مەسجىدى ئەقسا ھەققىدە مەلۇمات

مەسجىدى ئەقسا ھەققىدە مەلۇمات
مۇھەممەد يۈسۈپ
1879. سوئال: مەسجىدى ئەقسا دېگەن قانداق مەسجىد؟
جاۋاب: مەسجىدى ئەقسا – يىراقتىكى مەسجىد( ) دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى مۇقەددەس جايلارنىڭ بىرى، ئىككى قىبلىنىڭ بىرىنچىسىدۇر. (كەبە قىبلە بولۇشتىن بۇرۇن مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى مەسجىدى ئەقسا ئىدى.) مەسجىدى ئەقسا قۇرئان كەرىمدە «مەسجىدى ئەقسا» دەپ ئاتاشتىن بۇرۇن بەيتۇلمەقدىس (مۇقەددەس ئۆي)دەپ ئاتىلاتتى. مەسجىدى ئەقسانىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1000 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئەتراپى رىشاتكىلانغان ھازىرقى قۇدۇس شەھىرىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ماڭا ئاپئاق بىر تۇلپار كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭغا مىندىم، تۇلپار مېنى بەيتۇلمەقدىسكە ئېلىپ باردى. تۇلپارنى پەيغەمبەرلەر ئاتلىرىنى باغلايدىغان مەخسۇس جايغا باغلىدىم. ئاندىن بەيتۇلمەقدىسكە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ چىقتىم. شۇ ۋاقىتتا جىبرىل ماڭا بىر قاچىدا ھاراق يەنە بىر قاچىدا سۈت ئېلىپ كەلدى. مەن سۈتنى تاللىدىم. جىبرىل ماڭا "سەن توغرىسىنى قىلدىڭ" دېدى. ئاندىن بىزنى بىرىنچى ئاسمانغا ئېلىپ چىقتى...»( ).
1880. سوئال: مەسجىدى ئەقسا نەدە ؟
جاۋاب: مەسجىدى ئەقسا پەلەستىندىكى قۇدۇس شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، 622- يىلى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن، ئاللاھ تائالا ئۇنى بىر كېچىنىڭ ئىچىدە مەككىدىن مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلۇغ مۆجىزىسىنى كۆرسەتكەن.
يەر يۈزىدىكى ئىككىنچى مەسجىد
1881. سوئال: يەر يۈزىدە ئەڭ ئاۋۋال بىنا قىلىنغان مەسجىد قايسى؟
جاۋاب: يەر يۈزىدە تۇنجى قېتىم بىنا قىلىنغان مەسجىد مەسجىدى ھەرەم بولۇپ، مەسجىدى ھەرەمدىن كېيىنلا مەسجىدى ئەقسا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئەبۇ زەر غەفارىي مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يەر يۈزىدە تۇنجى سېلىنغان مەسجىد قايسى؟ دەپ سورىۋىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "يەر يۈزىدە تۇنجى سېلىنغان مەسجىد مەسجىدى ھەرەمدۇر" دېدى. ئاندىن مەن يەنە ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى؟ دەپ سورىغىنىمدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "مەسجىدى ئەقسا" دېدى. ئاندىن يەنە مەن بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا قانچە يىل ئۆتكەن؟ دەپ سورىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "قىرىق يىل" دەپ جاۋاب بەردى»( )
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000- يىللىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ ئۇلىنى قايتا تۇرغۇزۇپ، مەسجىدى ھەرەمنى بىنا قىلغان بولسا، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام شۇ ۋاقىتتىن ئازراق كېيىنلا مەسجىدى ئەقسانى بىنا قىلغان.
مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشى
1882. سوئال: مەسجىدى ئەقسا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا تۇنجى قېتىم قاچان ئۆتكەن؟
جاۋاب: ھىجرىيىنىڭ 14-يىلى (636م) ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دەۋرىدە، مەسجىدى ئەقسا غەربلىك خىرىستىيانلارنىڭ قولىدىن تىنچلىق يولى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. خىرىستىئانلار شۇ ۋاقىتتا مەسجىدى ئەقسانىڭ ئاچقۇچىنى ئىنجىللاردا بىشارەت بېرىلگەن ئادالەتلىك خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئۆز قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى شەرت قىلىپ، مەسجىدى ئەقسا جايلاشقان قۇدۇس شەھىرىدىن چېكىنگەن. مۇسۇلمانلار شۇنىڭدىن كېيىن، مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىچىگە «قىبلە جامىسى» دەپ تونۇلغان مەسجىدنى بىنا قىلغان. بۇ جامى مەسجىدى ئەقسانىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، قىبلە تەرىپىگە ئۇدۇل كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ «قىبلە جامىسى» دەپ ئاتالغان. ئەمەۋىيلەر دەۋرىدە بۇ مەسجىد قايتىدىن سېلىنىدۇ. بۇ ئىش 685- يىلىدىن 715- يىلىغىچە تولۇق 30 يىل داۋام قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا «قۇببە ئەسسەخرە» (تاش گۈمبەز) مۇ ياسىلىدۇ. مەسجىدى ئەقسانىڭ شەكلى ھازىرغىچە شۇ بويىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
1883. سوئال: خىرىستىيانلارنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان تۇنجى ھۇجۇمى قاچان بولغان؟
جاۋاب: بىر مىليوندىن كۆپرەك مۇنتىزىم ئەسكەر بىلەن قوراللانغان سەلىب ئارمىيىسى (غەرپ خىرىستىيان كۈچلىرى) 1099- يىلى 7- ئاينىڭ 20 – كۈنى قۇدۇس (ئىرۇسالىم) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، 70مىڭدىن كۆپرەك مۇسۇلماننى ئەڭ ۋەھشى ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق شەھەرنى ئىستىلا قىلغان. ئۇ چاغدا، مۇسۇلمانلاردىن ياشىنىپ قالغان، ئاجىز-ئۇرۇق كىشىلەر، ئاياللار ۋە بالىلار ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان بولۇپ، شەھەرگە بېسىپ كىرگەب خىرىستىيان ئارمىيىسى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرىلەپ قىلىچتىن ئۆتكۈزۈپ چىققان، قۇدۇس شەھىرى بىلەن مەسجىدى ئەقسا قانغا بويالغان، ھەتتا يوللاردا سۇ كەبى ئاققان قان بىلەن تاجاۋۇزچى قوشۇننىڭ ئاتلىرىمۇ قىزىل بويۇلۇپ كەتكەن. خىرىستىيانلارنىڭ قۇدۇس شەھىرىدىكى ھاكىمىيىتى90 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىشغالىيەت داۋامىدا مۇسۇلمانلارنى ئېزىپ، مەسجىدى ئەقسانى بۇزۇپ نۇرغۇنلىغان ۋەھشى جىنايەتلەرنى ئىشلىگەن( ).
1884. سوئال: مەسجىدى ئەقسا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئىككىنچى قېتىم قاچان ئۆتكەن؟
جاۋاب: مەسجىدى ئەقسا 1187- يىلى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى نامى مەشھۇر مۇسۇلمان قوماندان سالاھىددىن ئەييۇبىي تەرىپىدىن خىرىستىيانلارنىڭ قولىدىن ئازات بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن. ئەپسۇسكى، مەسجىدى ئەقسا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا يەنە تۇرالمىدى. 1229 – يىلى 3- ئايدا مەسجىدى ئەقسا قايتىدىن خىرىستىيانلارنىڭ قولىغا چۈشۇپ كەتكەن بولسىمۇ، 1244- يىلى سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى پادىشاھ كامىل تەرىپىدىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان. قۇدۇس شەھىرى مەسجىدى ئەقسا بىلەن بىرلىكتە شۇ زامانلاردىن باشلاپ تاكى 1948- يىلى يەھۇدىيلار پەلەستىننى ئىستىيلا قىلغانغا قەدەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولۇپ كەلگەن.
1885. سوئال: ئوسمانىيلار مەسجىدى ئەقسانى قانداق ھېمايە قىلغان؟
جاۋاب: ئوسمانىيلار ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىنى سىرتقى كۈچلەرنىڭ خىرىس قىلىشلىرىدىن قاتتىق قوغداپ كەلگەن. ھەتتا ئوسمانىيلار دەۋرىدە يەھۇدىيلار قۇدۇس شەھىرىنى قولىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشقان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمەي كەلگەن. يەھۇدىيلار پەلەستىندىكى يەرلىك ئەرەبلەرنى ئالداپ ئۇلارنىڭ ئۆي – ۋارانلىرىنى ۋە يەر – زېمىنلىرىنى شۇ ۋاقىتتىكى نورمال باھادىن نەچچە ھەسسە قىممەت باھادا سېتىپ ئېلىش ئارقىلىق تەدرىجى ھالدا پەلەستىننى ئىشغال قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغاندا، ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى 1892- يىلى مەخسۇس قارار چىقىرىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ يەھۇدىيلارغا ئۆي- زېمىن سېتىشىنى قاتتىق چەكلەپ كەلگەن. ئوسمانىيلار يېقىلغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ خۇددى چوپانسىز قالغان پادىغا ئوخشاش چېچىلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، قۇدۇس شەھىرى، جۈملىدىن مەسجىدى ئەقسا قوغداپ قېلىنمىدى. بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن يەھۇدىيلار پەلەستىن زېمىنىگە ئاز- ئازدىن يەرلىشىش ۋە يەرلىكلەرنىڭ ئۆي-ماكان ۋە زېمىنلىرىنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىش ئارقىلىق سان جەھەتتە مەلۇم بىر مىقدارغا يەتكەندىن كېيىن، ئەنگىلىينىڭ بىۋاسىتە ياردىمى ئاستىدا، پەلەستىننى ئىشغال قىلىشتىن ئىبارەت ئەسىرلەردىن بىرى پىلانلاپ كەلگەن رەزىل مەقسىتىگە يەتكەن.
1886. سوئال: مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇسۇلمانلار قەلبىدە قانداق ئورنى بار؟
جاۋاب: مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنى ئالاھىدە چوڭ بولۇپ، ئىسلام دەۋىتى باشلانغان تارىختىن بىرى باغلانغان بىر ئەقىدىدۇر. چۈنكى مەسجىدى ئەقسا جىمى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىبلىسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى قىبلىسىدۇر.
مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ جىنايەت
1887. سوئال: مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ جىنايەت قايسى؟
جاۋاب: مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ جىنايەت 1969- يىلى 8- ئاينىڭ 22- كۈنى يەھۇدىيلار تەرىپىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ رادىكاللىرىدىن ئەسلى ئاۋستۇرالىيەلىك مايكل دېنىس روھىن ئىسىملىك بىرسى مەسجىدى ئەقساغا ئوت قويۇۋەتكەن. مەسجىدى ئەقسانىڭ شەرقىي قىسمى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈل بولغان. («دىن ۋە ھايات 2000 سوئالغا جاۋاب» ناملىق ئەسەردىن).


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار