مىلادىيە 2-ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى ئاشىق- مەشۇقلار بايرىمىنى خاتىرىلەشنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە

ئاشىق- مەشۇقلار بايرىمىنى خاتىرىلەشنىڭ ھاراملىقى

 

  مۇھەممەد يۈسۈپ

 ئەقىدىسىز ياكى ئەقىدىسى مۇستەھكەم بولمىغان، ئىمانى ئاجىز ئادەملەر مەنىۋى بوشلۇق ۋە مەنىۋى قاششاقلىق ئىچىدە ياشايدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۆزىدىكى بۇ مەنىۋى بوشلۇق تولدۇرۇش، ئۆزىنىڭ مەنىۋى نامراتلىقىنى بېيىتىش ئۈچۇن، ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى دورايدۇ، ئۇلارنى تەقلىد قىلماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يا ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان دىنغا مەنسۇپ بولالمىغان ياكى ئۆزى دورىغان دىنغا مەنسۇپ بولالمىغان، ئىككى ئارىدا زايە بولۇپ كېتىدۇ.

  تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەش بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى ۋە ئاشىق_ مەشۇقلار بايرىمى قاتارلىق بايراملار مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى ئەمەس. بۇلار خىرىستىيانلارنىڭ دىنى بايراملىرىدۇر. دۇنيادا ھېچبىر خىرىستىيان ياكى يەھۇدىي ۋە ياكى بىرەر بۇددىست مۇسۇلمانلارنىڭ بايراملىرىنى قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مۇسۇلمانلارنى دورىمايدۇ. ئەمما مىڭ ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئەقىدىسىز ياكى ئەقىدىسى ۋە ئىمان ئاجىز كىشىلەر بىلىپ _ بىلمەي باشقا دىندىكىلەرنىڭ ئىشلىرىنى دوراشقا ئامراقتۇر.

ئاشىق _ مەشۇقلار بايرىمى زىنا قىلغان ياشلارنى قوغدىغانلىقى تۈپەيلىدىن ياۋروپا چېركاۋسىنىڭ جازاسىغا يولۇقۇپ، مىلادىيىنىڭ  270_ يىلى 14_ فېۋرال كۈنى خىرىستىيان چېركاۋلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىغان خىرىستىيان پوپ داي ۋالىنتاين (day valentine) نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن خىرىستىيانلار پەيدا قىلغان، ئەسلىدە رىملىقلارغا ئائىت جاھىلىيەت قالدۇقلىرىدىن بولۇپ، ھازىرقى زامان خىرىستىيانلىرى بۇ ئادەتنى بايرام شەكلىدە داۋاملاشتۇرۇرپ كەلمەكتە.

بۇ بايرامنىڭ ئەڭ توغرا تەرىپى _ زىناكارلارنىڭ بايرىمىدۇر. چۈنكى زىنا قىلغۇچىلارنى قوللايدىغان ۋە زىناغا تەشەببۇس قىلىدىغان بۇنداق بىر بايرامنىڭ بۇنىڭدىن ياخشىراق بىر ئىسمى يوقتۇر.

   بۇ بايرام ھازىر ئاشىق _ مەشۇقلار بايرىمى دەپ ئاتالغان بۇ كۈن ئەر _ خوتۇن بولمىغان يات كىشىلەرنىڭ ھارام مۇھەببەتنىڭ داستانلىرىنى ياشايدىغان كۈنى بولۇپ قالماقتا. دېمەك، كىشىلەر زىنا _ پاھىشە ئىشلارنى بۇ كۈندە كۆپرەك قىلىدۇ، ھەتتا 14 _ فېۋرال كۈنىدە بەزى رايونلارنىڭ مېھمانخان كۈتۈشلىرىدە ئادەم كۆپلۈكىدىن بوش ياتاق تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز.  ئۆزىنى مۇسۇلمانلىققا مەنسۇپ قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇنداق بىر زىنا كۈنىنى «بايرام»دەپ تونۇشى توغرىمۇ؟

ئىسلام ئۆلىمالىرى قەدىمدىن باشلاپ مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ قانداقلا بىر ئۆر_ ئادىتىنى دوراشتىن توسۇپ كەلگەن. چۈنكى مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ مۇسۇلماننىڭ ئەقىدىسىگە، مۇسۇلمانچە ئۆرپ – ئادەتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئادەتلىرىنى دوراش چەكلەنگەن ھارام ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق قىلىشتىن توسۇپ ۋە ئۇنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆزىنى باشقا بىر قەۋمگە ئوخشىتىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ».()[1] ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۆزىنى باشقىلارغا ئوخشىتىۋالغانلار بىزدىن ئەمەس»()[2].

   يۇقىرىقى ھەدىسلەردىكى «باشقىلار» ۋە «باشقا بىر قەۋم» سۆزلىرىدىن مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەر مەقسەت قىلىنغان. زامانىمىزدا ئۆزىنى مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەرگە ئوخشىتىۋېلىش ئېقىمى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلماقتا.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرى، خۇسۇسەن سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا ھەيئىتى ۋە كاتتا ئۆلىمالار كومىتېتى تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەش بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى ۋە ئاشىق_ مەشۇقلار بايرىمى قاتارلىق بايراملارنى قىلىشنىڭ قەتئىي ھاراملىقىنى ئوچۇق جاكارلىغان.



([1])  ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.
([2])  ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى .


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار