ئۆمرىڭىزنى قانداق ئۇزىتالايسىز؟

—            ئۆمرىڭىزنى قانداق ئۇزىتالايسىز؟

 

ھەممىمىز بىلىمىزكى، ھايات ئىنتايىن قىسقا، بىز ئەقىل-ھوشىمىزنى تېپىپ بولغۇچىلىك يېشىمىز بىر يەرلەرگە بېرىپ قالىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئۆمرىمىزدۇر. ئۆمرىمىز شۇنچىلىك قىممەتلىك، ھەتتا مىنۇت، سېكونتلىرى بىلەن ساناقلىق تۇرسىمۇ، كۆپىنچىمىز ئۇنى ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن زايە قىلىۋېتىمىز. ھەممە ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئىنتايىن ئاز كىشىلەرلا ئۇزۇن ياشىيالايدۇ، يەنى ئۆمرىنى بەرىكەتلىك ۋە مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ، ئەسلىگۈدەك ئىزلارنى قالدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. ئەسلىدە مۇھىم بولغىنى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئەمەس، ئىز قالدۇرۇپ كېيىنكىلەرنىڭ قەلبىدە ياشاشتۇر.

ھاياتىدىن ئىز قالدۇرۇپ كېيىنكىلەرنىڭ قەلب قاتلىرىدا ئۆزلىرىنى ياشىتالىغان كىشىلەر ھەقىقىي ياشىغانلاردۇر. ئىز قالدۇرۇش ۋە ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش شەرت ئەمەس. تارىخىمىزدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخسىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 34 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا چاقنىغان يۇلتۇزلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا ئەھمەدجان قاسىمىي 35 يىل، ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر 32 يىل، مەمتېلى تەۋپىق 36 يىل، لۇتفۇللا مۇتەللىپ 23 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. ئىسلام تارىخىغا قارايدىغان بولساقمۇ، ئىمام شافىئىي 54 يىل، ئىمام نەۋەۋىي 45 يىل، مۇھەممەد فاتىھ 49 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ يادى ھېچ ئۆلمىگەن ۋە ناملىرى تارىخقا ئۇيۇلۇپ كەتكەن.

بىز ئۆمرىمىزنى سان جەھەتتىن ئۇزىتالمىساقمۇ، نەتىجىلىرىمىز بىلەن ئۇزىتالايمىز. بىز مەڭگۈلۈك ئۆمۈر سۈرەلمىسەكمۇ، بىزگە بېرىلگەن شۇ ئۆمۈردىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى مەڭگۈلۈك قىلالايمىز. تارىختا ئىز قالدۇرغان كاتتىلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاشلا چەكلىك ئۆمۈرگە ئىگە ئىدى، ئەمما ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىشلار ئەمەس ئىدى. مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش بولۇشىڭىز ئەمەس، بەلكى كۈندىلىك ۋاقتىڭىز ۋە ئۆمرىڭىز قانداق ئىشلار بىلەن زايە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىشىڭىزدۇر.

بىلىمىزكى، ئۆمۈر ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، ئۇنى ئۆزى قانداق بەلگىلىگەن بولسا شۇنداق بولىدۇ. بىز ئۆمۈرنى سان جەھەتتىن ئۆزگەرتەلمەيمىز، ئەمما مەنە ۋە بەرىكەت جەھەتتىن ئۆزگەرتەلەيمىز. بۇنىڭ مۇنداق ئىككى يولى بار:

بىرىنچىسى، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى بويىچە ياشاش، يەنى تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان يامان ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇش، ئاخشىمى بۇرۇن يېتىپ، سەھەر تۇرۇش، ئاز يەپ، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى خۇشال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش.

ئىككىنچىسى، مۇھىم ۋە پايدىلىق ئىشلار بىلەن بولۇپ، بىھۇدە ئىشلاردىن ۋە ھەر تۈرلۈك ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن يىراق تۇرۇش.

گەرچە ئۆمرىمىز ئىلكىمىزدە بولمىسىمۇ، ئۇنى قانداق قوللىنىش بىزنىڭ ئىلكىمىزدىكى ئىشتۇر. دۇنياغا كېلىش بىزنىڭ ئىختىيارىمىز بىلەن بولمىسىمۇ، قانداق ياشاش بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدىكى ئىشتۇر. شۇڭا ھاياتىمىزنى مەڭگۈ ياشايدىغاندەك پائالىيەتچان قىلىشمۇ بىزنىڭ ئىلكىمىزدە. چۈكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت قايىم بولغان تەقدىردىمۇ، قولۇڭلاردىكى كۆچەتنى تىكىۋېتىڭلار» دېگەن.

كانادادا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە، بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىنى 80 يىل دەپ پەزەر قىلغاندا، ئۇ كارۋات ئۈستىدە ئويغاق ئۆتكۈزىدىغان كۈندىلىك بىر قانچە مىنۇتلۇق ۋاقتى ئۇنىڭ ئۆمرىدىن يەتتە يىلنى ئېلىپ كېتىدىكەن. ئەگەر ئۇ كىشى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا زىكىر ئېيتىش دۇئا قىلىش، كىتاب ئوقۇش، ئۆتكەن شۇ بىر كۈنلۈك ھاياتى ھەققىدە ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش دېگەندەك مەشغۇلاتلار بىلەن بولسا، ئاشۇ يەتتە يىلنى بىكار ئۆتكۈزمىگەن بولىدۇ.

گېرمانىيە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نورمال ئۆمۈر كۆرگەن بىر ئادەمنىڭ 11 يىل ئۆمرى تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىكەن (ئېنتېرنېت، يانفون، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىلەن ئۆتىدىغان ۋاقتىمىزنى قوشقاندا بۇ سان ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدۇ). بۇ ھەقىقەتەن چوڭ پاجىئە بولۇپ، ياش ۋاقتىمىزدا بۇنى ھېس قىلمايمىز، چۈنكى بىزنىڭ  ئالدىراشچىلىقىمىز بىزگە بۇ ھەقتە ئويلاش پۇرسىتى بەرمەيدۇ. ئەمما ياش ئىلگىرىلىگەنسېرى ئۆمرىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك چاغلىرىنى ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز.

 بىر ئادەم 80 ياشقا كىرگۈچە كۈندە سەككىز سائەتتىن ئۇخلىغان بولسا، پۈتۈن ئۆمرىنىڭ 27 يىلىنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈگەن بولىدىكەن. ئەگەر ئۇ كۈنىگە سەككىز سائەت ئۇخلاشنىڭ ئورنىغا يەتتە سائەت ئۇخلىسا، بىر يىلدا 365 سائەتنى تېجەپ قالغان بولىدىكەن. بۇ پۈتۈن ھاياتىنىڭ 40 ئېيىغا تەڭ كېلىدىكەن. ۋاقىتنى تېجەش، ئۇنى ئەڭ پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۆمۈرنى ئۇزىتىشنىڭ يولى ۋە دانالارنىڭ خىسلىتىدۇر. ئىسلام تارىخىدا، قالدۇرغان ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن، ئەسەرلىرى ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنىگە 90 بەتتىن توغرا كېلىدىغان ئەزىمەتلەر ئورۇن ئالغان. ھازىرقى زاماندىمۇ شۇنداق ئەزىمەتلەر ئاز ئەمەس، مەسىلەن: سۈرىيەدە بىر ئالىم ئۆزىنىڭ 22 توملۇق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى ھەر كۈنى ناماز بامداتتىن كېيىنكى ئىككى سائەتلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ 8 يىلدا يېزىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان.

يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە، يەر يۈزىگە ۋە باشقىلارغا يۈك بولۇپ ياشاشنى ئۆزىگە راۋا كۆرىدىغان، ھورۇن، غەيرەتسىز، نىشانسىز، پىلانسىز ھايات كەچۈرىدىغان ئىنسانلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا بۇنداقلار توغرۇلۇق ئالىملاردىن بىرى مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بەزىلەرنىڭ قەبرە تېشىغا، <30 ياشتا ۋاپات بولدى، 60 ياشتا دەپنە قىلىندى> دەپ يېزىپ قويۇش كېرەك». چۈنكى، بۇنداق ئىنسان ئۆمرىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك چاغلىرىنى غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەن.

ئىبرەت

—            سىزگە تەقدىر قىلىنغان ئۆمرىڭىزنى ئۇزىتالمايسىز، ئەمما ئۇنى نەتىجىلىرىڭىز بىلەن مەڭگۈلەشتۈرەلەيسىز.

—            دۇنياغا كېلىش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدىكى ئىش ئەمەس، ئەمما قانداق ياشاش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدىكى ئىشتۇر.

—            ھاياتىڭىزدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھەربىر كۈنى سىزنىڭ بىر پارچىڭىزنى ئېلىپ كېتىدۇ. چۈنكى، سىز — خۇددى ئىمام ھەسەن بەسرىي ئېيتقاندەك،— ۋاقىتتىن تەركىب تاپقان بىر مەۋجۇداتسىز.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار