىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىش كاپىرلارنىڭ قىلىقىدۇر.

ئىككىنچى ئايەتمۇ ھەرقانداق ناخشا – مۇزىكىنىڭ مۇتلەق ھارام ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ. بۇ ئايەت ھەقىقىي مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئايەتتىكى ﴿ ٱللَّغۡوَ ﴾ دېگەن سۆز ناخشا – مۇزىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى بىھۇدە گەپ _ سۆز دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. ﴿ ٱللَّغۡوَ ﴾ دېگەن سۆز ﴿ لَّا يَسۡمَعُونَ فِيهَا لَغۡوٗا وَلَا كِذَّٰبٗا ٣٥ ﴾ يەنى ﴿ ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە گەپ ۋە يالغان سۆز ئاڭلىمايدۇ ﴾([7]) دېگەن ئايەتتىمۇ بىھۇدە گەپ _ سۆز دېگەن مەنىدە كەلگەن. يەنە ﴿ ٱللَّغۡوَ ﴾ دېگەن سۆز سەۋەنلىك بىلەن قىلىنغان قەسەمنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. ﴿٨٨ لَا يُؤَاخِذُكُمُ ٱللَّهُ بِٱللَّغۡوِ فِيٓ أَيۡمَٰنِكُمۡ ﴾ يەنى ﴿ئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ﴾([8]) دېگەن ئايەت بۇنىڭ مىسالى.

ئايەتتىكى ﴿ ٱللَّغۡوَ ﴾ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ناخشا – مۇزىكا دەپ چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ، ئايەتتە، ئۇنى ئاڭلاشتىن ئۆزىنى تارتىشنى ماختىغان، خالاس. بۇنىڭدىن ئۇنى ئاڭلاشنىڭ ھاراملىقى ئىپادىلەنمەيدۇ. ئىمام غەززالىي، ئىبنى ھەزم، ئىبنى نەھۋى قاتارلىق كاتتا ئۆلىمالار ناخشىلارنى پەرقلەندۈرمەي، ھەرقانداق ناخشىنى ئاڭلاش ھارام دېگۈچىلەرنىڭ دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن ھەدىسلىرىنىڭ ھېچقايسىسى دەلىل - پاكىت بولۇشقا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان([9]) .

 ﴿ لَهۡوَ ٱلۡحَدِيثِ ﴾ ياكى ﴿ ٱللَّغۡوَ ﴾ ئەپسانىلەرنى ۋە يالغان قىسسىلەرنى ئېيتىشىپ كۆڭۈل ئېچىشىش، ھېچ نەرسىگە پايدىسى بولمايدىغان، بىھۇدە گەپلەر بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش دېگەنلىك بولۇپ، ياشلارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قوزغايدىغان، ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك يامان خىياللارغا ئېلىپ بارىدىغان، ھاياسىز ناخشىلارمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. مۇنداق ئىشلار بىھۇدە سۆزلەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كىشىلەرنىڭ دىلىنى قارايتىدىغان، ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن زەھەرلەيدىغان پالاكەتتۇر.

كۆپ سانلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىچە، مەزمۇنى ساغلام ناخشىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، مەزمۇنى ۋە ئورۇندىلىشى ساغلام بولغان ناخشىلارنى ئاڭلاپ ھۇزۇرلىنىشتا گۇناھ يوق. چۈنكى، بەزىدە ناخشا بىلەن ئىنساننىڭ كۆڭلى ئېچىلىدۇ ۋە شادلىنىدۇ. دېمەك، بۇمۇ ئىنساننىڭ تەبىئىي ئېھتىياجلىرىدىن بىرىدۇر. ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ تەبىئىي ئېھتىياجلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەنئى قىلمايدۇ، بەلكى ئۇلارغا چەك قويىدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان تۈرىنى قوللايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىق بولغان تۈرلىرىنى رەت قىلىدۇ ۋە مەنئى قىلىدۇ. چۈنكى، ئىسلام دىنى كىشىلەرنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن دىن بولغانلىقتىن، ئۇلارغا زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى ئەلۋەتتە مەنئى قىلىدۇ.

ناخشىلارنىڭ مەزمۇن ۋە ئورۇندىلىش جەھەتتىن ساغلام بولۇشىدىن تاشقىرى كىشىلەرنى قىلىدىغان ئىشلىرىدىن توسۇپ قويۇشقا، ئۇلارنىڭ پەرزلەرنى كېچىكتۈرۈشىگە ۋە گۇناھ قىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالماسلىقى شەرتتۇر. ئەگەر ناخشا _ مۇزىكا كىشىلەرنى ئاللاھ تائالاغا تائەت _ ئىبادەت قىلىشتىن توسۇپ قويسا ياكى ئۇلارنى ناماز ۋاقىتلىرىدىن مەشغۇل قىلىپ قويسا، ئۇنى ئاڭلاش قەتئىي ھارامدۇر. ھازىرقى زاماندا تېلېۋىزور قاناللىرىدىن ۋە رادىيو دولقۇنلىرىدىن بېرىلىۋاتقان ناخشىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ھارام تۈرىگە كىرىدۇ. چۈنكى، بۇ نەرسىلەر دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە قويغان شەرتلىرىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

ئەمما ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى كۈچەيتىدىغان، ئۇلارنى ئەخلاق _ پەزىلەتلەرگە ئۈندەيدىغان، مەزمۇنى ياخشى بولغان، ئىسلامىي ۋە مىللىي ناخشىلارنى ئاڭلاش جائىز يەنى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردىن سانىلىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «الْبِرُّ حُسْنُ الْخُلُقِ، وَالْإِثْمُ مَا حَاكَ فِي صَدْرِكَ، وَكَرِهْتَ أَنْ يَطَّلِعَ عَلَيْهِ النَّاسُ» يەنى «ياخشىلىق __ گۈزەل ئەخلاقتۇر، گۇناھ __ سېنى خاتىرجەم قىلمايدىغان ۋە سەن باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان ئىشتۇر»([10]) دەپ كۆرسەتكەن. چۈنكى، ئىنسان تۇغۇلۇشتىكى ساغلام فىترەت ۋە ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئەقىل _ پاراسەت بىلەن نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ.

توي-مەرىكىلەردە مەزمۇنى ساغلام ناخشىلارنى ئېيتىش ۋە شەرىئەت رۇخسەت قىلغان تۈردىكى چالغۇ-ئەسۋابلىرىنى چېلىش دۇرۇس بولۇپلا قالماي، بەلكى تەشەببۇس قىلىنغان ئىشتۇر.

ئەللامە قۇرتۇبىي بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە يامان ئىشلارنى خىيال قىلدۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ شەھۋىتىنى ئۆرلىتىدىغان ناخشىلارنى ۋە ئاياللارنىڭ جامالىنى سۈپەتلەيدىغان، ھاراق ۋە قىمار قاتارلىق ھارام نەرسىلەرنى ماختايدىغان ناخشىلارنى ۋە شېئىرلارنى ئاڭلاشنىڭ ۋە ئېيتىشنىڭ ھاراملىقىدا شەك يوق. چۈنكى، بۇلار ھاراملىقى ھەققىدە بىرلىككە كېلىنگەن ئويۇن– تاماشا ۋە ناخشىلارنىڭ قاتارىغا كىرىدۇر. ئەمما يۇقىرىقىلاردىن ساغلام بولغان ناخشا ۋە شېئىرلارنى توي _ تۆكۈنلەردە، ھېيت كۈنلىرىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى خەندەك كولاۋېتىپ ئېيتقانغا ئوخشاش جاپالىق ئەمگەكلەرگە تەشەببۇس قىلىش ۋاقىتلىرىدا ۋە قانداقلا بىر خۇشاللىق ۋاقىتلاردا ئاڭلىسا بولىدۇ. ئەمما سوپىلارنىڭ ئادەت قىلىۋالغان نەغمە _ ناۋالىرىنىڭ ۋە رەقىسلىرىنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر»([11]). چۈنكى، ئۇلار بۇ خۇراپاتلىرىنى ئىبادەت قىلىۋاتىمىز، دەپ قىلىدۇ. ئىبادەتتە ئاللاھ تائالا كۆرسەتمىگەن ئۇسۇل ۋە شەكىللەرنى پەيدا قىلىش ھارام ۋە بىدئەتتۇر.

ئەپسانىلەرنى، يالغان– ياۋۇداق ھېكايىلەرنى ۋە خۇراپىي رىۋايەتلەرنى سېتىپ ئالىدىغانلار ۋە بۇ نەرسىلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئازدۇرۇرماقچى بولغانلار ياخشىلىق بەدىلىگە يامانلىقنى، ساۋاب بەدىلىگە گۇناھنى سېتىپ ئالغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ يولىدىن توسقانلىقى ۋە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاخىرەتتە ناھايىتى قاتتىق ۋە خارلىغۇچى ئازابلار بار. چۈنكى، مۇنداقلارغا ئەخلاق _ پەزىلەتكە ۋە ياخشىلىققا چاقىرىدىغان، مۇكەممەل بىر ئۈممەتنى بەرپا قىلىپ چىقىشقا ئۈندەيدىغان ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار بۇ ئايەتلەرنى ئاڭلاشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە خۇددى ئارقىسىدىن بىرلىرى قوغلاۋاتقاندەك ئارقىغا داجىپ قاچىدۇ. ئۇلار بۇ ھالەتتە ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمىغان ۋە قۇلىقى ئېغىر ئادەملەرگە ئوخشايدۇ. ئى پەيغەمبەر! مۇنداقلارغا ئاخىرەتتىكى قاتتىق ئازابتىن بېشارەت بەرگىن.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1. مەزمۇنى ساغلام بولمىغان ياكى ئورۇندىلىشى ئىسلام ئەخلاقىغا مۇناسىپ بولمىغان ناخشىلارنى ئاڭلاش، سېتىپ ئېلىش ۋە بىراۋغا سوۋغا قىلىش ھارامدۇر.

2. ئاللاھقا تائەت _ ئىبادەت قىلىشتىن مەشغۇل قىلىدىغان، ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان ھەرقانداق سۆز ۋە ئىش بىھۇدىلىكتۇر.

3. كىشىلەرگە يامان ئىشلارنى خىيال قىلدۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ شەھۋىتىنى ئۆرلىتىدىغان ناخشىلارنى ۋە ئاياللارنىڭ جامالىنى سۈپەتلەيدىغان، ھاراق ۋە قىمار قاتارلىق ھارام نەرسىلەرنى ماختايدىغان ناخشىلارنى ۋە شېئىرلارنى ئاڭلاشنىڭ ۋە ئېيتىشنىڭ ھاراملىقىدا شەك يوق.

([1]) بۇ يەردە نەزر ئىبنى ھارىس ئىسىملىك بىر كاپىر ئادەمنىڭ ئىرانغا تىجارەت ئۈچۈن بارغاندا، ھەرخىل ئەپسانە ۋە قوشاق-داستانلارغا دائىر كىتابلارنى سېتىۋېلىپ كېلىپ، «مۇھەممەد سىلەرگە ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ قىسسىلىرىنى سۆزلەپ بەرسە، مەن سىلەرگە رۇستەم ۋە كىسرا قاتارلىق پادىشاھلارنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىمەن» دېيىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىسلام دەۋىتىگە قۇلاق سېلىشتىن توسماقچى بولغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
([2]) «أحكام القرآن لإبن العربي»، 3- توم 526-بەت.
([3]) «تفسير الطبري» 20-توم، 131-بەت.
[4] «التفسير الميسر» 411- بەت.
([5]) دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال – ھارام» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 389- بەت .
([6]) قەسەس سۈرىسى 55- ئايەت.
([7]) نەبەئ سۈرىسى: 35 _ ئايەت.
([8]) مائىدە سۈرىسى: 89 _ ئايەت.
([9]) دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ «ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى» 1- توم 691- بەت.
([10]) «صحيح مسلم» 4- توم 1980-بەت، 2553- ھەدىس.  
([11]) «تفسير القرطبي» 14-توم، 54-بەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار