يېڭى ئۆيلەنگەنلەر ئۈچۈن

يېڭى ئۆيلەنگەنلەر ئۈچۈن

مۇھەممەد يۈسۈپ

سۆيگۈ-مۇھەببەت ئائىلىنىڭ جېنىدۇر

ئائىلە سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن ياشناپ تۇرىدۇ. سۆيگۈ-مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالغان تۇرمۇش بەختسىز تۇرمۇشتۇر. شۇڭا ئائىلىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسلىرىگە ئەمەل قىلىش يېتەرلىكتۇر.

1.    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر بىراۋنى ياخشى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭغا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈپ قويۇڭلار»[1] دەپ كۆرسەتكەن. بىراۋنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئۇنى سۆز بىلەن بىۋاسىتە ئېيتىشتۇر. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق، بۇ ئارىدا يېنىمىزدىن بىر ئادەم ئۆتۈپ كېتىۋىدى، ئارىمىزدىن بىرەيلەن: ‹مەن ئاشۇ ئادەمنى ياخشى كۆرىمەن› دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويدۇڭمۇ؟› دېدى. ئۇ: ‹ياق› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ‹ئۇنداقتا، ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويغىن› دېدى. ئۇ ھېلىقى ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ: ‹مەن سېنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن› دېدى. ئاندىن ئۇ ئادەم: ‹سەن مېنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن ئىكەنسەن، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرگەي!› دېدى»[2].

2.     «ھەدىيە بېرىشىڭلار مۇھەببىتىڭلار ئاشسۇن»[3]. ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە ھەدىيە بېرىشىش ئارقىلىق مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرالايدۇ. تۇيۇقسىز تەقدىم قىلىنغان ھەدىيەلەر مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا ئەر ئايالىغا ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسىنى ھەدىيە قىلىشى، ئايالمۇ شۇنداق قىلىشى تولىمۇ مۇھىمدۇر.

ئائىلە مۇھەببەت ۋە شەپقەت بىلەن داۋاملىشىدۇ

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: « كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپلەرنى ياراتقانلىقى ۋە ئۇلار بىلەن ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق ئورناتقانلىقى ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر». بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى، ئەر-ئاياللارنى ياشلىقىدا مۇھەننەتنىڭ كۈچى باغلاپ تۇرىدۇ، ياشانغاندا مېھرىبانلىقنىڭ كۈچى باغلاپ تۇرىدۇ. بىر كۈنى 2- خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ يېنىغا بىر ئادەم كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئايالىدىن شىكايەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا: «ئاراڭلاردا مۇھەببەتقۇ تۈگەپتۇ، مېھرىبانلىق قېنى؟» دەپ ئۇنىڭغا كايىيدۇ. چۈنكى، ئەر-ئايالنى باغلاپ تۇرغان ئىككى ئامىلنىڭ بىرى بولغان مۇھەببەت يوقالغان تەقدىردىمۇ، مېھرىبانلىق داۋام قىلىشى كېرەك. ۋاپادار ئىنسانلاردا بۇ خىسلەت چوقۇم بولىدۇ. بۇنىڭغا ئىككى مىسال:

1.      مەككە فەتھى قىلىنغان كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى ئالدىراش ئىدى، ئۇنىڭغا سالام بەرگىلى كەلگەنلەر، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يامانلىقلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىلى كەلگەنلەر، يېڭىدىن ئىمان ئېيتىپ كەلگەنلەر، ئۇنى ئۇزۇن زامان كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەھۋاللاشقىلى كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىغا قوبۇل قىلىپ ئولتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەكمۇ ياشىنىپ قالغان بىر ئايالنى كۆرۈپ قېلىپ، كەلگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ شۇ ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، چاپىنىنى يەرگە سېلىپ ئۇنى چاپاننىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتكە كىرىشىپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېلىقى ئايال بىلەن بىر سائەت مىقدارى سۆھبەتلىشىپ، ئۇنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى يىراقتىن كۆزىتىپ تۇرغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئۇ ئايال خەدىجىنىڭ دوستى ئىدى، خەدىجە ھايات ۋاقتىدا بۇ ئايال بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ تۇراتتى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇ ئايال بىلەن نېمە توغرۇلۇق سۆھبەتلەشكەنلىكىنى سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆتكەن كۈنلەرنى، خەدىجىنى ئەسلەپ پاراڭلاشتۇق» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كۈندەشلىكى قوزغىلىپ:«سىز ھازىرمۇ شۇ تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن قېرى خوتۇننى ئەسلەۋاتامسىز؟ ئاللاھ سىزگە ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى بەردى ئەمەسمۇ؟» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ياق، ئاللاھ ماڭا ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى بەرمىدى. ئىنسانلار مېنى ھەر نەرسىسىدىن مەھرۇم قىلغاندا، ئۇ ماڭا بارلىقىنى بەرگەن ئىدى، ئىنسانلار مېنى ئىنكار قىلغاندا، ئۇ ماڭا ئىمان ئېيتقان ئىدى»([4]) دېگەن.

2.      ياشىنىپ قالغان بىر ئادەمنى دىققەتسىزلىكتىن ئاپتوموبىل ئۇرۇۋېتىدۇ، ئەمما ئادەمنىڭ پۇتى ئازراق زەخمىلەنەەن بولسىمۇ، ئۇ قاتتىق يارىلانمايدۇ ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا ئالدىرايدۇ. ئاپتوموبىلدىكىلەر ئۇنىڭغا «توختاڭ، سىزنى دوختورغا ئاپىرىپ تەكسۈرتۈپ باقايلى» دەپ ئۇنىڭ ئاپتوموبىلغا چىقارماقچى بولىدۇ. ئەمما ئادەم ئۇنىمايدۇ ۋە «مېنىڭ ئىشىم ئالدىراش، ئايالىم كۈتۈپ قالىدۇ» دەپ مېڭىشقا تەمشىلىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئەپەندىم، تەن ساقلىقىڭىزدىن مۇھىم ئىش بولمايدۇ، ئايالىڭىزغا تېلېاون قىلىپ قويايلى. ئەمما سىزنى دوختورغا ئاپارمىساق بولمايدۇ» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ئادەم «ئايالىم تېلېاونغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ، ھەتتا مېنىمۇ تونۇمايدۇ. چۈنكى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇ نېرۋىسى ئاجىزلار دوختورخانىسىدا ياتىدۇ، مەن ھەر ئەتىگىنى بېرىپ، ناشتىنى ئۇنىڭ بىلەن قىلىپ كېلىۋاتىمەن، شۇڭا مەن ھازىر ئۇنىڭ يېنىغا بارمىسام بولمايدۇ» دەيدۇ. ئۇلار ئادەمدىن «ئايالىڭىز بەرىبىر سىزنى تونۇمايدىكەن، ئۇنىڭ بىلەن ناشتا قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولقىنىڭىزنىڭ نېمىسى؟» دەپ سورايدۇ. ئادەم «ئۇ مېنى تونۇمىغان بىلەن، مەن ئۇنى تونۇيمەنغۇ؟ ئۇ مېنىڭ قەدىناس ھايات شېرىكىم ئىدىغۇ؟» دەيدۇ. بۇنىڭ ئاڭلىغانلار كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي قالىدۇ.

 

ۋاپادارلىق ئىنسان خىسلىتىدۇر

ئەر بىلەن ئايال تۇرمۇش قۇرۇپ، بىر مورىدىن تۈتۈن چىقىرىش جەريانىدا كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى بىللە يېڭىدۇ ۋە ھاياتنىڭ سىناقلىرىدىن بىللە ئۆتىدۇ. ئەر ئائىلەم دەپ بارلىقكىنى ئاتايدۇ، ئايالمۇ ئائىلەم دەپ چېچىنى سۈپۈرگە قىلىدۇ. ئەر ئايالىغا بارچە مۇھەببىتىنى ئاتايدۇ، ئۇنى ئاسرايدۇ، ئۇنىڭ ئېچتىياجلىرىنى تەل قىلىدۇ. ئايال ئېرىنى دەپ ئائىلىسىدىن ئايرىلىدۇ، ھەتتا ئېرىنىڭ فامىلىيەسىگە ئۆتىدۇ. ئايال دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان تولغاق ئاغرىقىنى بىلىپ تۇرۇپ گۈلدەك پەرزەنتلەرنى تۇغۇپ بېرىدۇ. ھەتتا نورمال ئىنسان ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسى 44 دەرىجە بولۇپ، ئۇنىڭ يۇقىرىسىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇكەن، ئەمما ئايال تۇغۇت ئەسناسىدا 57 دەرىجە ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىدىكەن.

 

ئاياللارمۇ ئەقىللىق

ئەرلەر ئەقىللىق بولغاندەك، ئاياللارمۇ ئەقىللىقتۇر. ئەمما ئەرلەرنىڭ ئەقلى ھېكمەتكە يېقىن، ئاياللارنىڭ ئەقلى ھېسسىياتقا يېقىن بولۇپ، ئەرلەر سوغۇق قانلىق بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ، ئەمما ئاياللار كۆپرەك ھېسسىياتقا بېرىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاياللارغا مۇئامىلە قىلىشتا ئۇنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تۈزىتىشكە ئۇرۇنغاندىن كۆرە، ئۇنى ئاشۇ كەمچىلىكلىرى بىلەن قوبۇل قىلىش ئەۋزەلدۇر.


[1] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[2] ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
[3] ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.
([4]) ئىمام ئەھمەد، تەبەرانى رىۋايىتى


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار