ھەسەل ھەرىسىدىكى قۇرئان مۆجىزىسى

 

ھەسەل ھەرىسىدىكى قۇرئان مۆجىزىسى

مۇھەممەد يۈسۈپ

شەكسىزكى، قۇرئان كەرىم دائىملىق مۆجىزە بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر كىتابنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ. بۇ ئاللاھ تائالا بۇنىڭدىن 14 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى  شۇ زامانلاردا شېئىرىيەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن ئەرەبلەرگە قارىتا ئېلان قىلغان مۇنازىرىدۇر. مۆجىزە — كىشىلەر ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كېلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىش دېگەنلىكتۇر. قۇرئان كەرىمدە نەھل (ھەسەل ھەرىسى) سۆرىسى دېگەن 128 ئايەتلىك بىر سۈرە بار. بۇ سۈرىنىڭ 69- ئايىتىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: [وَأَوْحَى رَبُّكَ إِلَى النَّحْلِ أَنِ اتَّخِذِي مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا وَمِنَ الشَّجَرِ وَمِمَّا يَعْرِشُونَ (68) ثُمَّ كُلِي مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ فَاسْلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلًا يَخْرُجُ مِنْ بُطُونِهَا شَرَابٌ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ فِيهِ شِفَاءٌ لِلنَّاسِ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَةً لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ] «رەببىڭ ھەسەل ھەرىسىگە: <تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە (كىشىلەر) تەييارلىغان ساندۇقلارغا ئۇۋا ياسىغىن، ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەردىن يېگىن، رەببىڭ (ساڭا) ئوڭايلاشتۇرۇپ بەرگەن يوللاردا يۈرگىن> دەپ ۋەھيى قىلدى. ئۇنىڭ قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇخىل رەڭلىك ئىچىملىك (ھەسەل) چىقىدۇ. بۇنىڭدىمۇ تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار».

ھەسەل ھەرىسى مىليونلارچە يىللاردىن بېرى، ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بۇ تەلىماتتىن قىلچە چەتنىمىگەن ھالدا، ئۆزىگە خاس پروگرامما ۋە خاس تەبىئەت بىلەن ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ «تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە (كىشىلەر) تەييارلىغان ساندۇقلارغا ئۇۋا ياسىغىن» دېگەن قىسمىدا، ئاللاھ تائالا ھەسەل ھەرىلىرىنى ئالدى بىلەن <تاغلارغا>، ئاندىن <دەرەخلەرگە>، ئاندىن <ساندۇقلارغا> ئۇۋا ياساشقا بۇيرۇغان. ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە: ھەسەلنىڭ ئەڭ ياخشىسى تاغ ھەسىلى، ئۇنىڭدىن قالسا دەرەخ ھەسىلى، ئاندىن ساندۇقلارغا ئۇۋا ياسىغان ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ھەسەللىرى ئىكەن. مانا بۇ تەرتىپ يۇقىرىقى ئايەتنىڭ رەت تەرتىبى بىلەن تامامەن مۇۋاپىقلاشقان.

يۇقىرىقى ئايەتتىكى [اتَّخِذِي] «ئۇۋا ياسىغىن» دېگەن سۆز مۇئەننەس (ئاياللىق پېئىلى) بىلەن كەلگەن بولۇپ، ھازىرقى زاماندا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلاردا، ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىدىغانلىرى، تازىلىقچىلىرى، قوغدىغۇچىلىرى، ساقچىلىرى قاتارلىق بارلىق ئىشچىلىرى چىشى ھەرىلەر ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. بۇ يەردە ئاللاھ تائالانىڭ مۇئەننەس پېئىلى بىلەن خىتاب قىلىش ئارقىلىق سۆزىنى چىشى ھەرىلەرگە قاراتقانلىقىنىڭ ھېكمىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

  ئاللاھ تائالا «ئۇنىڭ قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇخىل رەڭلىك ئىچىملىك (ھەسەل) چىقىدۇ» دېگەن ئايەتتە ھەسەلنىڭ ئىنسانغا شىپالىق ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. ھەسەلنىڭ شىپالىق ئىكەنلىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە ھايات تەجرىبىلىرى ئىسپاتلاپ كەلگەن شەكسىز ھەقىقەتتۇر. ھېچكىم بۇنىڭ ئەكسىنى سۆزلىيەلمەيدۇ.

»ئۇۋا ياسىغىن، ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەردىن يېگىن« دىگەن ئايەتتە »ثم« »ئاندىن كېيىن «دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن، بۇ سۆز ئىش – ھەرىكەتنىڭ ئارقىمۇئارقا قىلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى ئۇۋىنى بىخەتەر، پۇختا قۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن مەشغۇلاتنى باشلىغىن دىگەننى بىلدۈرىدۇ. قۇرئان كەرىم مانا مۇشۇنداق ئىنچىكە نۇقتىلارغىمۇ سەل قارىمىغان، چۈنكى ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر.

ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئايرۇپىلانغا ئوخشاش ھاۋادا ئۆزىگە خاس يولى بولغاننىڭ سىرتىدا، بېشىدا ئۆز ئۇۋىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاپپاراتى بار ئىكەن، شۇڭا ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىسىدىن نەچچە كىلومېتىر يىراغلارغا كەتسىمۇ يەنە ئۇۋىسىنى تېپىپ كىلەلەيدىكەن. ھەسەل ھەرىلىرى ئۆز ئارىلىرىدا ئىشارەت تىلى بىلەن سۆزلىشىدىكەن. Karl Von Frisch ئەپەندىم 1973- يىلى ھەرىلەرگە خاس ئىشارەت تىلىنى يەشكەنلىكى سەۋەبلىك نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىكەن.

ھەرە كۆنىكىنىڭ ئىسسىقلىق دەرىجىسى يىل بويى 34 گىرادوسلۇق ھالەتتە تۇرىدىغان بولۇپ، ھەرىلەر بۇنى توپلىشىش ۋە قانات ھەرىكەتلىرىنى ئىشقا سېلىش بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۇرىدىكەن.

ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ خىزمەتلىرى ئۆز ئارىسىدا تەقسىملەنگەن بولۇپ، كىچىك ھەرىلەر ھەرە كۆنىكىنىڭ ئىچىدە ۋە چوڭلىرى تېشىدا ئىشلەيدىكەن، ئۇلارنىڭ يەنە ئىشىك باقارلىرى ۋە ھەرە كۆنىكىنىڭ ئىچىدىكى تازىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇللىرى بار ئىكەن. بىر كىلوگرام ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش ئۆچۈن يۈز مىڭلىغان ھەرە مىليونلىغان چىچەكلەرگە قونىدىكەن.

ھەسەل ھەرىلىرىدىكى بۇ ئىنتىزامچانلىق نەدىن كەلگەن؟

شەكسىزكى، ھەسەل ھەرىلىرىدىكى بۇ مۇكەممەل ئىنتىزامچانلىق ئۇلارنىڭ ۋەھيىگە ئەگەشكەنلىكى ۋە ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بويىچە ئىش كۆرگەنلىكىدىن كەلگەن. چۈنكى ۋەھيىگە ئەگەشكەنلەر ھەرگىز ئېزىپ كەتمەيدۇ، خاتالاشمايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەرلەر خاتالىقلاردىن پاك زاتلاردۇر. چۈنكى ئۇلار ۋەھيىگە ئەشكەن زاتلاردۇر. ئاللاھ تائالا پەقەت ئىككى تۈرلۈك مەخلۇقاتقىلا ۋەھيى قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئىنسان، يەنە بىرى ھەسەل ھەرىسىدۇر. دېمەك، ۋەھيىگە ئەگەشكەن ئىنسان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش گۈزەل ۋە خۇش پۇراقلارنى ئىزدەيدۇ، باشقىلارغىمۇ گۈزەل، پاك، خۇش پۇراقلارنى بېرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئەتراپىدا ۋە كىشىلەردە گۈزەللىكنىلا كۆرىدىغان ۋە شۇنى بېرىدىغان ھەسەل ھەرىسى خاراكتېرلىكلىرىمۇ، پەقەت سەتلىكنىلا كۆرىدىغان ۋە زىيانلىق مىكروبلارنى بېرىدىغان چىۋىن خاراكتېرلىكلىرىمۇ بار.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار