دىن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

دىن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
(«دىن ۋە ھايات 2000 سوئالغا جاۋاب» ناملىق ئەسەردىن)

مۇھەممەد يۈسۈپ

دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يارىتىلىشى مۇئەييەن بىر مەقسەت ۋە مەلۇم بىر قانۇن – سىستېما بىلەن داۋام قىلماقتا. ئىنسانلارمۇ ئاللاھ ياراتقان بۇ مەۋجۇداتلارنىڭ بىرى ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىكىدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئەمر- پەرمانلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشى ئۈچۈن ياراتقان. باشقا مەۋجۇداتلار بۇ قۇلچىلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىشى يولىدا ئىنسانلارغا ياردەمچى ۋە خىزمەتچى سۈپىتىدە يارىتىلغان.

ئادەم ماددىي ۋە مەنىۋى ئىككى نەرسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ماددىي تەرىپى ئۇنىڭ بەدىنى، مەنىۋى تەرىپى ئۇنىڭ روھىدۇر. ئاللاھ ئىنساننىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ھەرتۈلۈك نازۇنېمەتلەرنى ياراتتى ۋە ئۇلارنى ئىنسانلارغا ئاتا قىلدى. دۇنيادىكى بارلىق يېمەك – ئىچمەكلەر، كىيىم – كېچەكلەر، شىپالىق دورىلار، ئۆسۈملۈكلەر، مەدەنلەر، بايلىقلار، ھايۋانلار ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ غايە بىلەن يارىتىلدى.

ئىنساننىڭ مەنىۋى تەرىپى بولغان روھىنىڭمۇ ئېھتىياجلىرى بار بولۇپ، بۇ ئېھتىياجلارنىڭ ئەڭ بېشىدا ئۇنىڭ ئىمان – ئېتىقادقا بولغان ئېھتىياجى كېلىدۇ. ئىنساندىكى ئېتىقاد ئېھتىياجنى، ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا دىنىي تۇيغۇنى ئاللاھ ياراتقان. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بۇ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش يۈزىسىدىن، ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئارقا- ئارقىدىن دىنلارنى ئەۋەتكەن. تۇنجى ئىنسان بولۇپ يارىتىلغان ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئاتىسى بولۇشى بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن تۇنجى پەيغەمبەر ئىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن بارلىققا كەلگەن ئىنسانلار جامائەسى زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆپەيدى ۋە پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، بىر – بىرىدىن خەۋەرسىز ياشاۋاتقان بۇ ئىنسانلار توپلىمىغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن پەيغەمبەرلەرنى چىقىرىپ، ئۇلار ئارقىلىق كىتابلارنى چۈشۈردى. بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى بىزلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولۇپ، ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىدى. ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن كىتابلارنىڭمۇ ئەڭ ئاخىرقىسى قۇرئان كەرىمدۇر.

ئىنسان ۋە دىن
ئىنسانىيەتنىڭ يارىتىلىشى بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئەقلى ۋە ئەقىدىسى تەڭلا يارىتىلغان. ئىنسانىيەت ئەقلى تەرەققىي قىلىش ۋە تاكامۇللىشىش يولىدا ئۆرلىگەنسېرى، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىمۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھقا باشلايدىغان ئىلاھىي دەۋەتلىرىگە ئەگىشىپ ئۇلار بىلەن بىرگە تاكامۇللىشىش يولىغا كىرىپ كەلدى. ئىنسانلار بىر زامانلار، ھەق دىننىڭ روھىدىن پۈتۈنلەي يىراقلىشىپ، كۇپرى، زالالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا تىڭىرقىغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار يەنە ھەق دىنغا قايتىپ كەلدى. ئاللاھ تائالا ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگەشتۈرۈپ، دىننىمۇ تەدرىجىي ھالدا تاكامۇللاشتۇرۇپ كەلدى ۋە ئۇنى ئىنسانلارنىڭ سەرخىلى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى كامالىغا يەتكۈزدى. ﴿بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم. سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم. ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم﴾([1]).

دىنىي ئاڭ ئىنسانلار بىلەن بىرگە يارىتىلغان
ئىنسان ئۆز تەبىئىتىدە مەدەنىي مەخلۇقات بولغىنىدەك، ئۇ توغۇلۇشىدىن دىيانەتلىك مەخلۇقاتتۇر. دىنىي ئاڭ يارىتىلىشتىن بىرى ئىنسانلاردا بىرگە بولۇپ كەلگەن قەدىمىي مەسىلە بولۇپ، ھەر زامان ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن. غەربلىك تارىخشۇناسلاردىن بىرى مۇنداق دېگەن: « ئەلۋەتتە، ئىلىم - پەن، مەدەنىيىتى ۋە تىياتېر-سەنئىتى بولمىغان ئىنسانلار جەمئىيىتى تېپىلغان ۋە تېپىلىدۇ، بىراق دىنىي ئېتىقادى بولمىغان بىرمۇ ئىنسانلار جەمئىيىتى تېپىلغىنى يوق» دېگەن ئىكەن. دىنى ئاڭنىڭ ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىدىن كېيىن قالغانلىقىغا ھېچقانداق دەلىل يوق.([2]) گەرچە ئىنسانلار مەلۇم ۋاقىت ھەق دىندىن ۋە توغرا ئەقىدىدىن ئايرىلىپ قېلىپ روھىي بوشلۇقتا قالغان بولسىمۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇلارنىڭ ھەقىقەتكە قايتىشى ئالدىدىكى قىسقىلا ۋاقىت ئىدى. چۈنكى دىن ئەزەلدىن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتلىرىدە مەركەزلەشكەن، قەلبلىرىدە ئورۇن ئالغان بىر خىسلەتتۇر.

ئاللاھنىڭ دىنى ئەزەلدىن بىردۇر
ئىنسانىيەتنىڭ يارىتىلىشى بىلەن بىرگە مەيدانغا كەلگەن ۋە ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلىنىپ كەلگەن دىنلارنىڭ ھەممىسى ـ مەيلى قانداق ئىسىملار بىلەن ئاتالمىسۇن ـ ئەسلىدە ۋە ماھىيىتىدە بىر دىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىز پەيغەمبەرلەر جامائەسى، ئوخشاشمىغان ئانىلارنىڭ بالىلىرىمىز، دىنىمىز بىر، شەرىئەتلىرىمىز پەرقلىقتۇر»([3]). ھازىر دۇنيادا ئەسلىدىكى دىنغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىرلا دىن بار. ئۇ بولسىمۇ، ئىسلام دىنىدۇر.

دۇنيادا ھەق دىن بىردۇر
ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇلارغا چۈشۈرۈلگەن ئىلاھىي كىتابلارغا ئەگەشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەت يوللىرىنى تاپقان بولدى. ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ۋە مەڭگۈ خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرگەن بۇ دىن «ھەق دىن» دېيىلىدۇ. ھازىر دۇنيادا بۇ خۇسۇسىيەتكە ئېگە بىرلا دىن ئىسلام دىنىدۇر.

بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەق دىننى ۋە بۇ دىننىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلار تۈرلۈك خاتالىقلارغا ۋە ئازغۇنلۇقلارغا ئۇچراپ كەلدى. ئۇلار دەل يەھۇدىيلار بىلەن خرىستىئانلاردۇر. بۇ ئىككى دىن ئەسلىدە ئاللاھتىن كەلگەن ھەق دىنلار بولغان بولسىمۇ، زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلار ئۆز دىنلىرىنى قوغداپ قالالمىغان ۋە كىتابلىرىنى ئۆزگەرتىشلەردىن ساقلاپ قالالمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ دىنلىرى ئەسلى ئۆزگەرگەن، خۇراپى دىنلارغا ئايلىنىپ قالغان.

بەزى ئىنسانلار ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەق دىندىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقاد ئېھتىياجلىرىنى قامداش يولىدا، ئۆزلىرى بىلگەنچە خالىغان دىنلارنى ئويدۇرۇپ چىققان ۋە خاتا ئېتىقادلار بىلەن ئۆمۈر سۈرۈشكە داۋام قىلغان. ئويدۇرۇپ چىقىلغان مۇنداق دىنلار باتىل دىنلار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇددىزم دىنى، ھىندى دىنىي ۋە ئاتەشپەرەستلىك دىنى بۇلارنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ.

ئاللاھنىڭ دىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە كەلگەن ئورتاق دىن
دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە بولمىسۇن، ھەرقانداق بىر قەۋمگە ئاللاھ تائالا ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتكەن ۋە ئۇلارنى ھەق دىنغا چاقىرغان. قۇرئان كەرىمدىكى ﴿قانداقلا بىر ئۇممەت بولمىسۇن ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن﴾([4])، ﴿ئۆتكەن ھەربىر ئۇممەتكە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن﴾([5]) دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭغا ئىشارەت قىلماقتا.

دېمەك، دۇنيادا پەيغەمبەر كەلمىگەن بىرەر مىللەت تېپىلمايدۇ. پەقەت ئۇ زامانلاردا بىرەر قەۋمدىن چىققان پەيغەمبەر شۇ قەۋمنىڭلا پەيغەمبىرى سانىلاتتى. ئەمما پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ھىدايەتكە چاقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھالدا ئەۋەتىلگەن ئومۇمىي پەيغەمبەردۇر.  

دىن ئىجتىمائىي زۆرۈرىيەتتۇر
ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان بىرەر توغرا دىنغا ئىنتايىن موھتاجدۇر. چۈنكى يەر يۈزىدە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ۋە ئىنسانلارنىڭ خاتىرجەملىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە دىننىڭ كۈچىگە تەڭ كېلەلەيدىغان ئىككىنچى بىر كۈچ يوق.

بۇنىڭدىكى سىر شۇكى: ئىنسان كائىناتتىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق يارىتىلغان ئۇلۇغ بىر مەۋجۇدات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئىختىيارى ئىش - ھەرىكەتلىرى كۆز بىلەن كۆرگىلى، قۇلاق بىلەن ئاڭلىغىلى ۋە قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان بىر نەرسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئىنساندىكى ئىنسانىي روھتۇر! ئۇ "ۋىجدان ۋە ئەقىدە" دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىنسانلار ئىچكى دۇنياسىدىن باشقۇرىلىدۇ
ئىنسانلار تاشقى دۇنياسىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى ئىچكى دۇنياسىدىن ـ ۋىجدانىدىن ـ باشقورۇلمىغىچە جەمئىيەت تەرتىبىنى ساقلىغىلى ۋە ھەق-ھوقۇقلارنى قوغدىغىلى بولمايدۇ . كىشىلەرنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان، ھەقسىزلىككە يول قويمايدىغان، ئادالەتلىك، پەزىلەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشتا، دۆلەت قانۇنلىرى ۋە ھۆكۈمەت دائىرلىرى يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى جازادىن، تۈرمىدىن ۋە جەرىمانىدىن قورقۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلار ۋە قورقۇپ تۇرۇپ، ھەق ـ ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغانلار، قانۇننىڭ ئارغامچىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چىقىش يولى تاپقىچىلىك شۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار قانۇننىڭ كونترولدىن چىققان ھامان، ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ. ئەمما ئاللاھتىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ غەزىپىگە يولۇقۇشتىن قورققان ۋە ئۆز ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغان ھالدا، ھەق ـ ھوقۇقلارنى قوغدايدىغانلار ۋە ھاياتلىقتىكى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تولۇق ئادا قىلىدىغانلار، مەيلى ئاشكارا، مەيلى يوشۇرۇن بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ھېچ ۋاقىت ئاللاھنىڭ كونتروللىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىمانى بولغاچقا، ئۇلار ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش، جەمئىيەت ئامانلىقىغا بوزغۇنچىلىق قىلىش ۋە كىشىلەرنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىدۇ ـ دە، ھەر ئىشتا، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي بۇرچلىرىنى ئادا قىلىشىنى ئاۋۋالقى ئورۇندا قويىدۇ.

ئىلىم – پەن دىننىڭ رولىنى ئوينىيالمايدۇ
دىنىي تەربىيە بىلەن ئەخلاقنى كۈچەيتمەستىن، ئىلىم ـ پەن ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۆزىلا جەمئىيەتتە ئامانلىق، تۇرمۇشتا بەخت ۋە خاتىرجەملىك يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلالايدۇ، دەپ ئويلاش ئىنتايىن خاتادۇر. چۈنكى، ئىلىم ـ پەن ئىككى بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان نەرسە بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىسلاھ قىلغىلى بولغىنىدەك، بۇزىۋەتكىلىمۇ بولىدۇ. خۇددى ئىلىم ـ پەن سايىسىدا، دۇنيانى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ۋەيران قىلىۋېتەلەيدىغان ئاتوم بومبىسىنى ياسىغىلى بولغىنىدەك، تۇرمۇشتا كىشىلەرگە ئۇڭايلىقلارنى تۇغدۇرۇرپ بېرىدىغان پەن ـ تېخنىكا قۇراللىرىنى، قاتناش قۇراللىرىنى ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ياراتقىلىمۇ بولىدۇ. زامانىمىز پەن تېخنىكىسى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى گۇۋاھچىسىدۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئىلىم ـ پەننى ئۆز يولىدا ـ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ـ قوللانماقچى بولساق، ئەخلاقىي تەرەپتىن ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر كۈزەتچىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ئۇ بولسىمۇ، ئەقىدە ۋە ئىماندۇر. شۇڭا، «ئەخلاق بىلەن دىنغا يۆلەنمىگەن ھەرقانداق بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك، خۇددى يىقىلغىلى ئاز قالغان بىناغا ئوخشايدۇ» دەپ توغرا ئېيتىلغان. دېمەك، دىننىڭ تۇرمۇشتىكى رولى خۇددى يۈرەكنىڭ تەندىكى رولىغا ئوخشاشتۇر.

ئىسلام دىـنـى
ئىسلام دىنى ― ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى پىشىپ يېتىلگەن، ئىلىم ـ پەن، مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان بىر ۋەزىيەتتە، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارى، ياخشلىقلارنىڭ ئۈلگىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ پۈتۈنلەنگەن ۋە ئەڭ كامالىغا يەتكەن ھالدا تا قىيامەتكىچىلىك يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بىرلا توغرا دىنى بولۇپ تاللانغان ئىمتىيازى بىلەن چۈشۈرۈلگەن ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئىلغار بىر دىندۇر.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ نەزىرىدە قوبۇل بولىدىغان دىن پەقەت ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىـــدە قوبۇل بولغان دىن ئىســــــــلامدۇر﴾([6]).

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلام دىنى كېلىشى بىلەن ئىسلام دىنىدىن باشقا ساماۋىي (بۇرۇن ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن) دىنلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. شۇڭا ئىسلام دىنىدىن باشقا دىننى تۇتقانلارنىڭ دىنلىرى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿كىمكى ئىسلام (دىندىن) باشقا دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تاتقۇچىدۇر﴾([7]).

بىز ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان ئېتىقاد ئېھتىياجىمىزنى ئاللاھ ئەۋەتكەن ھەق پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن ھەق دىن بىلەن تەمىن ئېتىشىمىز لازىم. ساغلام ئىمانغا ئىگە بولىشىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغ دىنىمىزنىڭ ئېتىقاد سىستېمىسىدە كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرنى بۇ ساغلام ئېتىقادىمىز بىلەن بىرگە ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئورۇنداشقا تىرىشىشىمىز لازىم.

دىنىمىزدىكى ئىمان ئاساسلىرىنى توغرا ۋە تولۇق ئۆگەنمىگەندە، ئىبادەتلەردىن ھۇزۇر – ھالاۋەت ئالغىلى بولمايدۇ، ساۋابىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىمىزدىكى ئىمانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى، ئىبادەت، ئەخلاق، مۇئامىلە پرىنسىپلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئۆگىنىپ شۇ بويىچە ئەمەل قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر.


([1])   مائىدە سۈرىسى 3 ـ ئايەت.
([2])   دوكتور دىرازنىڭ «دىن» ناملىق ئەسىرى 75- بەتكە قاراڭ.
([3])   ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى
([4])   فاتىر سۈرىسى 24 ـ ئايەت.
([5])   يونۇس سۈرىسى ـ47 ئايەت.
([6])   ئال ئىمران سۈرىسى 19 - ئايەت.
([7])   ئال ئىمران سۈرىسى 85 ـ ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار