«مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزنى لۇغىتىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلاڭ!

«مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزنى لۇغىتىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلاڭ!

«ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار»

(شەرھ سۈرىسى:5- ئايەت).

«قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگە»

(ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى)

سىز بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا بولغان ئىقتىدارىڭىزغا ۋە قابىلىيىتىڭىزگە ئىشەنگەن ۋاقتىڭىزدا، سىزگە ئۇ ئىشنىڭ مىڭلارچە يوللىرى ئېچىلىدۇ، ئەمما سىز ئارقىغا سوزغان ۋە قىلالمايمەن دەپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا، سىز ئاشۇ ئىشتىن ۋاز كېچىش ئۈچۈن مىڭلارچە ئۆزرىلەرنى يارىتىسىز. خۇددى چېرچىل دېگەندەك «قىلالايمەن دېسىڭىزمۇ راست، قىلالمايمەن دېسىڭىزمۇ راست»تۇر. چۈنكى، «قىلالمايمەن» دېيىش «قىلمايمەن» ياكى «قىلىشنى خالىمايمەن» دېگەنلىكتۇر.

مۇمكىن ئەمەس دېيىلگەن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، تارىخقا قەيت قىلىنغان ئەزىمەتلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزگە قەتئىي ئىشەنمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال باشقىلار «مۇمكىن ئەمەس»، «قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن ئىشلارنىڭ مۇمكىن ۋە قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن، ئەتراپىدىكىلەرنىمۇ شۇنىڭغا ئىشەندۈرگەن كىشىلەردۇر. بۇ خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈشمەنگە قارشى مەدىنە شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا خەندەك كولاۋاتقاندا ساھابىلىرىگە ئۇلارنىڭ كېلەچەكتە رىم ۋە ئىران ئىمپېراتورلۇقلىرىنىڭ خەزىنىلىرىگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىپ، ئۇلارنى شۇنىڭغا ئىشەندۈرگەنلىكىگە ۋە ئەمەلىيەتتە ئۇزۇنغا قالماي بۇ ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا ئوخشايدۇ.

ئىسلام قوماندىنى مۇھەممەد فاتىھنىڭ ئىستانبۇلنى ئېلىشتىن ئىبارەت شۇ زامانلاردا مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىغا ۋە توماس ئېدىسوننىڭ لامپۇچكىنىڭ قىلىنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت ھەممىلا ئادەم مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان، ھەتتا ماتېماتىكىچىلارمۇ ئۇنىڭ قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ماتېماتىكىلىق يوللار بىلەن  ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقى پەقەتلا «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزگە ئىشەنمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر.

مۇمكىن ئەمەسلەرنى مۇمكىن قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىجابىي سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىش زۆرۈر. چۈنكى سۆزنىڭ ئىنسانغا بېرىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىجابىي سۆزلەر ئىنسانلارنى ۋە ئۇلاردىكى قابىلىيەتلەرنى ياشاتقاندەك، سەلبىي سۆزلەر ئۇلارنى ۋە قابىلىيەتلەرنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. بۇ بىراۋ بىرەر زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ياكى بىرەر مۇسىبەتكە ئۇچرىغان چاغدا، بىرەر سەمىمىي دوستنىڭ: «بۇ قانچىلىك ئەھۋال ئىدى؟ ئۇنى چوقۇم يېڭىپ كەتكىلى بولىدۇ» ياكى «بۇنىڭدىن چوڭ مۇسىبەتكە ئۇچرىمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىلايلى! چۈنكى دۇنيادا بۇنىڭدىن ئېغىر ۋە چوڭ مۇسىبەتلەر كېلىپ تۇرىدۇ» دېگەنگە ئوخشىغان ئىجابىي سۆزلىرى ئۇ كىشىنى بىردىنلا يېنىكلەتكەن ۋە ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىنى كۆتۈرگەنگە، بەزىلەرنىڭ: «راست شۇنداق بولدىمۇ؟ ئاپلا، بەك چاتاق بولۇپتۇ جۇمۇ» ياكى «ئەمدى بۇ مۇسىبەتتە قانداقمۇ قىلارسەن؟» دېگەنگە ئوخشىغان سەلبىي ۋە زەھەرلىك سۆزلىرى ئۇ كىشىنى تېخىمۇ غەم-قايغۇغا پاتۇرغانغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئىجابىي سۆزلەرنىڭ ئادەمنىڭ پىسخىكىي ھالىتىنى ياخشىلاشتىكى رولىنى ۋە سەلبىي سۆزلەرنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنساق دېگەن: «سىلەر كېسەل يوقلاپ بارغاندا، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىڭلار. بۇ سۆزۈڭلار ئەجەلنى قايتۇرالمايدۇ، ئەمما كېسەلنىڭ ھالىتىنى ياخشىلايدۇ»[1].

ئىبرەت

—            دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق، ئەمما ھازىرغىچە بىلىپ بولالمىغان ئاجىز نۇقتىلار بار.

—            تەپەككۇرىڭىز ئىجابى بولۇپ، نەتىجىلىرىڭىز ئۆز كۆزىڭىزدە كىچىك كۆرۈنگەنسېرى ئۇ نەتىجىلەر باشقىلارنىڭ كۆزىدە تاغدەك كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ.

—            قامۇسلاردىن بىرەر سۆزنى چىقىرىپ تاشلاشقا توغرا كەلسە، ئۇ دەل «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزدۇر.



[1] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.

 

ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار