بىدئەت ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرى

بىدئەت ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرى
مۇھەممەد يۈسۈپ

سوئال: بىدئەت دېگەن نېمە؟

جاۋاب: بىدئەت ـ لۇغەت ئېتىبارى بىلەن، يېڭىلىقلارنى ئىجاد، ئىختىرا ۋە پەيدا قىلىش دېمەكتۇر.

يېڭىلىق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچىسى، زامانىمىزدىكى پەن ـ تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا ئوخشاش، دۇنيا ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىلىقلار بولۇپ، ئۇلارنى ئىجاد ۋە ئىختىرا قىلىش ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنغان ياخشى ئىشلاردىندۇر.

ئىككىنچىسى، دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىش بولۇپ، ئۇ قەتئىي چەكلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. چۈنكى، دىن ئۆز ۋاقتىدىلا تاكامۇللىشىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ھېچقانداق يېڭىلىق ياكى ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر كامالەتتۇر. چۈنكى كامالىغا يەتكەن نەرسە زىيادىنى قوبۇل قىلمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى بىدئەت پەيدا قىلىشتىن مەنئى قىلىپ: «كىمكى بىزنىڭ بۇ دىنىمىزغا، ئۇنىڭدا بولمىغان نەرسىلەرنى پەيدا قىلىۋالىدىكەن، ئۇ قەتئىي رەت قىلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن([1]) .

سوئال: دىندا پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەر قايسىلار؟

جاۋاب: دىندا پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەر ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچى تۈردىكىسى، سۆز ۋە ئېتىقادتىكى بىدئەتلەردۇر. ئۇلار ئىسلامدىكى ئازغۇن مەزھەپلەردىن: مۇتەزىلە، جەھەمىيە، رافىزە، خاۋارىج ۋە بەزى شىئەلەرنىڭ ئېتىقاد سىستېمىلىرىدىكى بىدئەتلەردۇر.

ئىككىنچى تۈردىكىسى، ئىسلام دىنىدا بەلگىلەنگەن ئەمەل ـ ئىبادەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىدئەتلەر بولۇپ، ئەمەل ـ ئىبادەتلەرنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن يوسۇندا ئادا قىلماسلىق ياكى يېڭى ئىبادەت سىستېمىلىرىنى بەلگىلىۋېلىش قاتارلىقلاردۇر. بىزنىڭ توختىلىدىغىنىمىز بىدئەتلەرنىڭ بۇ خىلدىكىسىدۇر.

بىدئەت دىننىڭ دۈشمىنىدۇر

بىدئەت شۇنداق يامان بىر يول بولۇپ، ئۇ دىندارلارنى يولدىن چىقىرىشقا، ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىدىن ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىشقا يېتەرلىكتۇر. بىدئەت دىننىڭ دۈشمىنىدۇر، بىدئەت سادىر قىلىشنىڭ جازاسى گۇناھ-مەسىيەت قىلىشنىڭ جازاسىدىن ئېغىردۇر. چۈنكى بىدئەتچى قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلمايدۇ ۋە ھەممىنى توغرا قىلدىم، دېگەن ئېتىقاد  بىلەن قىلىدۇ. ئەمما گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلغۇچى گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىدۇ ۋە ھېچبولمىغاندا ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى بىلىدۇ.

سوئال: مەنئى قىلىنغان بىدئەتلەر قايسىلار؟

جاۋاب: مەنئى قىلىنغان بىدئەتلەر  ئومۇمەن دىندىن ئەسلىسى يوق. پەقەت كىشىلەر تەرىپىدىن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىق ئىزدەش نىيىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئىشلاردۇر. بۇلار قىسقىچە تۆۋەندىكىلەردۇر:

     1. مەلۇم بىر ئىبادەتنىڭ ئەسلى بۇيرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەستىن پاكىتسىز ھالدا ئىبادەت شەكىللىرىنى بەلگىلىۋېلىش. مەسىلەن: ئەۋۋابىن نامىزى، پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش نامىزى دېگەنگە ئوخشاش قۇرئان ۋە سۈننەتتىن دەلىلى بولمىغان نامازلار.

   2. بۇيرۇلغان ئەسلى ئىبادەتلەرگە بىر نەرسە زىيادە قىلىپ قوشۇۋېلىش.

   3. ئىبادەتلەرنى بۇيرۇلغان قائىدە ـ سىستېمىسى بويىچە ئادا قىلماستىن، يېڭى قائىدە- تەرتىپلەرنى پەيدا قىلىۋېلىش. مەسىلەن: ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغانلىقتىن، ئۆيلىنىش، دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن پايدىلىنىش قاتارلىقلاردىن يۈز ئۆرۈپ تەركىدۇنيا بولۇۋالغانغا ئوخشاش.

   4. بۇيرۇلغان ئەسلى ئىبادەتلەرگە ئۆزلۈكىدىن ۋاقىت بەلگىلىۋېلىش. مەسىلەن: بارائەت كېچىسىنىلا كېچە نامىزىغا مەخسۇس قىلىۋالغانغا ئوخشاش. چۈنكى كېچە نامىزى مەخسۇس بىر كېچە ئۈچۈنلا بەلگىلەنگەن ئىبادەت بولماستىن، بەلكى يىلنىڭ قايسى كېچىلىرىدە بولمىسۇن ئوقۇسا بولىدىغان نەپلە (ئىختىيارى) ئىبادەتلەردىندۇر. شۇڭا ئۇنى بارائەت كېچىسىگىلا مەخسۇس قىلىۋېلىش بىدئەت سانىلىدۇ.

سوئال: بىدئەتلەر ياخشى بىدئەت ۋە يامان بىدئەت دەپ ئايرىلامدۇ؟

    جاۋاب: بىدئەتلەرنى «بىدئەت ھەسەنە — ياخشى بىدئەت» ۋە «بىدئەت سەييىئە — يامان بىدئەت» دەپ ئايرىغۇچىلار خاتالاشقانلاردۇر. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كل بدعة ضلالة» يەنى «بىدئەتنىڭ ھەرقاندىقى زالالەتتۇر» ([2])  دېگەن سۆزىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلاردۇر. ھافىز ئىبىن رەجەب قىرىق ھەدىسنىڭ شەرھىدە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹بىدئەتنىڭ ھەرقاندىقى ئازغۇنلۇقتۇر» دېگەن سۆزى لەۋزى قىسقا، مەنىسى مول سۆز بولۇپ، ئۇ بىدئەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەدىس دىنىمىزنىڭ ئومۇمىي قائىدىلىرىدىن بىرىنى بايان قىلماقتا. دىنغا مەنسۇپ قىلىنغان ھەرقانداق يېڭىلىق ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتۇر. بىدئەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلار ئازغۇنلاردۇر. دىنىمىز بۇنداقلاردىن بىزاردۇر» دەپ يازغان.

«بىدئەت ھەسەنە» بار دەپ دەۋا قىلغۇچىلار بۇ دەۋالىرىنى ئاقتۇرالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ دىندىن ئېتىبارلىق دەلىل ـ ئىسپاتى يوقتۇر. پەقەت ئۇلار ئۆمەر ئىبىن خەتتابنىڭ تەراۋىھ نامىزى ئۈچۈن «بۇ نېمە دېگەن ياخشى بىدئەت(يېڭىلىق)» دېگەن سۆزىنىلا  بىدئەت ھەسەن بار دېگەن دەۋالىرى ئۈچۈن دەلىل قىلىپ كۆرسەتسە كېرەك. لېكىن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ بۇ سۆزىدە بىدئەتنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسىنى مەقسەت قىلغانلىقى ناھايىتى ئېنىقتۇر. چۈنكى دىندىن بىرەر دەلىلى بولغان نەرسە ھېچ قاچان ئىسلام تېرمىنلىرىدىكى بىدئەتكە كىرمەيدۇ. تەراۋىھ نامىزىنىڭ دىنىمىزدا ئەسلى بار بولۇپ، ئۇ سۈننەتتۇر. بەزىلەر مۇنداق سوئال قويۇشى مۇمكىن: ساھابىلەرنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ زامانىدا بەزى دىنىي يېڭىلىقلار بولغان. مەسىلەن: قۇرئان سۈرىلىرى توپلىنىپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈلگەن، كېيىنچە ھەدىسلەرمۇ توپلىنىپ دىۋان قىلىنغان، بۇلار بىدئەت يەنى يېڭىلىق ئەمەسمۇ؟ ئۇلارغا شۇنداق جاۋاب بېرىمىزكى، قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ توپلىنىپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈلۈشى  دىندىكى بىر يېڭىلىق ئەمەس، بەلكى بۇ ئىشلارنىڭ دىنىمىزدا ئەسلى باردۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ھايات ۋاقتىدا قۇرئان ئايەتلىرىنى ۋە سۈرىلىرىنى يېنىدىكى مەخسۇس كاتىبلىرىغا ھەمىشە يازدۇرۇپ تۇراتتى. شۇ ۋاقىتتا مەخسۇس قۇرئان ئايەتلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېغىزىدىن يېزىپ تۇرىدىغان قىرىققا يېقىن مەخسۇس ۋەھىي كاتىبلىرى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئان سۈرىلىرىنى جەملەپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرگەن، كېيىنچە ئۈچىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئوسماننىڭ دەۋرىدە ئۇنىڭ پەرمانى بىلەن قۇرئان نۇسخىلارغا كۆپەيتىلىپ ئىسلام مەملىكەتلىرىگە تارقىتىلغان. ھەدىسلەرنىڭ توپلىنىپ دىۋان قىلىنغانلىقىمۇ بىدئەت ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ھايات ۋاقتىدا بەزى ھەدىسلەرنى ساھابىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇلارغا يازدۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاۋۋالدا ھەدىسلەرنى يېزىشتىن مەنئى قىلغان. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا قۇرئان تېخى چۈشۈشكە داۋام قىلىۋاتقان بولغاچقا بەزى كىشىلەرنىڭ ھەدىسلەرنى قۇرئان ئايەتلىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى بىلەن بۇ مەنئى ئەمەلدىن قالغان بولدى. چۈنكى قۇرئاننىڭ چۈشۈشى توختىغان، ئۇنىڭ ئايەت ۋە سۈرىلىرى ھازىرقى تەرتىپى بويىچە يېزىلىپ توپلىنىپ بولغانىدى. ئاندىن مۇسۇلمانلار ھەدىسلەرنى زايە بولۇپ كەتمىسۇن دېگەن مەقسەت بىلەن ئۇلارنى توپلاپ دىۋان ھالىغا كەلتۈرگەن. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىدئەت ئەمەس. چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ دىنىمىزدا ئەسلى بار.

    ئىسلام دىنىنىڭ بىدئەتلەرنى مەنئى قىلىشىنىڭ ھېكمىتى
سوئال: ئىسلام دىنىنىڭ بىدئەتلەرنى قەتئىيلىك بىلەن مەنئى قىلىشىنىڭ ھېكمىتى نېمە؟

جاۋاب: ئىسلام دىنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بەلگىلىمىگەن قائىدە ـ قانۇنلارنى كىشىلەرنىڭ بۇ دىنىغا بەلگىلىۋېلىشىنى ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن بولسىمۇ دىندا بۇيرۇلمىغان ئىشلارنى ئىبادەت دەپ ئاتاپ بۇ دىنغا كىرگۈزۈۋېلىشىنى قەتئىيلىك بىلەن مەنئى قىلىشتا ناھايىتى ھېكمەتلىك ئىدى. ھەتتا ناھايىتى ئوچۇق ۋە كەسكىن ھالدا«كل بدعة ضلالة» يەنى «بىدئەتنىڭ ھەرقاندىقى زالالەتتۇر» دەپ ئېلان قىلدى. دىنلار تارىخىدىن ئازراق بولسىمۇ خەۋىرى بولغان ھەرقانداق ئادەم، ئىسلام دىنىنىڭ بىدئەتلەرنى قەتئىي تۈردە مەنئى قىلغانلىقىدىكى ھېكمەتلەرنى ئوچۇق ۋە ئاشكارا كۆرەلەيدۇ.

تارىختىن بېرى پۈتۈن دىنلارنىڭ بۇزۇلۇشىغا ۋە ئاخىرى بېرىپ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىغا بىردىنبىر سەۋەب بولۇپ كەلگەن نەرسە ــ بىدئەتتۇر.

1. بىدئەت ـ دىن دۈشمەنلىرىنىڭ دىندارلارنى ئۆز غايىلىرىدىن ئاداشتۇرۇش ۋە دىندىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان قۇرالى بولۇپ كەلدى. دىن دۈشمەنلىرى دىندارلار سېپىگە كىرىۋېلىپ، دىندارلاردىن بەزى نادانلارغا ئۆزلىرىنىڭ كۆرۈنۈشتە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش، ئەمما غايىسى ئۇلارنى دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن چىقىرىشتىن ئىبارەت ھىيلە ـ مىكىرلىرىگە قايىل قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ دىنىنى، بەخت ـ سائادىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئېتىقاد ۋە ئىبادەتلىرىنى بولسا خاراب قىلدى. ئۇلارنىڭ دىنىي تەلىماتلىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا قەتئىي پۇرسەت بەرمەستىن، ھەدەپ تۈرلۈك خۇراپاتلارنى ئىبادەت نامى بىلەن دىنغا ئېلىپ كىرىشكە باشلىدى. بارلىق خۇراپات ۋە بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ ئىشىكىنى ئەنە شۇ لەنىتى بىدئەت ئېچىۋەتتى. كېيىنچە ئۇلار بىدئەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. نەتىجىدە، مەزكۇر دىنلار تۈپ ئاساسىدىن بۇزۇلدى.

2. بىدئەت يولى بىلەن، ساماۋى دىنلارغا شېرىك، بۇددىستلىق ئەقىدىلىرى ھەدەپ كىرىپ كەلدى، نەتىجىدە دىندارلار ئۆزلىرىنىڭ ھەق دىنىدىن ئېزىپ، ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش يوللىرىغا كىرىپ كەتتى ۋە ئاللاھ تائالادىن باشقا مەبۇدلارغا چوقۇنۇش بىلەن تۈگەشتى. ئەسلى ساماۋى دىن بولغان خىرىستىيان دىنىنى مىسال قىلىدىغان بولساق، خىرىستىيانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالانىڭ ئوغلى ۋە ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرى، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېيتقان ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى دەپ ئېلان قىلغان. مەتتا ئىنجىلى 18ـ باب 20ـ تېكىستتە ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆزى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «ئەمما ئىنسان ئوغلىنىڭ (يەنى مېنىڭ) بېشىنى قويىدىغان يېرى يوق»، يەنە شۇ بابنىڭ 64ـ تېكىستىدە «ئىيسا: ـ مەن ھازىردىن باشلاپ سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەر كۆرۈپ تۇرغان كىشى ئىنسان ئوغلىدۇر ـ دېدى» دەپ قەيت قىلىنغان.

بۇرۇنقى خىرىستىيانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى«كىرېست »قا باغلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن دېگەن ئېتىقاد بىلەن، «كىرېست »نى ئۇلۇغلىغان بولسا، ھازىرقىلىرى ئۆزلىرى ئىلاھ دەپ بىلىدىغان ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى قويۇپ، «كىرېست » نىڭ ئۆزىگە چوقۇنماقتا.

3. بىدئەت يولى بىلەن دىندا چېكىدىن ئېشىش، دىندارلارغا ئۇلار تاقەت قىلالىغۇسىز، ئېغىر تەلەپلەرنى قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنى دىندىن زېرىكتۈرۈش قاتارلىق سەلبىي نەتىجىلەر كېلىپ چىقتى.

4. بىدئەت يولى بىلەن كىشىلەر دىنلاردا خالىغانچە قانۇن-تۈزۈملەرنى ۋە يېڭى ئىبادەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقتى. دىن ئادەملىرى ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھ  تائالا ھالال قىلغان دۇنيا زىننەتلىرى ۋە خۇشپۇراق نەرسىلەرنى دىندارلارغا ھارام قىلدى. ئۇلار «دىن» نامى بىلەن دۇنيا ئىشلىرىغا سەلبىي نەزەردە قارىدى. ئىمان دەۋاسى بىلەن كىشىلەرنىڭ بەخت ـ سائادەتلىرىنى بوغدى. ئاللاھ تائالاغا يېتىمىز دېگەن گۇمان بىلەن بەندىلەرنى ئازابلىدى. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالانى رازى قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىنى خاراب قىلدى. بۇ ئورۇندا خىرىستىيان دىن ئادەملىرىنىڭ( ئۆلىمالىرىنىڭ) ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش دەۋاسى بىلەن، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا خىلاپ ھالدا، ئىنسان تەبىئىتىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان «تەركىدۇنيالىق» تەرغىباتىنى ئەۋجىگە چىقىرىشى ئارقىلىق پۈتۈن ياۋروپا خەلقىنى دىندىن زېرىكتۈرگەنلىكى، ئاخىرىدا ياۋروپادا SECULARESM «دىننى سىياسەتتىن ئايرىش» ئېقىمىنىڭ چىقىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلىش يېتەرلىك.

5. بىدئەت يولى بىلەن ـ دىنلاردا تەرەققىياتقا، ئىلىم ـ پەنگە ۋە ھەر قانداق كەشپىياتلارغا قارشى يېڭى نىزاملار ئويدۇرۇپ چېقىلدى . ھەتتا ياۋروپا خەلقى خىرىستىيان دىن ئادەملىرىنىڭ بېسىمدارلىقىدىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھالغا كەلدى. چۈنكى دىن ئادەملىرى ئىلىم ـ پەن خادىملىرىنى، كەشپىياتچىلارنى كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىپ ئۆلتۈرۈپلا تۇردى. يەرشارىنىڭ توپ شەكىللىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان ئالىم گالېلى گالېليونى خىرىستىيان چېركاۋىدىن كاپىرلىققا ھۆكۈم قىلىپ ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقىمۇ بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

    بىدئەتلەرنى مەنئى قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىلىرى
سوئال: ئىسلام دىنىنىڭ بىدئەتلەرنى مەنئى قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: ئىسلام دىنىنىڭ بىدئەتلەرنى قەتئىي مەنئى قىلىپ كەلگەنلىكى نەتىجىسىدە، دىنىي ئەقىدىلىرىمىز، ئىبادەتلىرىمىز ۋە پۈتۈن پائالىيەتلىرىمىز پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ تا مۇشۇ كۈنگىچە ھېچ قانداق ئۆزگەرتىش ۋە بۇزۇلۇشلارغا ئۇچرىماستىن، كەم ـ زىيادە قىلىنماستىن داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئېتىقادلار ۋە ئىبادەتلەرنىڭ ئاساسلىق جەۋھىرى مەسىلىلىرىدە پۈتۈن ئىسلام مەزھەپلىرى بىردەك ئىتتىپاقتۇر. مەسىلەن: دىنىمىزدىكى ئېتىقاد مەسىلىلىرى ۋە دىنىمىزدىكى ناماز، روزا، زاكات، ھەج ۋە باشقا بارلىق ئىبادەتلەر پۈتۈن كەيپىيەتلىرى بىلەن شىئە بولسۇن، سۈننى بولسۇن ۋە باشقا مەزھەپلەر بولسۇن، ھەممىسىدە بىر خىلدۇر. مەزھەپلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار ئاساسەن كىچىك مەسىلىلەرگە يەنى مۇستەھەب (ياخشى سانالغان ئىشلار)، مەكروھ (يامان سانالغان ئىشلار) دېگەندەك مەسسىلىلەرگىلا مەركەزلەشكەن. ئېتىقاد، ئەخلاق، ئىبادەت، ھالال ـ ھارام، مۇئامىلە ۋە قانۇن ـ پىرىنسىپ مەسىلىلىرىدە مەزھەپلەر ئارسىدا ئىختىلاپ يوقتۇر. مانا بۇ، ئىسلام دىنىغىلا خاس بىر ئىمتىيازدۇر. يەر يۈزىدىكى ھېچقانداق بىر دىن ئىسلام دىنى ئېرىشكەن بۇ ئىمتىيازغا ئېرىشەلىگەن ئەمەس. باشقا ھەرقانداق بىردىندا ئىبادەتلەر ھەتتا ئېتىقادلار يىللار بىلەن ئۆزگىرىپ، ئەسىرلەر بىلەن بۇزۇلۇپ كەلگەن. چۈنكى ئىسلام دىنىدىن باشقا بىر دىندا، بىدئەتلەرنى مەنئى قىلىشتا قاتتىق تەلەپ قويۇلمىغان. ئەمما ئىسلام دىنى ئىشنىڭ بېشىدىلا ئىنسانلار تەرىپىدىن بۇ دىنغا قائىدە ـ نىزام ۋە ھەرخىل دىنىي يېڭىلىقلارنى، دىندا بۇيرۇلمىغان ئىبادەت شەكىللىرىنى كىرگۈزۈشكە قەتئىي يول قويماي كەلدى. ئىسلام دىنىدا ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە خىرىستىيان دىنىدا بولغىنىغا ئوخشاش «دىن ئادەملىرى» دەپ ئاتىلىدىغان دىنىي بېسىمدارلار مەۋجۇت ئەمەس.

ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمنىڭ دىننى ئۆزگەرتىش ۋە كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ نامىدىن كەچۈرۈم قىلىش، ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان نېمەتلەردىن دىندارلارنى مەنئى قىلىش ھوقۇقى يوقتۇر. ئىسلام دىنىدا ئىبادەتلەر بىۋاسىتە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگىلا قىلىنىدۇ، ئۇنى پەقەت ئاللاھ  تائالا ئۆزىلا قوبۇل قىلىدۇ. گۇناھلارنى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىسا كەچۈرىدۇ. بۇ ماۋزۇدا خىرىستىيان دىنىنىڭ ھازىرقى قانۇنىغا قارايدىغان بولساق: ئۇنىڭ خىرىستىيان دىن ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىنجىلدىكى نۇرغۇن ئەھكاملارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، ھەمدە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ "مەن دىننى كېمەيتىش ئۈچۈن ئەمەس، تولۇقلاش ئۈچۈن كەلدىم" دەپ ئېلان قىلغان مۇقەددەس دەستۇرىغا خىلاپلىق قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق كۆرىمىز.

توغرا، ئىسلام دىنىدىمۇ، بەزى دەۋرلەردە ئۆزلىرىنى ئىسلامغا مەنسۇپ قىلىۋالغان ئازغۇنلارنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە بۇيرۇلمىغان بىر قىسىم بىدئەتلەرنى ئىبادەت نامى بىلەن دىنغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنغانلىقى راست. ئەمما ھەر دەۋردە ئىسلام دىنىنى تۈرلۈك بۇرمىلاشلاردىن قوغداپ تۇرىدىغان ھەقىقەتپەرۋەر كىشىلەر كەم بولمىغاچقا، بۇنداق بىدئەتلەر ئۆز ۋاقتىدىلا رەت قىلىنىپ كەلدى. چۈنكى بۇ دىننى تا قىيامەتكىچە ھەر قانداق بىر ئۆزگەرتىش ۋە كەم ـ زىيادە قىلىشلاردىن ساپ قىلىپ، ساقلىغان ھالدا ئاخىرغىچە داۋام قىلدۇرۇش ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى ئىدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق بۇ ۋەدىسىنى مۇنداق دەپ ئېلان قىلغان. «بۇ ئۈممەتكە ئاللاھ تائالا ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا ئۇلارنىڭ دىنىنى يېڭىلايدىغان (يەنى بىدئەتلەردىن تازىلايدىغان) بىرىنى چوقۇم ئەۋەتىپ تۇرىدۇ»([3]) . ئاللاھ تائالا يەنە قۇرئان كەرىمدە ﴿إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا ٱلذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ﴾يەنى ﴿قۇرئاننى بىز چۈشۈردۇق، ئۇنى چوقۇم قوغدايمىز﴾([4]) دەپ ۋەدە قىلغان. مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىم قوغدالغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ دىنى، ئېتىقادى، ئىبادەتلىرى ۋە پۈتۈن ئىشلىرى قوغدىلىدۇ دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ۋەدىسى ئەمەلىيەتتە ئەمەلگە ئېشىپ كەلمەكتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن «سىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن سۈننەتلىرىمنى قويۇپ كەتتىم، سىلەر بۇ ئىككىسىنى چىڭ تۇتساڭلار، مەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئېزىپ كەتمەيسىلەر»([5]) .

مۇسۇلمانلار مۇشۇ پىرىنسىپقا چىن ئەمەل قىلىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ پۈتۈن ساھابىلەر، خەلىپىلەر، تابىئىنلار (ساھابىلەردىن كېيىنكى ئەۋدلار) ۋە مەزھەپ ئالىملىرى بىدئەتنى مەنئى قىلىشتا ئىنتايىن ھوشيارلىق بىلەن ئىش كۆردى، ئاددىي بىر بىدئەتنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا رەت قىلىپ كەلدى. چۈنكى ھەرقانداق چوڭ ئىشلار كىچىكتىن باشلىنىدۇ.

ئىمام مالىك بىدئەت توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «بۇرۇنقىلاردا بولمىغان بىرەر ئىشنى مۇشۇ ئۈممەتنىڭ دىنىغا كىرگۈزمەكچى بولغان كىشى، ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دىنغا خىيانەت قىلغان (يەنى دىننى تولۇق يەتكۈزمىگەن) دەپ تۆھمەت قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ﴿بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم﴾ دېگەن، دىنمۇ ئۆز ۋاقتىدا كامالىغا يېتىپ بولغان. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، شۇ ۋاقىتتا دىندىن سانالمىغان نەرسە ھازىرمۇ دىندىن سانالمايدۇ».

(پېقىرنىڭ «ئىسلام ئەقىدىلىرى» ناملىق ئەسىرىدىن).



([1]) بۇخارى رىۋايىتى.
 (1) ئەبۇداۋۇد ۋە ئىبن ماجە رىۋايىتى.
([3]) ئىمام ئەبۇداۋود رىۋايىتى.
([4]) ھىجر سۈرىسى 9 ـ ئايەت.
([5]) يۇخارىي رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار