پەيغەمبىرىمىزنى «ئى مۇھەممەد!» دېيىش ئەدەپسىزلىكتۇر

پەيغەمبىرىمىزنى «ئى مۇھەممەد!» دېيىش ئەدەپسىزلىكتۇر

پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنىڭ سەرخىللىرى بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قەدەر كەلگەن پەيغەمبەرلەر ھەممىسى ھۆرمەتلىك، ئۇلۇغ ۋە ئۈلگىلىك زاتلاردۇر. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت- سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپلىگەن پەيغەمبەرلەرنى يولباشچى قىلىپ ئەۋەتكەن. قۇرئان كەرىمدە 25 پەيغەمبەرنىڭ ئىسىم- زاتى زىكىر قىلىنغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئىسمى زىكىر قىلىنمىغان پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَرُسُلًا قَدْ قَصَصْنَاهُمْ عَلَيْكَ مِنْ قَبْلُ وَرُسُلًا لَمْ نَقْصُصْهُمْ عَلَيْكَ﴾ «(بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەر ئارىسىدا) ئىلگىرى بىز ساڭا بايان قىلغان پەيغەمبەرلەرمۇ، بايان قىلمىغان پەيغەمبەرلەرمۇ بار»[1]. ئاللاھ تائالا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش ئىماننىڭ بىر پارچىسىدۇر، يەنى بىرەر پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ ئىمانى قوبۇل بولمايدۇ. شۇڭا، يەھۇدىيلار ئىيسا ئەلەيھىسالامنى، خىرىستىيانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىپ كاپىر بولۇپ كەتكەن. چۈنكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرەرسىنى ئىنكار قىلغانلىق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلغانلىق بىلەن تەڭ. قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرى بۇنىڭغا ئىشارەت قىلغان. ﴿كَذَّبَتْ عَادٌ الْمُرْسَلِينَ﴾ «ئاد قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى»، ﴿كَذَّبَتْ ثَمُودُ الْمُرْسَلِينَ﴾ «سەمۇد قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى»، ﴿كَذَّبَتْ قَوْمُ لُوطٍ الْمُرْسَلِين﴾ «لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى»، ﴿كَذَّبَتْ قَوْمُ نُوحٍ الْمُرْسَلِين﴾ «نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى» دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالى. گەرچە يۇقىرىقى پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرى ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىلا ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھەممە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىق سانالغان.

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتلىك ۋە ئۇلۇغ زاتلار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەرتىۋە پەرقى بار. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ مەرتىۋىلىرىنى بىر-بىرىدىن پەرقلىق قىلغان. ﴿وَلَقَدْ فَضَّلْنَا بَعْضَ النَّبِيِّينَ عَلَى بَعْضٍ﴾ «بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق»[2] دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاتارلىق بەش پەيغەمبەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئالاھىدە يۇقىرى قىلغان بولۇپ، ئۇلارنى قۇرئان كەرىمدە «أولو العزم» (ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر) دەپ سۈپەتلىگەن. ئۇلار ھەق دىننى يەتكۈزۈش يولىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرى، باتىل تەرەپدارلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كەسكىن كۈرەشلىرى يۈزىسىدىن شۇنداق ئاتالغان ئىدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى جىمى پەيغەمبەرلەردىن ئۈستۈن، ھۆرمەتلىك ۋە ئۇلۇغ قىلغان. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى ئىرادىلىك بەش پەيغەمبەردىن، شۇنداقلا جىمى پەيغەمبەرلەردىن ئۈستۈن ۋە ئالىي مەرتىۋىلىك ئىكەنلىكىدە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قىلچە شەك ۋە ئىختىلاپ يوق.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئالاھىدە ھۆرمەتلىگەن، قەدرىنى كۆتۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا جىمى پەيغەمبەرلەردىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلغان. بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. بۇ يەردە بىرلا مىسال كەلتۈرىمىز. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «پەيغەمبەرلىك»تىن ئىبارەت كاتتا ئۇنۋانى بىلەن خىتاب قىلغانلىقىدۇر. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىسملىرى بىلەن خىتاب قىلىپ، پەقەت ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىلا «پەيغەمبەرلىك»تىن ئىبارەت كاتتا ئۇنۋانى بىلەن خىتاب قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، ﴿يَا آدَمُ اسْكُنْ أَنْتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ﴾ «ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرغىن»[3]، ﴿يَا نُوحُ اهْبِطْ بِسَلاَمٍ مِنَّا وبركات﴾ «ئى نۇھ! سەن بىز تەرەپتىن چۈشكەن ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن (كېمىدىن) چۈشكىن»[4]، ﴿وَنَادَيْنَاهُ أَنْ يَا إِبْرَاهِيمُ﴾ «بىز ئۇنىڭغا: ‹ئى ئىبراھىم!›دەپ نىدا قىلدۇق»[5]، ﴿يَا مُوسَى إِنِّي أَنَا رَبُّكَ﴾ «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ رەببىڭمەن»[6]، ﴿يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ﴾ «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن»[7] دېگەن ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى پەيغەمبەرلەرگە ئۆز ئىسىملىرى بىلەن خىتاب قىلغان بولىسمۇ، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىرەر قېتىممۇ ئۆز ئىسمى بىلەن خىتاب قىلىپ «ئى مۇھەممەد!» دېمىگەن، بارچە خىتابلىرىدا ﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ﴾، ﴿يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ﴾ يەنى (ئى پەيغەمبەر!) دەپ خىتاب قىلغان.

ئەپسۇسكى، تەپسىر كىتابلىرىدا ۋە قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرىدە، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «ئى مۇھەممەد!» دەپ ئاتاش ئومۇملىشىپ كەتكەن  بولۇپ، بىزنىڭ ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرى ۋە تەپسىرلىرىدىمۇ «ئى مۇھەممەد!» دەپ ئېلىنغان.

بىز ئادەتتە، ئۆز ئارىمىزدا ئۆلىمالىرىمىزنى، زىيالىيلىرىمىز ۋە ھۆرمەتلىك كىشىلىرىمىزنى «داموللام»، «دوكتور»، «ھاجىم»، «قاراجىم»، «ئۇستاز» دەپ چاقىرىمىز، ھەتتا ئادەتتىكى كىشىلەرنىمۇ بىرەر ھۆرمەت سۆزى بىلەن چاقىرىپ، «ئۇستام»، «ئاخۇن» دەيمىز. ئۇلارنى ھەرگىز «ئى ئەھمەد!»، «ئى مۇھەممەد!»، «ئى توختى!» دەپ چاقىرمايمىز. ئەمدى، بىز قانداقلارچە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «ئى مۇھەممەد!» دەيمىز؟

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، ئۇنى ئەڭ ئېسىل مەرتىۋىسى ۋە كاتتا ئۇنۋانى بولغان «پەيغەمبەرلىك» بىلەن چاقىرىپ «ئى پەيغەمبەر!» دېگەن تۇرسا، بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنى «ئى مۇھەممەد!» دەيمىز؟ ھالبۇكى، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەككىلىك كاپىرلارنىڭ چاقىرىشى ئەمەسمۇ؟! چۈنكى، مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ زاتنى ئادەتتىكى كىشىلەرنى چاقىرغاندەك «ئى مۇھەممەد!» دەپ چاقىراتتى. ئەمما، ساھابە كىراملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كامالىي ئېھتىرام بىلەن «يارەسۇلۇللاھ!» (ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!) دەپ چاقىراتتى. بۇ نېمىدېگەن گۈزەل خىتاب!

ئاللاھ تائالا بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى باشقا ئىنسانلارنى چاقىرغاندەك چاقىرىشتىن مەنئى قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿لَا تَجْعَلُوا دُعَاءَ الرَّسُولِ بَيْنَكُمْ كَدُعَاءِ بَعْضِكُمْ بَعْضًا﴾ يەنى «سىلەر پەيغەمبەرنى بىر-بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار»[8]. بەزى مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىر قىلغان: «ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى چاقىرغان چېغىڭلاردا، ئۇنى بىر-بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك ‹ئى مۇھەممەد!› ياكى ‹ئى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ› دېمەڭلار، بەلكى ئۇنى ھۆرمەتلەپ: ‹ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى›، ‹ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى› دەڭلار»[9].

ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللىي شەئراۋىي مۇنداق دېگەن: «شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ‹ئى مۇھەممەد!› دەپ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىشىمىز توغرا ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىز بىلەن باغلاپ تۇرغان نەرسە ئۇنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىدۇر. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياراتقان ۋە ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىسمى بىلەن چاقىرىپ باققان ئەمەس، ئۇ بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئۆز ئىسمى بىلەن چاقىرغان بولسىمۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بىر قېتىممۇ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ‹ئى مۇھەممەد!› دەپ چاقىرمىغان، بەلكى ئۇنى ﱡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلرَّسُولُ ﱠ ([1])  ۋە ﱡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّﱠ ([2])  يەنى ﱡئى پەيغەمبەر! ﱠ دەپ چاقىرغان. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى باشقا پەيغەمبەرلەرنى چاقىرغىنىغا ئوخشاش ئۆز ئىسمى بىلەن چاقىرمىغان تۇرسا، بىز قانداقمۇ ئۇنى باشقا ئىنسانلارنى چاقىرغاندەك ئۆز ئىسمى بىلەن چاقىرىمىز؟ شەكسىزكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ‹ئى پەيغەمبەر!› ۋە ‹ئى رەسۇلۇللاھ!› دەپ چاقىرىش ئۇنىڭغا تولىمۇ لايىقتۇر»([3]) .



([1])  مائىدە سۈرىسى:67-ئايەت.
([2])  تەھرىم سۈرىسى:1-ئايەت.
([3])  «تفسير الشعراوي» 17- توم: 10344: بەت.

«سەئۇدى ئەرەبىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى»، «سەئۇدى ئەرەبىستان كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتى» تەرىپىدىن 100 دىن كۆپرەك ئۆلىمانىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ھازىرلىنىپ، «پادىشاھ فەھد قۇرئان نەشر قىلىش ئاكادېمىيىسى»دە بېسىپ تارقىتىلغان، ئۆلىمالار تەرىپىدىن ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئىخچام تەپسىر دەپ باھالانغان «التفسير الميسر» (تەپسىرى مۇيەسسەر) دېگەن تەپسىرنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:

«بۇ تەپسىرنى نەشرگە تەييارلىغان مەخسۇس كومىتېت تەپسىرلەردە كەلگەن ‹ئى مۇھەممەد!›  دېگەن سۆزنى ‹ئى پەيغەمبەر!› دەپ ئۆزگەرتتى. پەقەت 11 ئورۇندىلا ئۆز پېتى قالدۇرۇلدى. بۇ مۇشۇ 11 ئورۇندىكى خىتابنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلارنىڭ تىللىرىدىن ھېكايە قىلىنغان خىتابلار بولغانلىقى سەۋەبتىن ئىدى»[10].

قۇرئان كەرىمنىڭ تۈركچە تەرجىمىلىرىدىمۇ «I resülüm!»يەنى (ئى پەيغەمبىرىم!) دەپ ئېلىنغان.

پېقىرمۇ «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىسى، «تەپسىرى مۇيەسسەر»نىڭ تەرجىمىسى، «تەپسىر جەۋھەرلىرى»دە، شۇنداقلا بارلىق ئەسەرلىرىمدە يۇقىرىقى ئۆزگەرتىش بويىچە ئىش كۆردۈم.

ئاخىرىدا، بارلىق ئۆلىمالىرىمىزدىن، دىنىي ماۋزۇلاردا يازىدىغان مۇنەۋۋەرلىرىمىزدىن ۋە ۋەز-تەبلىغ قىلىدىغان ئۇستازلىرىمىزدىن بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە پەيغەمبىرىمىز ئۈچۈن «ئى پەيغەمبەر!» دېگەن ھۆرمەتلىك خىتابنى قوللىنىشتا باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن.
[1] سۈرە نىسا، 164- ئايەت.
[2] سۈرە ئىسرا، 55- ئايەت.
[3] سۈرە بەقەرە، 35- ئايەت.
[4] سۈرە ھۇد، 48-ئايەت.
[5] سۈرە ساففات، 104- ئايەت.
[6] سۈرە تاھا، 11-12- ئايەتلەر.
[7] سۈرە مائىدە، 110- ئايەت.
[8] سۈرە نۇر، 63- ئايەت.
[9] «تفسير الشعراوي» 17- توم: 10344: بەت.
[10] «التفسير الميسر»، 9- بەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار