بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالماسلىق كرزىسى

 

بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالماسلىق كرزىسى

ئەللامە ئۇبنى جىبرىن

مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمىسى

بۇ كرزىسنى ھەل قىلىشنىڭ ئىككى چارىسى بار. بىرى ئىلمى چارە، يەنە بىرى ئەمەلىي چارە.

ئەمەلى چارىگە كەلسەك، ئۇ تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

1. بامدات نامىزىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدىكى ئورنىنى بىلىش.

 ھەدىستە مۇنداق دېگەن:«بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇغان ئادەم كېچىنىڭ ھەممىسىنى ناماز بىلەن ئۆتكۈزگەننىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ»دېگەن.(مۇسلىم رىۋايىتى).

(1)ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:« مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇنپتەن بىلەن بامدات نامىزىدۇر. كىشىلەر بۇ ئىككى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشتىكى كاتتا ساۋابنى بىلسە ئىدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ كېلۋەتتى.»(ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

(2)ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:« كىمكى بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئادا قىلغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ھېمايىسى ئاستىغا كىرگەن بولىدۇ.»(تەبەرانىي رىۋايىتى).

(3)ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:« بامدات بىلەن ئەسىر نامىزىنى جايىدا ئادا قىلغان ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ»( بۇخارى رىۋايىتى).

2. بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇماسلىقنىڭ خەتىرىنى بىلىش.

« مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزىدۇر»دېگەن ھەدىس بۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئوقۇمايدىغانلارنىڭ مۇناپىقلاردىن بولۇپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى سۆزلىمەكتە. چۈنكى شۇ ۋاقىتلاردا مەدىنىدىكى مۇناپىقلار يالغاندىن ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان، تەقۋا قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى. ئۇلار بامدات بىلەن خۇپتەنگە ئوخشاش قاراڭغۇدا ئوقۇلىدىغان نامازلارغا بارمايتتى. ئەمما پىشىن، ئەسىرگە ئوخشىغان نامازلاردا ھازىر بولۇپ ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلاردىن قىلىپ كۆرسىتەتتى. بۇ ئەھۋال ساھابىلارنىڭ ھەممىسىگە ئېنىق بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، بامدات بىلەن خۇپتەن نامازلىرىغا مۇناپىقلار كەلمەيدۇ، دەيدىغان ئېتىقاد ھۆكۈم سۈرەتتى. ھەتتا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ«بىراۋنى بامدات بىلەن خۇپتەن نامازلىرىدا كۆرمىسەك، ئۇنىڭ ھەققىدە يامان گۇمان قىلاتتۇق»دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« كىمكى بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئادا قىلغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ھېمايىسى ئاستىغا كىرگەن بولىدۇ»دېگەن ھەدىسى بامدات بىلەن خۇپتەن نامازلىرىنى ۋاقتىدا ئوقۇمىغانلار ئاللاھ تائالانىڭ ھېمايىسى ئاستىغا كىرەلمەيدۇ، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھېمايىسىگە كىرەلمىگەن ئادەم ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن خەتەر ئاستىدا قالغان ئادەم بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىمانىغا، ئەخلاقىغا، شۇنداقلا تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق بالايىئاپەتلەرنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ. چۈنكى مۇنداق كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ھېمايىسىگە كىرەلمىگەن ئىكەن، قوغدىنىشتىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ.

ئەمدى ئەمەلىي چارىگە كەلسەك، مۇسۇلمان ئادەم بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ۋاقتىدا ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە باسقۇچ بار. بۇ باسقۇچلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالماسلىق كرزىسىغا خاتىمە بېرىشتە ياردەمچى بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

(1) بۇرۇن ئۇخلاش. بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇپتەن نامىزىدىن ئىلگىرى ئۇخلاشنى ۋە خۇپتەندىن كېيىن سۆز قىلىشنى يامان كۆرىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. بۇنىڭغا بىنائەن، دەيمىزكى، مۇسۇلمان ئادەم خۇپتەن نامىزىدىن بۇرۇن ئۇخلىماسلىقى ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئۇخلىشى لازىم. چۈنكى خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇماستىن ئۇخلاپ قالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنى قازا قىلىۋېتىدۇ. كېچىدە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشنى ئادەت قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئاز سانلىقتۇر. شۇڭا خۇپتەننى ئوقۇماستىن ئۇخلاش ياخشى ئەمەس. ئەمما خۇپتەندىن كېيىن سۆزلەشنىڭ يامان كۆرىلىدىغانلىقىغا كەلسەك، خۇپتەننى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇخلاش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا سۆزلەش ئۇيقۇغا توسقۇن بولىدۇ، ھەتتا بەزى سۆزلەر ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاخشىمى ۋاقتىدا ئۇخلىيالمىغان ئادەم بامدات نامىزىغا تۇرالمايدۇ. خۇپتەندىن كېيىن سۆزلەشنىڭ يامان كۆرۈلگەنلىكىدىن مەقسەت پايدىسىز، بىھۈدە سۆزلەر بولۇپ، كېرەكلىك سۆزلەرنى قىلىش، ۋەز-نەسىھەت قىلىش ياكى كىتاب ئوقۇش قاتارلىقلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر.

ھازىرقى ئەسىردە ئاخشىمى بۇرۇن ئۇخلىيالماسلىقنىڭ بىرىنچى سەۋەبى تېلېۋىزور بولۇپ، ئۇنىڭ كونترولىنى قولىدا چىڭ تۇتالىغان ئادەم ئۇنىڭ خەتەرلىرىدىن ۋە زىيانلىرىدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ. ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەر تېلېۋىزور كونتروللىقىنى چىڭ تۇتالمىغانلىق سەۋەبتىن، ئۆزىنى، بالىلىرىنى خەتەرلەرگە ئاتىدۇ. چۈنكى تېلېۋىزور ئائىلە ئۈچۇن بىر زىيانلىق ئاپەتتۇر. ئۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى ئەلۋەتتە كۆپتۇر. بۇنى ھەركىم بىلىدۇ. خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن تېلېۋىزورنى تاقاپ بالىلارنى ئۇخلىتىپ، ئۆزىمۇ ۋاقتىدا ئۇخلىغان دادا ۋە ئانا ئۆزلىرىگە ۋە بالىلىرىغا چوڭ ياخشىلىق قىلغان بولىدۇ.

(2) ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تاھارەت ئېلىشقا، ئاخشاملىرى ئوقۇلىدىغان دۇئالارنى كۆپ ئوقۇش بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن .ئەتىگەن تۇرۇشقا ياردەمچى بولىدۇ.

(3) بامدات نامىزىغا تۇرۇشنى نىيەت قىلىپ يېتىش. بامداتنى ۋاقتىدا ئوقۇيمەن دېگەن نىيەت بىلەن ياتقان ئادەم چوقۇم ۋاقتىدا تۇرالايدۇ. ئەمما ئاغزىدا ئېيتسىمۇ كۆڭلىدە ئۇيقۇم قاچان قانسا شۇ ۋاقىتتا ئوقارمەن دەپ ياتقان ئادەم كۆپىنچە ئويغۇنالمايدۇ ۋە بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالمايدۇ.

(4) بامدات ۋاقتىغا ئۇدۇللاپ سائەتنىڭ سىگنالىنى بەلگىلەش. ھازىرقى ئەسىردە ۋايسى ۋاقىتتا مېنى ئويغىتىپ قويسۇن دېگەن ئادەم يانفوننىڭ سائىتىنى ئۇدۇللاش ئارقىلىقمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ. بۇ ئەڭ ئاسان ئۇسۇللارنىڭ بىرىدۇر.

بامدات ۋاقتىدا ئويغىنىشنىڭ مۇندىن باشقا چارىلىرىمۇ كۆپتۇر.

 


 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار